Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1تۆۋەندىكىلەر ئۆز قوشۇنلىرى بويىچە، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ماڭغان يوللىرىدۇر؛
2مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرىنى پۈتۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرى مۇنداق‫‪:‬‬ —
3بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى ئىسرائ‍ىللار رامسەس شەھىرىدىن سەپەرگە چىقتى؛ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئەتىسى ئۇلار بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەردانىلىك بىلەن يولغا چىقتى.  
4بۇ چاغدا مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى، يەنى بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى؛ پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چۈشۈردى.
5ئىسرائ‍ىللار رامسەستىن يولغا چىقىپ سۇككوتقا بېرىپ چېدىر تىكتى.
6ئۇلار سۇككوتتىن يولغا چىقىپ چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاننىڭ ئايىغىدىكى ئېتامغا بېرىپ چېدىر تىكتى.
7ئېتامدىن يولغا چىقىپ، ئايلىنىپ بائال‫‪‎-‎‬‬زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پى‫‪‎-‎‬‬خاخىروتقا بېرىپ مىگدولنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى.
8پى‫‪‎-‎‬‬خاخىروتتىن يولغا چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، ئېتام چۆلىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ماراھدا چېدىر تىكتى.
9ماراھدىن يولغا چىقىپ ئېلىمگە كەلدى؛ ئېلىمدە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە چېدىر تىكتى.
10ئېلىمدىن يولغا چىقىپ قىزىل دېڭىز بويىدا چېدىر تىكتى.
11قىزىل دېڭىزدىن يولغا چىقىپ سىن چۆلىدە چېدىر تىكتى.
12سىن چۆلىدىن يولغا چىقىپ دوفقاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
13دوفقاھدىن يولغا چىقىپ ئالۇشقا بېرىپ چېدىر تىكتى.
14ئاندىن كېيىن ئالۇشتىن يولغا چىقىپ رىفىدىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى، ئۇ يەردە خەلققە ئىچىدىغان سۇ تېپىلماي قالدى.
15رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، سىناي چۆلىگە بېرىپ چېدىر تىكتى.
16سىناي چۆلىدىن يولغا چىقىپ قىبروت‫‪‎-‎‬‬ھاتتاۋاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
17قىبروت‫‪‎-‎‬‬ھاتتاۋاھدىن يولغا چىقىپ ھازىروتتا چېدىر تىكتى.
18ھازىروتتىن يولغا چىقىپ رىتماھدا چېدىر تىكتى.

19رىتماھدىن يولغا چىقىپ رىممون‫‪‎-‎‬‬پەرەزدە چېدىر تىكتى.
20رىممون‫‪‎-‎‬‬پەرەزدىن يولغا چىقىپ لىبناھدا چېدىر تىكتى.
21لىبناھدىن يولغا چىقىپ رىسساھدا چېدىر تىكتى.
22رىسساھدىن يولغا چىقىپ كەھەلاتاھدا چېدىر تىكتى.
23كەھەلاتاھدىن يولغا چىقىپ شافىر تېغىدا چېدىر تىكتى.
24شافىر تېغىدىن يولغا چىقىپ ھاراداھتا چېدىر تىكتى.
25ھاراداھدىن يولغا چىقىپ ماكھىلوتتا چېدىر تىكتى.
26ماكھىلوتتىن يولغا چىقىپ تاھاتتا چېدىر تىكتى.
27تاھاتتىن يولغا چىقىپ تەراھدا چېدىر تىكتى.
28تەراھدىن يولغا چىقىپ مىتقاھدا چېدىر تىكتى.
29مىتقاھدىن يولغا چىقىپ ھاشموناھتا چېدىر تىكتى.
30ھاشموناھتىن يولغا چىقىپ موشەروتتا چېدىر تىكتى.
31موشەروتتىن يولغا چىقىپ بەنە‫‪‎-‎‬‬يائاكاندا چېدىر تىكتى.
32بەنە‫‪‎-‎‬‬يائاكاندىن يولغا چىقىپ خور‫‪‎-‎‬‬ھاگىدگادقا بېرىپ چېدىر تىكتى.
33خور‫‪‎-‎‬‬ھاگىدگادتىن يولغا چىقىپ يوتباتاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
34يوتباتاھتىن يولغا چىقىپ ئابروناھقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
35ئابروناھتىن يولغا چىقىپ ئەزىئون‫‪‎-‎‬‬گەبەرگە كېلىپ چېدىر تىكتى.
36ئەزىئون‫‪‎-‎‬‬گەبەردىن يولغا چىقىپ زىن چۆلىدە، يەنى قادەشتە چېدىر تىكتى.

37قادەشتىن يولغا چىقىپ ئېدوم زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا چېدىر تىكتى.
38ئىسرائ‍ىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ شۇ يەردە ئۆلدى.
39ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلگەن چېغىدا بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى.
40ئۇ چاغدا، قانائان زېمىنىنىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى ئاراد ئىسرائ‍ىللار كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدى.
41ئىسرائ‍ىللار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ زالموناھدا چېدىر تىكتى.
42زالموناھدىن يولغا چىقىپ پۇنونغا كېلىپ چېدىر تىكتى.
43پۇنوندىن يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
44ئوبوتتىن يولغا چىقىپ موئابنىڭ چېگرىسىدىكى ئىيە‫‪‎-‎‬‬ئابارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى.
45ئىيىمدىن يولغا چىقىپ دىبون‫‪‎-‎‬‬گادقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
46دىبون‫‪‎-‎‬‬گادتىن يولغا چىقىپ ئالمون‫‪‎-‎‬‬دىبلاتايىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى.
47ئالمون‫‪‎-‎‬‬دىبلاتايىمدىن يولغا چىقىپ نېبونىڭ ئالدىدىكى ئابارىم تاغلىقىغا كېلىپ چېدىر تىكتى.
48ئابارىم تاغلىقىدىن يولغا چىقىپ يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە چېدىر تىكتى.
49موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تىككەن چېدىرلىرى بەيت‫‪‎-‎‬‬يەشىموتتىن تارتىپ ئابەل‫‪‎-‎‬‬شىتتىمغىچە باردى.  
50پەرۋەردىگار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
51سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن‫‪:‬‬ — «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا،
52زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويما، قۇيما بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاڭلار ھەم بارلىق «يۇقىرى جاي»لىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلاڭلار.  
53سىلەر شۇ زېمىننى ئىگىلەپ ماكانلىشىڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنمەن.
54سىلەر جەمەت بويىچە چەك تاشلاپ، زېمىننى ئۆزۈڭلەرگە مىراس قىلىپ ئېلىڭلار؛ ئادىمى كۆپرەكلەرگە كۆپرەك مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ ئادىمى ئازراقلارغا ئازراق مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چەك تاشلانغاندا كىملەرگە قەيەر چىققان بولسا، شۇ يەر ئۇنىڭ مىراسى بولسۇن؛ سىلەر مىراسقا ئاتا قەبىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىڭلار.

55ھالبۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋەتمىسەڭلار، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلار چوقۇم كۆزۈڭلەرگە تىكەن، بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، تۇرغان زېمىنىڭلاردا سىلەرنى پاراكەندە قىلىدۇ؛
56ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەسلىدە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى بولغان بولسام، سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلدە بولىمەن».