Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. بۇ سىلەر ئۈچۈن كانايلار چېلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ.  
2سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، يەتتە بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار.
3شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى،
4شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛
5شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن.
6شۇلارنى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارغا قۇشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەلىرىنىڭ سىرتىدا سۇنۇڭلار؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىرى بەلگىلىمە بويىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ سۇنۇلسۇن.
7يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ.  
8سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›.
9شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى،
10شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى،
11شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كافارەت كۈنىدىكى گۇناھ قۇربانلىقى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن.
12يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار؛
13سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئون ئۈچنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›.
14شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ئون ئۈچ تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، ئىككى قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى،
15ئون تۆت قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى،
16شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
17ئىككىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئون ئىككىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
18ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار.

19شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن.
20ئۈچىنچى كۈنى بىر ياش تورپاقتىن ئون بىرنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
21ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
22شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
23تۆتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئوننى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
24ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
25شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
26بەشىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن توققۇزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
27ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
28شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
29ئالتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن سەككىزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
30ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
31شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
32يەتتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن يەتتىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
33ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
34شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
35سەككىزىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلماڭلار.
36سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›

37ھەمدە تورپاق، قوچقار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ، بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
38شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدىمۇ بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
39بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق‫‪‎-‎‬‬ھەدىيەلەر ئەنە شۇلاردۇر؛ سىلەرنىڭ قەسەمگە باغلىق ياكى ئىختىيارەن سۇنىدىغانلىرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭلار، شاراب ھەدىيەلىرىڭلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدىدۇر.
40شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئىسرائ‍ىللارغا ئۇقتۇردى.