1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
3سەن ئىسرائىللارغا ئەمر قىلىپ: «سىلەر پىسە-ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئاقما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى، شۇنداقلا ئۆلۈككە تېگىشى بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان ھەممىسىنى ئەر-ئايال دېمەي بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار. بارگاھلارنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار؛ چۈنكى مەن بارگاھ ئوتتۇرىسىدا ماكان قىلدىم» — دېگىن، — دېدى.
4ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلدى.
5پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
6سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: ــ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ھەرقانداق گۇناھلىرىدىن بىرىنى سادىر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلسە،
7ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا ئىقرار قىلىپ، ئىتائەتسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بېرىشى كېرەك ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا ئۇ كىشىگە يەنە بەشتىن بىر ئۈلۈشنى قوشۇپ تۆلەپ بەرسۇن.
8زىيانلانغۇچىنىڭ مۇبادا ئىتائەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنى ئالغۇدەك تۇغقىنى بولمىسا، تۆلەم پۇلى گۇناھكار بولغان كىشىنىڭ كافارىتىگە سۇنۇلىدىغان قوشقارغا قوشۇلۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، كاھىنغا بېرىلسۇن.
9شۇنىڭدەك ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئاتىغان بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرى، يەنى كاھىنغا كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن بارلىق «كۆتۈرمە قۇربانلىق-ھەدىيە»لەر كاھىنغا ھېساب بولسۇن.
10ھەركىم خۇداغا ئاتىغان ھەدىيەلەر مۇقەددەس دەپ ھېسابلانسۇن، شۇنداقلا كاھىننىڭ بولسۇن؛ كىشىلەر كاھىنغا نېمە ھەدىيە قىلسا، ئۇنىڭ ھەممىسى كاھىننىڭ بولسۇن.
11پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
12سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — ئەگەر بىرسىنىڭ خوتۇنى ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا،
13— دېمەك، باشقا بىرسى بىلەن يېقىنلاشقان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقى ئېرىنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇن بولغان بولسا، ھېچ گۇۋاھچى بولمىغان ھەم گۇناھ قىلغان چېغىدا تۇتۇلۇپمۇ قالمىغان بولسا،
14— شۇنداق ئەھۋالدا، ئېرى ئۆز خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، خوتۇنى راستلا زىنا قىلىپ بۇلغانغان بولسا ‹ياكى ئۆز خوتۇنىغا گۇمان قىلىپ كۈنلىسىمۇ، خوتۇنى زىنا قىلمىغان ۋە بۇلغانمىغان بولسا›
15ئەھۋالىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ ئادەم خوتۇنىنى كاھىننىڭ يېنىغا ئەكەلسۇن ھەم خوتۇنى ئۈچۈن زۆرۈر ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى ئارپا ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئالغاچ كەلسۇن؛ شۇ ھەدىيەنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھېچ زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ھېچ مەستىكى قوشۇپ قويمىسۇن؛ چۈنكى بۇ كۈنداشلىق ھەدىيەسى، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىگە بولغان ئەسلەتمىدۇر.
16كاھىن ئۇ خوتۇننى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزسۇن.
17كاھىن كومزەككە مۇقەددەس سۇدىن قۇيۇپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەر توپىسىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ سۇغا چېچىپ قويسۇن.
18كاھىن ئۇ خوتۇننى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇپ، بېشىنى ئېچىپ، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى كۈنداشلىق ھەدىيەسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن، ئاندىن كاھىن قولىغا قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئالسۇن.
19كاھىن ئۇ خوتۇنغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، ئۇنىڭغا «دەرۋەقە سەن ھېچقانداق ئادەم بىلەن بىللە ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشقا ئېزىپ بۇزۇقلۇق قىلمىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىدىن خالاس بولغايسەن.
20لېكىن سەن ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسىگە يېقىنلىشىپ ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، ئېرىڭدىن باشقا بىر ئەر سەن بىلەن بىللە ياتقان بولسا، —» دېسۇن؛
22ئاندىن كاھىن ئۇ خوتۇنغا قارغىش قەسىمىنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭغا: «-- پەرۋەردىگار يوتاڭنى يىگلىتىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقىڭ ئىچىدە قارغىش ۋە قەسەم ئىچىش دەستىكىگە ئايلاندۇرسۇن؛ بۇ قارغىش سۈيى ئىچ-قارنىڭغا كىرىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، يوتاڭنى يىگىلىتىۋەتسۇن» دېگەندە، ئۇ خوتۇن: «ئامىن، ئامىن» دېسۇن.
23شۇنىڭدەك كاھىن بۇ قارغىش سۆزلىرىنى دەپتەرگە پۈتۈپ قويسۇن، شۇنداقلا يازغان سۆزلەرنى ئەلەم سۈيىگە چىلىسۇن،
24ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئىچكۈزسۇن، بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم بولىدۇ.
25كاھىن ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىن كۈنداشلىق ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانگاھقا ئېلىپ كەلسۇن.
26كاھىن ھەدىيەدىن بىر سىقىم ئۇن ئېلىپ، خاتىرە ھېسابىدا قۇربانگاھقا قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ سۇنى ئىچكۈزسۇن.
27كاھىن ئەمدى ئۇ خوتۇنغا سۇنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۇھەقىقىي بۇلغانغان بولۇپ، ئۆز ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ قارغىش سۈيى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قورسىقى ئىششىپ، يوتىسى يىگىلەپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن ئۆز خەلقى ئىچىدە قارغىشقا كېتىدۇ.
28لېكىن ئەگەر ئۇ خوتۇن بۇلغانمىغان پاك بولسا، شۇ ئىشتىن خالاس بولىدۇ ۋە ئەكسىچە ھامىلىدار بولۇپ پەرزەنتلىك بولىدۇ.
29مانا بۇ كۈنداشلىق توغرىسىدىكى قانۇندۇر؛ خوتۇن ئۆز ئېرىنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشى بىلەن ئېزىپ بۇلغانغان بولسا
30ۋە ياكى بىرسى خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، ئۇنداقتا ئۇ خوتۇنىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن، كاھىن ئۇنىڭغا شۇ قانۇن بويىچە ھەممىنى ئىجرا قىلسۇن.
31ئەنە شۇنداق قىلغاندا، ئەر گۇناھتىن خالاس بولۇپ، خوتۇن ئۆز گۇناھىنى كۆتىرىدۇ.