Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
2ئىسرائ‍ىللار ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇغى ئاستىغا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا چېدىر تىكسۇن؛ جامائەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن سەل يىراقراق بارگاھ قۇرسۇن.
3كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرق تەرەپكە قارىتىپ ئۆز تۇغى ئاستىدا قوشۇن‫‪‎-‎‬‬قىسمى بويىچە بارگاھ قۇرىدىغىنى يەھۇدابولسۇن؛ يەھۇدالارنىڭ ئەمىرى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولسۇن.
4ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى.
5ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئىسساكار قەبىلىسى بولسۇن؛ ئىسساكارلارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولسۇن.
6ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى.
7ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە زەبۇلۇن قەبىلىسى بولسۇن؛ زەبۇلۇنلارنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولسۇن.
8ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى.
9ئومۇمەن يەھۇدا بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن‫‪‎-‎‬‬قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەكسەن ئالتە مىڭ تۆت يۈز كىشى؛ ئۇلار ئالدى بىلەن يولغا چىقسۇن.
10— جەنۇب تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى رۇبەن قەبىلىسى بولسۇن؛ رۇبەنلارنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولسۇن.
11ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى.
12ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى شىمېئون قەبىلىسى بولسۇن؛ شىمېئونلارنىڭ ئەمىرى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولسۇن.
13ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى.
14ئۇلارنىڭ يېنىدا گاد قەبىلىسى بولسۇن؛ گادلارنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولسۇن.
15ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى.
16رۇبەن بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇنى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىريۈز ئەللىك بىر مىڭ تۆت يۈز ئەللىك كىشى؛ ئۇلار ئىككىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن.
17ئاندىن جامائەت چېدىرى بىلەن لاۋىيلارنىڭ بارگاھى باشقا بارگاھلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭسۇن؛ ئۇلار قانداق بارگاھ قۇرغان بولسا، شۇنداق يولغا چىقسۇن؛ ھەر قايسىسى ئۆز ئورنىدا ئۆز تۇغى ئاستىدا بولسۇن.
18— كۈن پېتىش تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى ئەفرائىم قەبىلىسى بولسۇن؛ ئەفرائىملارنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولسۇن.

19ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى.
20ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ماناسسەھ قەبىلىسى بولسۇن؛ ماناسسەھلەرنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولسۇن.
21ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى.
22ئۇلارنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسى بولسۇن؛ بىنيامىنلارنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولسۇن.
23ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى.
24ئومۇمەن ئەفرائىم بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەككىز مىڭ بىر يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۈچىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن.
25— شىمال تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى دان قەبىلىسى بولسۇن. دانلارنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولسۇن.
26ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى.
27ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئاشىر قەبىلىسى بولسۇن؛ ئاشىرلارنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولسۇن.
28ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى.
29ئۇلارنىڭ يېنىدا نافتالى قەبىلىسى بولسۇن؛ نافتالىلارنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولسۇن.
30ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى.
31دان بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن‫‪‎-‎‬‬قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك يەتتە مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۆز تۇغلىرى ئاستىدا ھەممىنىڭ كەينىدە يولغا چىقسۇن.
32يۇقىرىدىكىلەر ئۆز ئاتا جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائ‍ىللاردۇر؛ قوشۇن‫‪‎-‎‬‬قىسىملىرى بويىچە بارگاھلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى.
33بىراق لاۋىيلارلا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە، ئىسرائ‍ىللار قاتارىدا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى.
34ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە ئىش تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇغى بويىچە بارگاھ قۇراتتى؛ ئۇلار ئۆز قەبىلىسى ۋە ئاتا جەمەتى تەرتىپى بويىچە يولغا چىقاتتى.