Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بالائام بالاققا‫‪:‬‬ — سىلى مۇشۇ يەرگە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ ياسىتىپ بەرسىلە، مۇشۇ يەرگە يەنە يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ ھازىرلاپ بەرسىلە، — دېدى.
2بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بەردى؛ بالاق بىلەن بالائام ئىككىسى ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق قىلىشقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندى.
3بالائام بالاققا‫‪:‬‬ — سىلى ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا، مەن ئالدىغا بارىمەن، پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەمدىكىن؟ ئۇ ماڭا نېمە دەپ كۆرسەتمە بەرسە، مەن ئۆزلىرىگە شۇنى دەپ بېرىمەن، — دېدى ۋە بىر دۆڭگە چىقتى.
4خۇدا بالائام بىلەن كۆرۈشتى؛ بالائام خۇداغا‫‪:‬‬ — مەن يەتتە قۇربانگاھ ھازىرلاتتىم، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندۇم، — دېدى.
5پەرۋەردىگار بالائامنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ‫‪:‬‬ — بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
7بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ — بالاق مېنى ئارام دېگەن يۇرتتىن، موئاب شاھى بالاق مېنى مەشرىق تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ — كەل، مېنىڭ ئۈچۈن ياقۇپنى قارغىغىن. كەل، ئىسرائىلنى راسا بىر سۆكۈپ ئەيىبلىگىن.
8تەڭرى ئۆزى قارغىمىغان بىراۋنى مەن قانداق قارغاي؟ پەرۋەردىگار ئۆزى سۆكۈپ ئەيىبلىمىگەن بىراۋنى مەن قانداق سۆكۈپ ئەيىبلەي؟
9مەن قورام تاشلارنىڭ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرمەكتىمەن، دۆڭلەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەزەر سالماقتىمەن؛ مانا، ئۇلار يەككە ياشايدىغان بىر قوۋم، ئۇلار باشقا قوۋملارنىڭ قاتارىدا سانالمايدۇ.
10ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟ ھەتتا ئىسرائىلنىڭ تۆتتىن بىرىنىمۇ كىم ساناپ چىقالايدۇ؟ مېنىڭ جېنىم ھەققانىينىڭ ئۆلۈمىدەك ئۆلسۇن، مېنىڭ ئاخىرىم ئۇنىڭكىدەك بولغاي!
11بالاق بالائامغا قاراپ‫‪:‬‬ — سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى.
12— پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىمغا سالغىنىنى يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل قويمىسام بولامتى؟ — دەپ جاۋاپ بەردى بالائام.
13بالاق بالائامغا‫‪:‬‬ — مېنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر يەرگە بارسىلا، ئۇلارنى شۇ يەردىن كۆرەلەيلا؛ بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ چېگرىدىكى بىر قىسمىنىلا كۆرەلەيلا؛ سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغاپ بەرسىلە، — دېدى.
14شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى «زوفىمنىڭ دالاسى»غا، پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا باشلاپ بېرىپ، شۇ يەردە يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا، بىردىن قوشقار سۇندى.
15بالائام بالاققا‫‪:‬‬ — سىلى مۇشۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئاۋۇ ياققا بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، — دېدى.
16پەرۋەردىگار بالائام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ‫‪:‬‬ — سەن بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.
17بالائام بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. — پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ — دەپ سورىدى بالاق.
18بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ — «ھەي بالاق، سەن قوپۇپ ئاڭلىغىن، ئاھ ، زىپپورنىڭ ئوغلى، ماڭا قۇلاق سالغىن.

19تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟
20مانا، ماڭا «بەرىكەتلە» دەپ تاپشۇرۇلدى، ئۇ بەرىكەتلىگەنىكەن، بۇنى مەن ياندۇرالمايمەن.
21ئۇ ياقۇپتا ھېچ گۇناھ كۆرمىگەن، ئىسرائىلدا ناھەقلىقنى ئۇچراتمىغان. خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى ئۇنىڭ ئارىسىدىدۇر.  
22تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان؛ ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر.  
23چۈنكى ياقۇپلارغا ئەپسۇن كارغا كەلمەيدۇ، ئىسرائىللارغىمۇ پال كارغا كەلمەيدۇ. ۋاقتى‫‪‎-‎‬‬سائىتى كەلگەندە، ياقۇپ بىلەن ئىسرائىل توغرىسىدا‫‪:‬‬ — «تەڭرى نەقەدەر كارامەت ئىش قىلىپ بەرگەن‫‪‎-‎‬‬ھە!» دەپ جاكارلانماي قالمايدۇ!
24مانا، بۇ قوۋم چىشى شىردەك قوپىدۇ، ئەركەك شىردەك قەددىنى رۇسلايدۇ؛ ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنى يېمىگۈچە، ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە، ھەرگىز ياتمايدۇ!».
25بالاق بالائامغا‫‪:‬‬ — بولدى، سىلى ئۇلارنى ئازراقمۇ قارغىمىسىلا، ئۇلارغا ئامەتمۇ تىلىمىسىلە! — دېدى.
26بالائام بالاققا جاۋاب قىلىپ‫‪:‬‬ — مەن سىلىگە‫‪:‬‬ — «پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ — دېدى.
27بالاق بالائامغا‫‪:‬‬ — كەلسىلە، مەن سىلىنى باشقا بىر يەرگە ئاپىراي، خۇدانىڭ نەزىرىدە سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى قارغاشلىرى مۇۋاپىق تېپىلارمىكىن؟ — دېدى.
28شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى باشلاپ، چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋانغا قارايدىغان پېئور تېغىنىڭ چوققىسىغا كەلدى.
29بالائام بالاققا‫‪:‬‬ — سىلى بۇ يەردە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ بەرسىلە، يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ تەييارلاپ بەرسىلە، — دېدى.
30بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ھەربىر قۇربانگاھقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوچقار سۇندى.