1ئىسرائىللار يەنە يولغا چىقىپ موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر تىكتى.
2ئىسرائىللارنىڭ ئامورىيلارغا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق كۆرۈپ تۇرغانىدى.
3موئابلار خەلقتىن ئىنتايىن قورقۇشتى، چۈنكى ئۇلار بەك كۆپ ئىدى؛ موئابىيلار ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن بەك ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.
4موئابىيلار مىدىيان ئاقساقاللىرىغا: «بۇ بىر توپ ئادەم ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى، خۇددى كالا ئېتىزدىكى ئوتنى يالمىغاندەك يالماپ يەپ كېتىدىغان بولدى» — دېيىشتى. ئۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى.
5ئۇ ئەلچىلەرنى بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئالدىغا، بالائامنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئۇلۇغ دەريا بويىدىكى پېتور شەھىرىگە بېرىپ، بالائامنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتىپ: پادىشاھىمىز: — «قارىسىلا، بىر خەلق مىسىردىن چىققانىدى؛ مانا، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى، مانا ئۇلار بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ چۈشتى.
6ئۇلار مېنىڭدىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئەمدى ئۆزلىرى كېلىپ بۇ خەلقنى مەن ئۈچۈن بىر قارغاپ بەرگەن بولسىلا؛ بەلكىم مەن ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىشىم مۈمكىن؛ چۈنكى ئۆزلىرى كىمگە بەخت تىلىسىلە شۇنىڭ بەخت قۇچىدىغانلىقىنى، كىمنى قارغىسىلا، شۇنىڭ قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن» دەيدۇ، دەڭلار، — دېدى.
7موئابنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مىدىياننىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىدا پال سېلىش ئىنئاملىرىنى ئېلىپ ماڭدى؛ ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ بالاقنىڭ گەپلىرىنى يەتكۈزدى.
8بالائام ئۇلارغا: — بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان سۆزى بويىچە سىلەرگە جاۋاپ يەتكۈزىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن موئابنىڭ شۇ ئەمىرلىرى بالائامنىڭكىدە قونۇپ قالدى.
9خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ: — سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان بۇ ئادەملەر كىم؟ — دېۋىدى،
10بالائام خۇداغا: — موئاب پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ماڭا:
11«قارىسىلا، مىسىردىن بىر خەلق چىققانىدى، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى؛ بۇ يەرگە كېلىپ مېنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاپ بەرسىلە، شۇنداق قىلسىلا بەلكىم ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ يەردىن قوغلىۋېتەلىشىم مۈمكىن» — دېدى، — دېدى.
12خۇدا بالائامغا: سەن ئۇلار بىلەن بىللە بارساڭ بولمايدۇ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغان، — دېدى.
13بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرىغا: — سىلەر ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ سىلەر بىلەن بىللە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى، — دېدى.
14موئابنىڭ ئەمەلدارلىرى قوپۇپ بالاقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بالائام بىز بىلەن بىللە كېلىشكە ئۇنىمىدى، — دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن بالاق تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ مۆتىۋەر ئەمەلدارلارنى ئەۋەتتى،
16ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — «زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق مۇنداق دەيدۇ: — «ھېچنېمە سىلىنىڭ يېنىمغا كېلىشلىرىنى توسۇمىغاي؛
17چۈنكى مەن ئۆزلىرىنى زور شان-شۆھرەتكە ئېگە قىلىمەن؛ نېمە دېسىلە ماقۇل دەيمەن؛ شۇڭا ماڭا ئەشۇ خەلقنى قارغاپ بەرسىلىلا بولىدۇ»، — دېدى.
18بالائام بالاقنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋابەن: — بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش قىلاي، خۇدايىم پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا بۇيرۇغانلىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيمەن.
19سىلەرمۇ بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، پەرۋەردىگار يەنە شۇ ئىشلار توغرىسىدا ماڭا نېمە دەيدىكىن، شۇنى بىلەي، — دېدى.
20شۇ كېچىسى خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ ئۇنىڭغا: — ئۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن، لېكىن سەن مېنىڭ ساڭا ئېيتىدىغانلىرىم بويىچە ئىش قىلىشىڭ كېرەك، — دېدى.
21بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ ئېشىكىنى توقۇپ موئابنىڭ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ماڭدى.
22خۇدا بالائامنىڭ ماڭغانلىقىدىن غەزەپلەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى توسۇشقا يولدا تۇراتتى. ئۇ شۇ چاغدا ئېشىكىگە مىنىپ ئىككى غۇلامى بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى.
23مادا ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئالغان ھالدا يولدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چىقىپ ئېتىزلىق بىلەن مېڭىۋىدى، بالائام ئېشەكنى يولغا چىقىپ مېڭىشقا دۇمبالاپ ئۇردى.
24پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى تەرىپى توسما تام بىلەن توسالغان ئۈزۈمزارلىقتىكى تار بىر يولدا تۇرۇۋالدى.
25ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تامغا قىستىلىپ مېڭىپ، بالائامنىڭ پۇتىنى تامغا قىستاپ يارىلاندۇرۇپ قويدى؛ بالائام ئېشەكنى يەنە دۇمبالىدى.
26پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا يەنە ئالدىغىراق بېرىپ، ئوڭ يا سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدىغان تېخىمۇ تار بىر يەردە كۈتۈپ تۇردى.
27ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ ماڭماي، بالائامنىڭ ئاستىدا يېتىۋالدى؛ بالائام قاتتىق خاپا بولۇپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن قاتتىق دۇمبالاپ كەتتى.
28بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئېشەككە زۇۋان كىرگۈزۈۋىدى، ئېشەك بالائامغا: — مېنى ئۈچ قېتىم دۇمبالايدىغانغا ساڭا نېمە يامانلىق قىپتىمەن؟ — دېۋىدى،
29بالائام ئېشەككە: — سەن مېنى سەتلەشتۈردۈڭ، قولۇمدا قىلىچ بولغان بولسا ئىدى، سېنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم! — دېدى.
30ئېشەك بالائامغا: — مەن سېنىڭكى بولغىنىمدىن تارتىپ مىنىپ كەلگەن ئېشىكىڭ مەن ئەمەسمۇ؟ ئىلگىرى مەن ساڭا مۇشۇنداق قىلىش ئادىتىم بولۇپ باققانمۇ؟ — دېۋىدى، — ياق، — دېدى بالائام.
31ئەنە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بالائامنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى، بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقىرىپ، يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى؛ ئۇ يەرگە بېشىنى قويۇپ سەجدە قىلدى.
32پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: — سەن ئېشىكىڭنى نېمە ئۈچۈن ئۈچ قېتىم دۇمبالايسەن؟ قارىغىنا، ماڭغان يولۇڭ مېنىڭ نەزىرىمدە تەتۈر بولغاچقا،سېنى توسۇشقا چىققۇچى مەن ئۆزۈم ئىدىم.
33ئېشەك مېنى كۆرۈپ ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتتى؛ ئەگەر ئېشەك مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتمىگەن بولسا، مەن ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ ئېشەكنى تىرىك قالدۇرغان بولاتتىم، — دېدى.
34بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: — مەن گۇناھكارمەن، ئۆزلىرىنىڭ يولدا مېنى توسۇپ تۇرغانلىقلىرىنى كۆرمەپتىمەن؛ مۇبادا ئەمدى مېنىڭ بېرىشىم نەزەرلىرىدە رەزىل كۆرۈنسە، مەن قايتىپ كېتەي، — دېدى.
35پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بالائامغا يەنە: — بوپتۇ، بۇ كىشىلەر بىلەن بىللە بارغىن، بىراق پەقەت مەن ساڭا دېگەن سۆزنىلا دېگىن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن بالائام بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە ماڭدى.
36بالاق بالائامنى كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، قارشى ئېلىش ئۈچۈن موئابنىڭ ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى، چېگرىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى شەھىرىگە كەلدى:
37— مەن سىلىنى چاقىرىشقا شۇنچە جىددىي ئەلچى ئەۋەتكەنىدىم، نېمە ئۈچۈن كېلىشكە ئۇنىمىدىلا؟ مەن سىلىنى شان-شۆھرەتكە ئىگە قىلالمايتتىممۇ؟ — دېدى بالاق بالائامغا.
38— قارىسىلا، مانا كەلدىمغۇ، ئەمدى مەن ئۆز ئالدىمغا بىرنېمە دېيەلەيتتىممۇ؟ — دېدى بالائام، — خۇدا ئاغزىمغا نېمە گەپنى سالسا، مەن شۇنىلا دەيمەن.
39بالائام بالاق بىلەن بىللە يولغا چىقىپ كىرىئات-خۇزوتقا كەلدى.
40بالاق كالا، قويلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۆشىدىن بالائام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئەمىرلەرگە ئەۋەتىپ بەردى.
41ئاندىن بالاق ئەتىسى سەھەردە بالائامنى بائالنىڭ ئېگىز جايلىرىغا ئېلىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەڭ چەتتىكى بىر قىسمىنى كۆردى.