Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
2سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق ئەمر قىل، ئۇلار مىراس قىلىپ ئېرىشكەن زېمىندىكى بەزى شەھەرلەرنى لاۋىيلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرسۇن؛ ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى يايلاقلارنىمۇ لاۋىيلارغا بەرسۇن.
3شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان شەھەرلىرى بولىدۇ ۋە شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلارغا ئۇلارنىڭ چارپايلىرى، باشقا مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكلىرى ھەمدە بارلىق ھايۋانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
4سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەردىكى يايلاقلار سېپىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا مىڭ گەز بولسۇن.
5سىلەر يەنە شەھەر سىرتىدىن كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، شىمال تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز ئۆلچەڭلار، شەھەر ئوتتۇرىدا بولسۇن؛ شەھەرلەر ئەتراپىدىكى مۇشۇ يەرلەر ئۇلار ئۈچۈن يايلاقلار بولسۇن.
6سىلەر لاۋىيلارغا بەرگەن شەھەرلەر ئىچىدە ئالتە شەھەر «پاناھلىق شەھىرى» بولسۇن؛ سىلەر شۇلارنى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشىلەرنىڭ شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىكىتىڭلار؛ بۇلاردىن باشقا ئۇلارغا يەنە قىرىق ئىككى شەھەر بېرىڭلار.  
7سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز بولۇپ، شۇ شەھەرلەر بىلەن ئۇلارغا تەۋە يايلاقلار ئۇلارغا بېرىلسۇن.
8سىلەر ئۇلارغا بېرىدىغان شۇ شەھەرلەر ئىسرائ‍ىللار مىراس قىلغان تەۋەلىكلەردىن بولسۇن؛ ئادىمى كۆپرەك بولغانلاردىن كۆپرەك، ئادىمى ئازراق بولغانلاردىن ئازراق ئېلىڭلار؛ ھەربىر قەبىلە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان مىراسقا ئاساسەن شەھەرلەردىن بەزىلىرىنى ئېلىپ لاۋىيلارغا تەقسىم قىلىپ بەرسۇن.
9پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
10سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرگىنىڭلاردا،
11تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىرنەچچە شەھەر تاللاپ بېكىتىڭلار.
12شۇنداق قىلغاندا بۇ شەھەرلەر ئادەم ئۆلتۈرگۈچى تاكى جامائەت ئالدىدا سوراققا تارتىلغۇچە، قىساسكارنىڭ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدىن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر بولىدۇ.
13سىلەر بېكىتكەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە پاناھلىنىدىغان ئالتە شەھەر بولىدۇ.
14پاناھلىق شەھىرى ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ئۈچ شەھەر، قانائان زېمىنىدىمۇ ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ قويۇڭلار.
15بۇ ئالتە شەھەر ئىسرائ‍ىللار، يات ئەلدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارىلىشىپ ئولتۇرغان مۇساپىرلار ئۈچۈن پاناھلىق شەھەرلىرى بولسۇن؛ تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە قېچىشقا بولىدۇ.
16— ئەگەر بىراۋ تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.
17ئەگەر بىراۋ قول كۆتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك تاش بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.
18ئەگەر بىراۋ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.

19قان قىساس ئالغۇچى كىشى شۇ قاتىلنى ئۆلتۈرسۇن؛ ئۇ قاتىلنى ئۇچراتقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.
20ئەگەر بىراۋ ئۆچمەنلىك بىلەن بىرسىنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىپ ياكى مۆكۈپ تۇرۇپ بىرەر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،
21ياكى ئۆچەكىشىپ مۇشت بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئادەم ئۇرغۇچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇ قاتىل بولىدۇ؛ قان قىساس ئالغۇچى كىشى قاتىلنى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈرۈۋەتسۇن.
22لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئۆچى يوق، تاسادىپىي ئىتتىرىۋېتىش ياكى مەقسەتسىزلا بىرەر نەرسە ئېتىپ،
23ياكى ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك ھەرقانداق بىر تاشنى ئادەمنى كۆرمەي ئېتىپ سېلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۆچى بولمىسا، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىمۇ بولمىسا؛
24بۇنداق ئەھۋالدا، جامائەت شۇ قانۇن‫‪‎-‎‬‬ھۆكۈملەرگە ئاساسەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى بىلەن قان قىساس ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدا كېسىم قىلسۇن.
25جامائەت تاسادىپىي ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قان قىساس ئالغۇچى كىشىنىڭ قولىدىن جەزمەن قۇتقۇزۇۋالسۇن؛ ئۇلار ئۇنى قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىگە ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن قايتۇرۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن مۇقەددەس ماي بىلەن مەسىھلەنگەن باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇ شۇ شەھەردە تۇرسۇن.
26لېكىن تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەگەر قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىنىڭ تەۋەسىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا،
27شۇنداقلا قان قىساس ئالغۇچى كىشى ئۇنى پاناھلىق شەھىرىنىڭ پاسىللىرىنىڭ سىرتىدا ئۇچرىتىپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا قان قىساس ئالغۇچى قان تۆكۈش گۇناھىنى تارتمايدۇ؛
28چۈنكى تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەسلىدە باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە پاناھلىق شەھىرىدە تۇرۇشى كېرەك ئىدى؛ باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆز تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قايتىپ بارسا بولىدۇ.
29— بۇلار سىلەر تۇرۇشلۇق ھەممە يەردە ئەۋلادمۇ‫‪‎-‎‬‬ئەۋلاد قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمىلەر بولسۇن.
30باشقا بىرسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بولسا، بىرنەچچە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن ئاندىن ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ؛ لېكىن پەقەت بىرلا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولمايدۇ.
31ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە، يەنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن سىلەر ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار؛ ئۇنداق كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.
32شۇنىڭدەك پاناھلىق شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالغان كىشى ئۈچۈن باش كاھىن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۆز يېرىگە قايتىپ كېلىۋېلىشىغا ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار.
33شۇنداق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار تۇرغان زېمىننى بۇلغىغان بولمايسىلەر، چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ؛ زېمىندا تۆكۈلگەن قانغا دەل شۇ قاننى تۆككەن كىشىنىڭ ئۆز قېنىدىن باشقا ھېچقانداق كافارەت كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ.
34ئۆزۈڭلار ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى مەن ئۆزۈم ماكان قىلغان زېمىننى بۇلغىماڭلار؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا ماكان تۇتقۇچىدۇرمەن.