Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 20

لۇقا 20:14-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ‫‪:‬‬ «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ.
15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟
16ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ». خالايىق بۇنى ئاڭلاپ‫‪:‬‬ ــ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولمىسۇن! ــ دېيىشتى.
17لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟  
18بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە‫‪‎-‎‬‬پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم‫‪‎-‎‬‬تالقان قىلىۋېتىدۇ.  
19باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى.
20شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى رىم ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى.   
21ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى‫‪:‬‬ ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز‫‪‎-‎‬‬خاتىرىسىنى قەتئىي قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز.
22رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج‫‪‎-‎‬‬سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ‫‪‎-‎‬‬يوق؟».
23ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟
24ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام‫‪‎-‎‬‬ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ قەيسەرنىڭكى، ــ دېدى.
25ۋە ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى.   
26ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيرانۇھەس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى.
27ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬  
28ــ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا بىزگە‫‪:‬‬ «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ دەپ يازغان.  

Read لۇقا 20لۇقا 20
Compare لۇقا 20:14-28لۇقا 20:14-28