Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى

يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بېشىمىزغا چۈشكەنلەرنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قارا، بىزنىڭ رەسۋاچىلىقتا قالغىنىمىزنى نەزىرىڭگە ئالغايسەن!
2مىراسىمىز ياتلارغا، ئۆيلىرىمىز ياقا يۇرتلۇقلارغا تاپشۇرۇلدى.
3بىز يېتىم‫‪‎-‎‬‬يېسىرلەر، ئاتىسىزلار بولۇپ قالدۇق؛ ئانىلىرىمىزمۇ تۇل قالدى.
4ئىچىدىغان سۇنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك؛ ئوتۇننى پەقەت پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ.
5بىزنى قوغلىغۇچىلار تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ ھالسىراپ، ھېچ ئارام تاپالمايمىز.
6جان ساقلىغۇدەك بىر چىشلەم ناننى دەپ، مىسىر ھەم ئاسۇرىيەگە قول بېرىپ بويسۇنغانمىز.
7ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز گۇناھ سادىر قىلىپ دۇنيادىن كەتتى؛ بىز بولساق، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرۈشكە قالدۇق.
8ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر قۇللاردۇر؛ بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغۇچى يوقتۇر.
9دالادا قىلىچ تۈپەيلىدىن، نېنىمىزنى تېپىشقا جېنىمىزنى تەۋەككۇل قىلماقتىمىز.
10تېرىمىز تونۇردەك قىزىق، ئاچلىق تۈپەيلىدىن قىزىتما بىزنى باسماقتا.
11زىئوندا ئاياللار، يەھۇدا شەھەرلىرىدە پاك قىزلار ئاياغ ئاستى قىلىندى.
12ئەمىرلەر قولىدىن دارغا ئېسىپ قويۇلدى؛ ئاقساقاللارنىڭ ھۆرمىتى ھېچ قىلىنمىدى.
13ياش يىگىتلەر يارغۇنچاقتا جاپا تارتماقتا، ئوغۇل بالىلىرىمىز ئوتۇن يۈكلەرنى يۈدۈپ دەلدەڭشىپ ماڭماقتا.
14ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرماس بولدى؛ يىگىتلەر نەغمە‫‪‎-‎‬‬ناۋادىن قالدى.
15شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق كۆڭلىمىزدىن كەتتى، ئۇسسۇل ئوينىشىمىز ماتەمگە ئايلاندى.
16بېشىمىزدىن تاج يىقىلدى؛ ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق!
17بۇنىڭ تۈپەيلىدىن يۈرەكلىرىمىز مۇجۇلدى؛ بۇلار تۈپەيلىدىن كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى ــ
18ــ زىئون تېغىغا قاراپ كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى، چۈنكى ئۇ چۆلدەرەپ كەتتى، چىلبۆرە ئۇنىڭدا پايلاپ يۈرمەكتە.

19سەن، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىسەن؛ تەختىڭ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگە داۋاملىشىدۇ.
20سەن نېمىشقا بىزنى دائىم ئۇنتۇيسەن؟ نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇنغىچە بىزدىن ۋاز كېچىسەن؟
21بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار! شۇنداق بولغاندا بىز قايتالايمىز! كۈنلىرىمىزنى قەدىمكىدەك ئەسلىگە كەلتۈرگەيسەن،
22ــ ئەگەر سەن بىزنى مۇتلەق چەتكە قاقمىغان بولساڭ، ئەگەر بىزدىن چەكسىز غەزەپلەنمىگەن بولساڭ!