Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى

يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1|א| (ئالەف) ئاھ! ئالتۇن شۇنچە جۇلاسىز بولۇپ كەتتى! ساپ ئالتۇن شۇنچە تۇتۇق بولۇپ كەتتى! مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ چېچىلدى!
2|ב| (بەت) زىئوننىڭ ئوغۇللىرى شۇنچە قىممەتلىك، ساپ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى، ھازىر ساپال كوزىلاردەك، ساپالچىنىڭ قولى ياسىغانلىرىچىلىكمۇ قىممىتى يوق دەپ قارىلىۋاتىدۇ!
3|ג| (گىمەل) ھەتتا چىلبۆرىلەر ئەمچىكىنى تۇتۇپ بېرىپ بالىلىرىنى ئېمىتىدۇ؛ لېكىن مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى.
4|ד| (دالەت) بوۋاقنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن تاڭلىيىغا چاپلىشىۋاتىدۇ؛ كىچىك بالىلار نان تىلىمەكتە، ھېچكىم ئۇلارغا ئوشتۇپ بەرمەيۋاتىدۇ.
5|ה| (خې) نازۇنېمەتلەرنى يەپ كۆنگەنلەر كوچىلاردا سارغىيىپ يۈرىدۇ؛ سۆسۈن كىيىم كىيدۈرۈلۈپ چوڭ قىلىنغانلار تېزەكلىكنى قۇچاقلاپ يېتىۋاتىدۇ.
6|ו| (ۋاۋ) خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى.
7|ז| (زائىن) خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق، تېنى قىزىل ياقۇتلاردىن پارقىراق ئىدى، تەقى‫‪‎-‎‬‬تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى.
8|ח| (خەت) ھازىر چىرايلىرى قۇرۇمدىن قارا؛ كوچىلاردا كىشىلەر تونىيالمىغۇدەك بولۇپ قالدى؛ بىر تېرە‫‪‎-‎‬‬بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى؛ ئۇ قاقشاللىشىپ ياغاچتەك بولۇپ كەتتى.
9|ט| (تەت) قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قەھەتچىلىكتە ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇلار قاقشال بولۇپ كەتمەكتە، تۇپراقنىڭ مېۋىلىرى بولمىغاچقا يىقىتىلماقتا.
10|י| (يود) باغرى يۇمشاق ئاياللار ئۆز قوللىرى بىلەن بالىلىرىنى قاينىتىپ پىشۇردى؛ خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىنغىنىدا بالىلار ئۇلارنىڭ گۆشى بولۇپ قالدى.
11|כ| (كاف) پەرۋەردىگار قەھرىنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقتى، ئوتلۇق غەزىپىنى تۆكتى؛ زىئوندا بىر ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يۇتۇۋەتتى.
12|ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە جاھاندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بولسا، نە كۈشەندە نە دۈشمەننىڭ يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرىدىن بۆسۈپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى.
13|מ| (مەم) ھالبۇكى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، كاھنلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ زىئوندا ھەققانىيلارنىڭ قانلىرىنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن، ــ بۇ ئىش بېشىغا چۈشتى!
14|נ| (نۇن) ھازىر ئۇلار قارغۇلاردەك كوچىلاردا تېنەپ يۈرمەكتە، ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ.
15|ס| (سامەق) خەق ئۇلارغا‫‪:‬‬ «يوقۇلۇش! ناپاكلار! يوقۇلۇش! يوقۇلۇش، بىزگە تەگكۈچى بولۇشما!» دەپ ۋارقىرىشماقتا. ئۇلار قېچىپ تەرەپ‫‪‎-‎‬‬تەرەپكە سەرگەردان بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئەللەر‫‪:‬‬ «ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇشىغا بولمايدۇ!» ــ دەۋاتىدۇ.
16|פ| (پې) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنى قايتا نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ كاھىنلارنىڭ ھۆرمىتى قىلىنمىدى، ياشانغانلارمۇ ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدى.
17|ע| (ئايىن) كۆزىمىز ياردەمنى بىھۇدە كۈتۈپ ھالىدىن كەتتى؛ دەرۋەقە بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەلنى كۈتۈپ كۆزەت مۇنارلىرىمىزدا تۇرۇپ كەلدۇق.  
18|צ| (تسادە) دۈشمەنلىرىمىز ئىزىمىزدىن قوغلاپ يۈردى؛ شۇڭا كوچىلاردا يۈرەلمەيتتۇق؛ ئەجىلىمىز يېقىنلاشتى، كۈنلىرىمىز توشتى؛ چۈنكى ئەجىلىمىز كەلدى!

19|ק| (كوف) پېيىمىزگە چۈشكەنلەر ئاسماندىكى بۈركۈتلەردىن ئىتتىك؛ تاغلاردىمۇ بىزنى قوغلاپ يۈگۈردى، باياۋاندىمۇ بىزنى بۆكتۈرمىدە پايلاشتى.
20|ר| (رەش) جېنىمىزنىڭ نەپىسى بولغان، پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى ئۇلارنىڭ ئورا‫‪‎-‎‬‬تۇزاقلىرىدا تۇتۇلدى؛ بىز ئۇ توغرىسىدا‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ سايىسىدە ئەللەر ئارىسىدا ياشايمىز» دەپ ئويلىدۇق!
21|ש| (شىين) ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال‫‪‎-‎‬‬خۇرام يايرىغىن! لېكىن بۇ جازا قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن!
22|ת| (تاۋ) قەبىھلىكىڭنىڭ جازاسىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئى زىئون قىزى؛ ئۇ سېنى سۈرگۈنلۈككە قايتا ئېلىپ كەتمەيدۇ؛ لېكىن، ئى ئېدوم قىزى، ئۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى جازالايدۇ؛ ئۇ گۇناھلىرىڭنى ئېچىپ تاشلايدۇ!