1شۇنىڭ بىلەن بەزالەل ۋە ئوھولىيابلار، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار مۇقەددەس چېدىر ياساشنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىغا كېرەك بولغان دانالىق-ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئاتا قىلغان ماھىر ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ».
2شۇ ۋاقىتتا مۇسا بەزالەل ۋە ئوھولىيابنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار دانالىق-ھېكمەت بىلەن كۆڭۈللىرىنى تولدۇرغان، كۆڭلى ئۆزىنى شۇ ئىشنى قىلىشقا قاتنىشىشقا دالالەت قىلغان بارلىق ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنى چاقىرىپ يىغدى.
3ئۇلار كېلىپ مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىش-خىزمەتلىرىگە كېرەكلىك سەرەمجانلارنى ياساشقا ئىسرائىللار ئېلىپ كەلتۈرگەن بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەرنى مۇسادىن تاپشۇرۇۋالدى. ئىسرائىل خەلقى يەنىلا ئۆز مەيلى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگىنى مۇساغا ئىختىيارىي ھەدىيە كەلتۈرۈپ تۇراتتى.
4ئاندىن مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ قويۇپ كېلىپ،
5مۇساغا: ــ خەلقنىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەرۋەردىگار بىزگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشنى پۈتكۈزۈشكە ئېھتىياج بولغىنىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى! ــ دېيىشتى.
6ئاندىن مۇسا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل چېدىرگاھ بويىچە: «مانا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس چېدىرنى ياساش ئۈچۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە يەنە ھېچقانداق نەرسە تەييارلاپ كەلمىسۇن!» دەپ جاكارلاتتى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ھەدىيەلەر كەلتۈرۈشتىن توختىتىلدى.
7چۈنكى ئۇلار تەييارلىغان ماتېرىياللار پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئىشىغا يېتەتتى، ھەتتا ئېشىپ قالاتتى.
8مۇقەددەس چېدىرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن ئون پارچە يوپۇق ياساپ، كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى يوپۇقلارغا چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقتى.
9ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى.
10بەزالەل يوپۇقلارنىڭ بەشىنى بىر-بىرىگە ئۇلىدى، قالغان بەش يوپۇقنىمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلىدى.
11ئۇ ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىنىڭ بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمىلەرنى قادىدى، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ شۇنداق قىلدى.
12بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىدى. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىندى.
13مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇ ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى.
14ئۇ مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىدى؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىدى.
15يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى.
16يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلدى.
17ئۇ بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى.
18ئۇ چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويدى.
19ئۇ بۇنىڭدىن باشقا چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىدى.
20ئۇ مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىدى.
21ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز قىلىندى.
22ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بار ئىدى، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى؛ ئۇ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى.
23ئۇ چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى؛ يىگىرمىسى جەنۇب تەرەپكە ئورنىتىلدى؛
24ئۇ بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ ئاستىدىكى ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىكنى ياسىدى.
25شۇنىڭدەك ئۇ چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە، يەنى شىمال تەرىپىگە يىگىرمە تاختاي ياسىدى،
26شۇنداقلا بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكىنى كۈمۈشتىن ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
27چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاينى ياساپ ئورناتتى.
28ئۇ چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاينى ياساپ ئورناتتى.
29بۇ بۇلۇڭ تاختايلىرى ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىپ تاختايلارنى ئۆزئارا چېتىشتۇردى، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلدى. ئۇ ھەر ئىككىسىنى شۇنداق ياساپ، ئىككى بۇلۇڭغا ئورناتتى.
30شۇڭلاشقىمۇ ئۇ تەرىپىدە سەككىز تاختاي بولدى، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بار ئىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بار ئىدى.
31بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىدى؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى،
32چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغىمۇ بەش بالداقنى ياسىدى.
33ئۇ تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرا بالداقنى بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يەتكۈزۈپ ياسىدى.
34ئۇ تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
35ئۇ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى؛ ئۇنى كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ، كەشتىلەپ چىقاردى.
36ئۇنى ئېسىشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت خادا ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ئالتۇندىن ياسالدى؛ خادىلارغا ئۇ كۈمۈشتىن تۆت تەگلىكنى قۇيۇپ ياسىدى.
37ئۇ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نەپىس توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى، ئۇنى كەشتىچىگە كەشتىلەتتى.
38ئۇ يەنە بۇ پەردىنىڭ بەش خادىسىنى ئىلمەكلىرى بىلەن قوشۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ۋە بالداقلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇلارنىڭ بەش تەگلىكى مىستىن ياسالدى.