1ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ، سىن چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە سەپەر قىلىپ، رەفىدىم دېگەن يەرگە كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. ئەمما ئۇ يەردە خەلققە ئىچكىلى سۇ يوق ئىدى.
2شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ: ــ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن! ــ دېدى. لېكىن مۇسا ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنىڭ بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر؟ ــ دېدى.
3لېكىن خەلق چاڭقاپ، سۇ تەلەپ قىلىپ، مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ: ــ سەن نېمىشقا بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە مېلىمىزنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈشكە مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى.
4شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈپ: ــ بۇ خەلقنى قانداق قىلسام بولار؟! ئۇلار ھېلىلا مېنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن! ــ دېدى.
5پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: ــ سەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىپ، نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇرغىنىڭدا ئىشلەتكەن ھاساڭنى قولۇڭغا ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىغا بارغىن؛
6مانا، مەن شۇ يەردە، ھورەب تېغىدىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن؛ سەن قورام تاشنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن خەلققە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، ــ دېدى. مۇسا ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنداق قىلدى.
7مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جېدەللەشكىنى ۋە ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا زادى بارمۇ-يوقمۇ؟» دېيىشىپ پەرۋەردىگارنى سىنىغىنى ئۈچۈن، ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مەرىباھ» دەپ ئاتىدى.
8شۇ چاغدا ئامالەكلەر كېلىپ رەفىدىمدە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى.
9مۇسا يەشۇئاغا: سەن ئۆزىمىزدىن ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىشقا ئادەم تاللىغىن. مەن ئەتە خۇدانىڭ ھاسىسىنى قولۇمغا ئېلىپ دۆڭنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ تۇرىمەن، دېدى.
10يەشۇئا مۇسا بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقتى.
11شۇنداق بولدىكى، مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئىسرائىل غالىب كېلەتتى، لېكىن ئۇ قوللىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ تۇرسا، ئامالەك غالىب كېلەتتى.
12مۇسانىڭ قوللىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىغا قويدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى؛ ئاندىن ھارۇن بىلەن خۇر بىرى بىر تەرىپىدە، بىرى يەنە بىر تەرىپىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى؛ بۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ قوللىرى تاكى كۈن پاتقۇچە مەزمۇت تۇردى.
13شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئامالەك ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلىچلاپ نابۇت قىلدى.
14پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بىر ئەسلىمە بولسۇن دەپ بۇ ئىشلارنى بىر كىتابقا يېزىپ قالدۇرغىن، شۇنداقلا شۇلارنى يەشۇئانىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەر؛ چۈنكى مەن ئامالەكنىڭ نامىنى ئاسمانلارنىڭ ئاستىدىن، ھەتتا ئادەملەرنىڭ ئېسىدىنمۇ مۇتلەق ئۆچۈرۈۋېتىمەن، دېدى.
15ئاندىن مۇسا بىر قۇربانگاھنى ياساپ، نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتىدى
16ۋە مۇسا: ــ ياھنىڭ تەختى ئالدىدا بىر قول كۆتۈرۈلۈپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەككە قارشى جەڭ قىلىدۇ» دېيىلگەنىدى، ــ دېدى.