Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬

مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا‫‪:‬‬ ــ «ئۇلارنىڭ بېرىپ چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىپ، ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە قوۋمىمغا يول قويسۇن» دەيدۇ، ــ دېدى.
2لېكىن پىرەۋن جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنى ئىسرائىلغا يول قويغۇزىدىغان قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن ھەم ئىسرائىلغىمۇ يول قويمايمەن، دېدى.
3ئۇلار سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى بىز بىلەن كۆرۈشتى. شۇڭا ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن بىزگە چۆلگە بېرىشقا ئۈچ كۈنلۈك يولغا رۇخسەت بەرگەيسىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ياكى قىلىچ بىلەن ئۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى.
4لېكىن مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئەي مۇسا ۋە ھارۇن، نېمىشقا ئىككىڭلار خەلقنى ئىشلىرىدىن توختىتىپ قويماقچى بولىسىلەر؟ بېرىپ ئۆز ئەپكىشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ــ دېدى.
5پىرەۋن يەنە‫‪:‬‬ ــ مانا، خەلق يۇرتتا زىيادە ئاۋۇپ كەتتى. سىلەر بولساڭلار، ئۇلارنى ئەپكەشلىرىدىن خالاس قىلماقچىسىلەر، دېدى.
6شۇ كۈنى پىرەۋن نازارەتچىلەرگە ۋە نازارەتچىلەرنىڭ قول ئاستىدىكى ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ‫‪:‬‬ ــ
7ھازىردىن باشلاپ خەلققە ئىلگىرىكىدەك كېسەك قۇيۇشقا سامان بەرمەڭلار! ئۇلار ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن.
8لېكىن ئىلگىرى قانچىلىك كېسەك قۇيۇپ كەلگەن بولسا، ھېلىھەم كەم قىلماي شۇنچىلىك كېسەك قۇيدۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ھۇرۇنلىشىپ‫‪:‬‬ «خۇدايىمىزغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بىزنى بارغىلى قوي» دەپ غەلۋە قىلىشىۋاتىدۇ.
9ئەمدى ئۇلارنى ئۆز ئىشىغا تولۇق بەند بولۇپ، يالغان‫‪‎-‎‬‬ياۋىداق گەپلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئېغىر ئەمگەكلەرنى يۈكلەڭلار، ــ دېدى.
10شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى نازارەتچىلەر بىلەن ئىش باشلىرى چىقىپ خەلققە‫‪:‬‬ پىرەۋن شۇنداق دېدىكى، مەن ئەمدى سىلەرگە سامان بەرمەيدىغان بولدۇم.
11ئۆزۈڭلار بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قەيەردىن سامان تاپالىساڭلار، شۇ يەردىن ئېلىپ كېلىڭلار؛ لېكىن قىلىدىغان ئىشلىرىڭلار بولسا قىلچىلىكمۇ كېمەيتىلمەيدۇ، ــ دېدى.
12بۇنىڭ بىلەن خەلق پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تارىلىپ، ساماننىڭ ئورنىغا پاخال يىغىشقا باشلىدى.
13نازارەتچىلەر بولسا ئۇلارنى قىستاپ‫‪:‬‬ سىلەرگە سامان بېرىلگەن چاغدىكىدەك ھازىرمۇ ھەر كۈنلۈك ئىشنى شۇ كۈنى قىلىڭلار، دېدى.
14ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە پىرەۋننىڭ نازارەتچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى تاياق يېدى ۋە‫‪:‬‬ ــ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن نېمىشقا كېسەك قۇيۇش ۋەزىپسىنى بۇرۇنقىدەك توشقۇزۇپ ئورۇنلىمىدىڭلار؟! ــ دەپ تىل ئىشىتتى.
15ئاندىن ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ‫‪:‬‬ نېمىشقا ئۆز قۇللىرىغا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟
16ئۆز قۇللىرىغا ھېچ سامان بېرىلمىدى. لېكىن نازارەتچىلەر يەنىلا «كېسەك قۇيدۇرۇڭلار» دەپ بىزنى بۇيرۇيدۇ. مانا، ئۆز قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ، ئەمما ئەيىب بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىدە، دەپ پەرياد قىلدى.
17لېكىن ئۇ يەنە‫‪:‬‬ ــ سىلەر ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! شۇڭا سىلەر‫‪:‬‬ «بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشىمىزگە ئىجازەت بەر دەۋاتىسىلەر.
18قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! سىلەرگە سامان بېرىلمەيدۇ، بىراق كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن سان بويىچە ئاۋۋالقىدەك تولۇق تاپشۇرۇشىسەن، دېدى.

19ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى پىرەۋننىڭ‫‪:‬‬ «سىلەر ھەركۈنلۈك ۋەزىپەڭلارنى، يەنى تەلەپ قىلغان كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن ساندىن كېمەيتسەڭلار قەتىي بولمايدۇ» دېگىنىگە قاراپ، بېشىغا بالا‫‪‎-‎‬‬قازانىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بىلىشتى.
20ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىدا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىپ شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
21ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا‫‪:‬‬ ــ بىزنى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە سېسىتىپ، بىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇلارنىڭ قولىغا قىلىچ تۇتقۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم قىلسۇن! ــ دېدى.
22شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەي ئىگەم، نېمىشقا بۇ خەلقنى بالاغا تىقتىڭ؟ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئەۋەتتىڭ؟
23چۈنكى مەن پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىرىپ سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ، ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ زىيادە ئازاب قىلغىلى تۇردى. ئەمما سەن تېخىچە قوۋمىڭنى ھېچ قۇتقۇزمىدىڭ، ــ دېدى.