1لېكىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ قۇدرەتلىك بىر قولدىن مەجبۇرلىنىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ، قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، ــ دېدى.
2ئاندىن خۇدا مۇساغا يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
3مەن ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا قادىر-مۇتلەق تەڭرى سۈپىتىدە كۆرۈندۈم؛ لېكىن «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئۇلارغا ئاشكارا تونۇلمىدىم.
4مەن ئۇلار بىلەن: ــ «سىلەر مۇساپىر بولۇپ ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە باغلىشىپ ۋەدە قىلغانمەن.
5ئەمدى مەن مىسىرلىقلار قۇل قىلىپ زۇلۇم سالغان ئىسرائىللارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، قىلغان شۇ ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم.
6شۇڭا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن ئۆزۈم سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر يۈكلىرى ئاستىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىپ، قولۇمنى ئۇزىتىپ ئۇلارغا چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، سىلەرگە ھەمجەمەت بولۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىمەن.
7سىلەرنى ئۆز قوۋمىم بولۇشقا قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۆزۈم خۇدايىڭلار بولىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى مىسىرلىقلارنىڭ يۈكلىرىنىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغۇچىنىڭ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.
8مەن شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى قول كۆتۈرۈپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن؛ مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ زېمىنلىققا بېرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن».
9بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ئىسرائىللارغا دەپ بەردى؛ لېكىن ئۇلار ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن پىغانغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى.
10ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ
11بېرىپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە: «ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىڭدىن كېتىشىگە يول قوي»، دەپ ئېيتقىن، دېدى.
12لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: مانا، ئىسرائىللار ماڭا قۇلاق سالمىغان يەردە، پىرەۋن قانداقمۇ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر ئادەمگە قۇلاق سالسۇن؟ ــ دېدى.
13ئەمما پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارغا ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە ئىسرائىللار توغرۇلۇق: ــ «ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىرىلسۇن» دېگەن ئەمر يەتكۈزۈشىنى بۇيرۇدى.
14تۆۋەندىكىلەر جەمەت باشلىقلىرى: ــ ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغان رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانۇق، پاللۇ، ھەزرون ۋە كارمى. بۇلار بولسا رۇبەننىڭ نەسىللىرى ئىدى.
15شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانلىق ئايالدىن بولغان سائۇللار ئىدى؛ بۇلار شىمېئوننىڭ نەسىللىرى ئىدى.
16لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى، نەسەبنامىلىرىگە ئاساسەن: گەرشون، كوھات ۋە مەرارى؛ لاۋىينىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى.
17گەرشوننىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە: ــ لىبنى ۋە شىمەي.
18كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئامرام، يىزھار، ھېبرون بىلەن ئۇززىئەل. كوھات بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى.
19مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ماھلى ۋە مۇشى. بۇلار نەسەبنامىلىرى بويىچە لاۋىينىڭ نەسىللىرى ئىدى.
20ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى خوتۇنلۇققا ئالدى، يوكەبەد ئۇنىڭغا ھارۇن ۋە مۇسانى تۇغۇپ بەردى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى.
21يىزھارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىدى.
22ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ مىشائەل، ئەلزافان ۋە سىترى ئىدى.
23ھارۇن بولسا ناھشوننىڭ سىڭلىسىنى، يەنى ئاممىنادابنىڭ قىزى ئېلىشېبانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئۇنىڭغا ناداب بىلەن ئابىھۇنى، ۋە ئەلىئازار بىلەن ئىتامارنى تۇغۇپ بەردى.
24كوراھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاسسىر، ئەلكاناھ ۋە ئابىئاساف؛ بۇلار كوراھلارنىڭ نەسىللىرى ئىدى.
25ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار پۇتىئەلنىڭ قىزلىرىنىڭ بىرىنى خوتۇنلۇققا ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا فىنىھاسنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلار بولسا ئۆز نەسەبى بويىچە ھەممىسى لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلقلىرى ئىدى.
26پەرۋەردىگارنىڭ: ــ ئىسرائىللارنى قوشۇنلاردەك توپ-توپى بىلەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىڭلار، دېگەن ئەمرىنى تاپشۇرىۋالغۇچىلار دەل مۇشۇ ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى.
27ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىرىلسۇن، دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە سۆز قىلغانلار دەل بۇ كىشىلەر، يەنى مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى.
28پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ زېمىنىدا مۇساغا سۆز قىلغان ۋاقتىدا
29مۇساغا: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە دېگىن»، دەپ ئەمر قىلدى.
30لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر كىشىگە پىرەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟» ــ دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.