1ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ماڭا ئىبادەت قىلىشقا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر.
2لېكىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن دۆلىتىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقىلار بىلەن باستۇرۇپ ئۇرىمەن.
3دەريادا توپ-توپ پاقىلار پەيدا بولۇپ، دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ئورۇن-كۆرپەڭگە، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغا، تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ.
4پاقىلار ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىبېشىغا، خەلقىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا يامىشىپ چىقىۋالىدۇ» ــ دېگىن، ــ دېدى.
5پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: پاقىلارنىڭ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ھاساڭنى ئېقىنلار، ئۆستەڭلەر ۋە كۆللەرنىڭ ئۈستىگە شىلتىغىن، دېگىن ــ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ شۇنداق قىلىۋىدى، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى قاپلىدى.
7لېكىن جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، مىسىر زېمىنى ئۈستىگە پاقىلارنى پەيدا قىلدى.
8پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ پاقىلارنى مەندىن ۋە خەلقىمدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈڭلار. شۇنداق بولسا، مەن خەلقىڭنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلسۇن دەپ قويۇپ بېرىمەن، دېدى.
9مۇسا پىرەۋنگە: ــ بوپتۇ، مەن ئىززىتىڭنى قىلاي، پەقەت دەريادىكى پاقىلارلا قېلىپ، باشقىلىرى ئۆزۈڭدىن ۋە ئۆيلىرىڭدىن ئايرىلسۇن دەپ، سەن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭ ئۈچۈن مېنىڭ دۇئا قىلىدىغان ۋاقتىمنى بېكىتكىن، دېدى.
10ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئەتە بولسۇن، دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: ــ خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئوخشاش ھېچبىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن.
11پاقىلار سەندىن، ئۆيلىرىڭدىن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ؛ پەقەت دەريادىلا قالىدۇ، دېدى.
12شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. ئاندىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىلگەن پاقىلار توغرىسىدا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى.
13پەرۋەردىگار مۇسانىڭ تىلىگىنىدەك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆيلەردىكى، ھويلىلاردىكى ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلار ئۆلدى.
14خەلق ئۇلارنى يىغىپ دۆۋە-دۆۋە قىلدى، پۈتكۈل يۇرت-زېمىن سېسىقچىلىققا تولدى.
15لېكىن پىرەۋن ئاپەتتىن خالاس بولغىنىنى كۆرگەندە، كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
16ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئۇزىتىپ، يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاشىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، دېگىن، ــ دېدى.
17ئۇلار شۇنداق قىلدى؛ ھارۇن قولىنى ئۇزىتىپ ھاسىسى بىلەن يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرۇۋىدى، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى پاشا باستى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى توپا-چاڭلار پاشىغا ئايلاندى.
18جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن شۇنداق قىلىپ پاشا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، پەيدا قىلالمىدى. پاشىلار بولسا ھەم ئادەملەرنىڭ ھەم ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى قاپلاپ كەتتى.
19ئاندىن جادۇگەرلەر پىرەۋنگە: ــ بۇ ئىش خۇدانىڭ بارمىقىنىڭ قىلغىنى! ــ دېيىشتى. لېكىن پىرەۋن كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
20پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە سەھەر قوپۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرغىن ــ (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر!
21چۈنكى ئەگەر قوۋمىمنى قويۇپ بەرمىسەڭ، مانا مەن سېنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭ، خەلقىڭ ئۈستىگە، ئۆيلىرىڭگە كۆكۈيۈنلەرنى ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھەتتا ئۇلار تۇرۇۋاتقان تۇپراقمۇ كۆكۈيۈنلەر بىلەن تولىدۇ.
22لېكىن شۇ كۈنىدە ئۆز قوۋمىم تۇرۇۋاتقان گوشەن يۇرتىنى باشقىچە قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ يەردە كۆكۈيۈنلەر تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىندا بولغانلىقىمنى بىلىسەن.
23شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز قوۋمىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن؛ بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت ئەتە يۈز بېرىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، دېدى.
24پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. پىرەۋننىڭ ئۆيلىرىگە، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كۆكۈيۈنلەر توپ-توپ بولۇپ كىردى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەممە يېرى كۆكۈيۈنلەر تەرىپىدىن خاراب بولۇشقا باشلىدى.
25پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: بېرىپ مۇشۇ زېمىندا خۇدايىڭلارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈڭلار، ــ دېدى.
26لېكىن مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنداق قىلىش بىزگە تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا سۇنماقچى بولغان قۇربانلىق مال مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن يىرگىنچلىكتۇر. ئەمدى ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا يامان كۆرۈنگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىلساق ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىۋەتمەمدۇ؟
27بىز ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلدە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغىنىدەك ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇشىمىز كېرەك، دېدى.
28پىرەۋن: ــ سىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چۆلدە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بارغىلى قويىمەن؛ پەقەت بەك يىراق كېتىپ قالماڭلار، مېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، دېدى.
29مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىمەن ۋە كۆكۈيۈنلەر سەن پىرەۋندىن، ئەمەلدارلىرىڭدىن ۋە خەلقىڭدىن ئەتە چىقىپ كېتىدۇ؛ لېكىن پىرەۋن يەنە ھىيلە ئىشلىتىپ، خەلقنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشتىن توسقۇچى بولمىسۇن، دېدى.
30مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا شۇنداق ئىلتىجا قىلدى.
31پەرۋەردىگار مۇسا تىلىگىنىدەك قىلدى؛ ئۇ كۆكۈيۈنلەرنى پىرەۋن، ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقىدىن چىقىرىۋەتتى؛ ھەتتا بىر تال كۆكۈيۈنمۇ قالمىدى.
32لېكىن پىرەۋن بۇ قېتىممۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى.