1شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ يەنە بىر ئاپەتنى پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن. ئاندىن ئۇ سىلەرنى بۇ يەردىن كېتىشكە يول قويىدۇ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە نەرسىلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بېرىپ، بۇ يەردىن مۇتلەق قوغلاپ چىقىرىدۇ.
2ئەمدى سەن خەلققە تاپىلاپ: ــ ھەر بىرىڭلار، ئەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن، ئايال كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى سوراپ ئالسۇن، دېگىن، ــ دېدى
3(پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى).
4ئاندىن مۇسا يەنە: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يېرىم كېچىدە چىقىپ مىسىرنى كېزىپ چىقىمەن.
5شۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان پىرەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ يارغۇنچاق تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە، شۇنداقلا بارلىق چارپايلارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى مىسىردىكى بارلىق تۇنجى جان ئىگىلىرى ئۆلىدۇ.
6بۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا قاتتىق بىر پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق پەرياد بولۇپ باقمىغانىدى، مۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق پەرياد ئاڭلانمايدۇ.
7لېكىن ئىسرائىللارغا، مەيلى ئادەملىرى، مەيلى ھايۋاناتلىرىغا بولسۇن، ھەتتا بىر تال ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ. بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىلنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر».
8ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.
9پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدا مېنىڭ كارامەت مۆجىزىلىرىمنىڭ كۆپلەپ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، ــ دېگەنىدى.
10مۇسا بىلەن ھارۇن بۇ كارامەت مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بولدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ زېمىنىدىن كەتكىلى قويمىدى.