1پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ئاۋۋالقىغا ئوخشاش ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ كەل؛ مەن بۇ تاختايلارغا سەن ئىلگىرى چېقىۋەتكەن تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يېزىپ قويىمەن.
2سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سەھەردە سىناي تېغىغا چىقىپ، شۇ يەردە تاغنىڭ چوققىسىدا مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر بولغىن.
3لېكىن ھېچ كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن ۋە ياكى تاغنىڭ ھېچ يېرىدە باشقا ئادەم كۆرۈنمىسۇن، قوي-كالىلارمۇ تاغنىڭ تۈۋىدە ئوتلىمىسۇن، ــ دېدى.
4مۇسا ئاۋۋالقىغا ئوخشاش تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ، ئەتىسى تاڭ سەھەر قوپۇپ، بۇ ئىككى تاش تاختاينى قولىدا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىناي تېغىغا چىقتى.
5شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بۇلۇتتا چۈشۈپ، شۇ يەردە مۇسانىڭ قېشىدا تۇرۇپ، «ياھۋەھ» دېگەن نامىنى جاكارلىدى.
6پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: ــ «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر،
7مىڭلىغان-ئون مىڭلىغانلارغا رەھىم-شاپائەت كۆرسىتىپ، قەبىھلىك، ئاسىيلىق ۋە گۇناھنى كەچۈرگۈچىدۇر؛ لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدىغان، بەلكى ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى بالىلىرى ۋە نەۋرلىرىگىچە، شۇنداقلا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە يۈكلەيدىغان تەڭرىدۇر» ــ دەپ جاكارلىدى.
8شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلىپ: ــ
9ــ ئەي رەب، ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۇنداقتا ئى رەب، ئارىمىزدا بىز بىلەن ماڭغايسەن؛ چۈنكى بۇ خەلق دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر؛ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىزنى ۋە گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيسەن، بىزنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قوبۇل قىلغايسەن! ــ دېدى.
10شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇساغا: ــ مانا، مەن بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ سېنىڭ بارلىق خەلقىڭ ئالدىدا پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ ھېچبىر جايىدا ياكى ھېچبىر ئەل ئارىسىدا قىلىنىپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئارىسىدا بولغان خەلقىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ كارامەت ئەمەلىنى كۆرىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان ئەمەلىم دەرۋەقە دەھشەتلىك ئىش بولىدۇ.
11مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلايدىغان ئەمرلىرىمنى تۇتقىن؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئامورىي، قانائانىي، ھىتتىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىمەن.
12ئەمدى ھېزى بولغىنكى، سەن بارىدىغان زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ھېچ ئەھدە باغلاشمىغىن؛ بولمىسا، بۇ ئىش سىلەرگە تۇزاق بولىدۇ؛
13بەلكى سىلەر ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چۆۋۈپ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى سۇندۇرۇپ، «ئاشەراھ» بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار.
14چۈنكى سەن ھېچقانداق باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلماسلىقىڭ كېرەك ــ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى» بولۇپ، ھەسەت قىلغۇچى بىر ئىلاھدۇرمەن.
15بولمىسا، شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشۈڭ مۇمكىن؛ ئاندىن ئۇلار ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىلاھلىرىغا قۇربانلىقلار ئۆتكۈزگىنىدە، سىلەرنى چاقىرسا ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىدىن يەپ كېتىشىڭلار مۇمكىن؛
16سەن شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن؛ ئۇ قىزلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدا، ئۇلار ئوغۇللىرىڭنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇزۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلدۇرۇشى مۇمكىن.
17ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق قۇيما بۇتلارنى ياساتمىغىن.
18پېتىر نان ھېيتىنى تۇتۇڭلار؛ مېنىڭ ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. چۈنكى سىلەر ئابىب ئېيىدا مىسىردىن چىققانسىلەر.
19بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى مېنىڭكى بولىدۇ؛ چارپاي ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن دەسلەپ تۇغۇلغان ئەركەكلەر، كالا بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭكى بولسۇن.
20لېكىن ئېشەكلەرنىڭ تۇنجى تەخەيلىرىنىڭ ئورنىغا قوزا بىلەن بەدەل تۆلىشىڭ لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئورنىغا قوزا بەرمىسەڭ، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. تۇنجى ئوغۇللىرىڭنى بولسا، ئۇلارغا بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋال. ھېچكىم مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن.
21سەن ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش-ئەمەلىڭنى قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر؛ يەر ھەيدەش ۋاقتى بولسۇن، ئورما ۋاقتى بولسۇن، ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر.
22يېڭى بۇغداينىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى تەبرىكلەيدىغان «ھەپتىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار؛ يىلنىڭ ئاخىرىدا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار.
23سېنىڭ ھەربىر ئەركەك كىشىلىرىڭ يىلدا ئۈچ قېتىم ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر بولسۇن.
24چۈنكى مەن تائىپىلەرنى ئالدىڭدىن ھەيدىۋېتىپ، چېگرالىرىڭنى كېڭەيتىمەن؛ شۇنىڭدەك سەن يىلدا ئۈچ قېتىم پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشقا چىقىپ بارساڭ، ھېچكىم يېرىڭگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ.
25ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى بولدۇرۇلغان نان بىلەن بىللە سۇنمىغىن؛ ياكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى ئەتىگە قالدۇرما.
26زېمىنىڭنىڭ دەسلەپكى ھوسۇلىدىن تۇنجى مەھسۇلاتلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ ئاتا. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما.
27پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن يېزىۋالغىن؛ چۈنكى مەن مۇشۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ سەن بىلەن ۋە ئىسرائىل بىلەن ئەھدە باغلىدىم، دېدى.
28ئۇ ۋاقىتتا مۇسا شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى؛ ئۇ ھېچنەرسە يېمىدى، ھېچ سۇ ئىچمىدى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار تاختايلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى پۈتتى.
29مۇسا سىناي تېغىدىن چۈشكەندە شۇنداق بولدىكى (ئۇ تاغدىن چۈشكەندە ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى)، ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىنى ئۈچۈن يۈزىنىڭ پارقىراپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى.
30ئەمدى ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىللار مۇسانى كۆردى، مانا، ئۇنىڭ يۈز تېرىسى پارقىراپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا يېقىن بېرىشتىن قورقۇشتى.
31لېكىن مۇسا ئۇلارنى چاقىرىۋىدى، ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ بارلىق باشلىرى يېنىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مۇسا ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى.
32شۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئىسرائىللار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە سىناي تېغىدا سۆز قىلغىنىدا تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرنى ئۇلارغا تاپىلىدى.
33مۇسا ئۇلارغا دەيدىغىنىنى دەپ تۈگەتتى. ئۇ سۆزلىگەندە يۈزىگە بىر چۈمپەردە تارتىۋالغانىدى؛
34قاچانكى مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىشكە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، چۈمپەردىنى ئېلىۋېتەتتى، تاكى ئۇ يېنىپ چىققۇچە شۇنداق بولاتتى؛ يېنىپ چىققاندا ئۆزىگە نېمە تاپىلانغان بولسا، شۇنى ئىسرائىللارغا ئېيتىپ بېرەتتى.
35ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈز تېرىسىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرەتتى؛ شۇڭا مۇسا يەنە تاكى پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچە يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالاتتى.