Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬

مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 39

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئىشلىتىلىپ، مۇقەددەس چېدىرنىڭ خىزمىتىدە كىيىلىدىغان كاھىنلىق كىيىملەر، شۇنداقلا ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى تەييار قىلىندى.  
2بەزالەل ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەردىن ئەفودنى ياساپ تەييارلىدى.
3ئۇلار ئالتۇننى سوقۇپ نېپىز قىلىپ، ئۇنى كېسىپ يىپ قىلدى، ئاندىن بۇلارنى ماھىرلىق بىلەن كۆك يىپلار، سۆسۈن يىپلار ۋە قىزىل يىپلاردىن ئاق كاناپ رەختكە لاھايىلەنگەن نۇسخىلار ئۈستىگە توقۇدى.   
4ئۇلار ئەفودنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمىنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىككى مۈرىلىك تاسما ياسىدى؛ ئەفودنىڭ ئىككى تەرىپى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە تۇتاشتۇرۇلدى.
5ئەفودنىڭ ئۈستىگە باغلايدىغان بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
6ئۇلار ئىككى ئاق ھېقىقنى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خۇددى مۆھۈر ئويغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويۇپ ياسىدى.
7ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا بېكىتىپ قويدى.  
8ئۇ قوشېننى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياسىدى؛ ئۇنى ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىدى.
9ئۇلار قوشېننى ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىپ ياسىدى؛ ئىككى قات قىلىنغاندا ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ كېلەتتى.
10ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتتى‫‪:‬‬ ــ بىر قاتاردىكىسى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەتلەر ئىدى؛ بۇ بىرىنچى قاتار ئىدى.
11ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس،
12ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس،
13تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە بېكىتىلدى.
14بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن‫‪‎-‎‬‬بىردىن پۈتۈلدى.
15ئۇلار قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن ئىككى ئېشىلمە زەنجىر ياسىدى؛
16ئۇلار قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى كۆزلۈك ۋە ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ يۇقىرىقى ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛
17ئاندىن شۇ ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ يۇقىرىقى ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ،
18ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، كۆزلۈكلەرنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتتى.

19بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالدى.
20مۇندىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن يەنە ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتتى.
21ئۇلار قوشېننىڭ ئەفودنىڭ بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆك شوينا بىلەن قوشېننىڭ ھالقىسىنى ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
22بەزالەل ئەفودنىڭ ئىچىدىكى توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلدى.
23توننىڭ باشقا كىيىلىدىغان تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا، خۇددى ساۋۇتنىڭ ياقىسىدەك ئىشلەنگەنىدى؛ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز ئىشلەندى.
24ئۇلار توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئېسىپ قويدى.
25ئۇلار ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، قوڭغۇراقلارنى توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە، ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويدى؛ ھەر ئىككى ئانارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قوڭغۇراق ئېسىپ قويۇلدى.
26كاھىنلىق خىزمىتىگە ئائىت قوڭغۇراقلار توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە بېكىتىلدى؛ بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار قىلىپ بېكىتىلدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
27ئۇلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن خالتا كۆڭلەكلەرنى تىكتى؛
28سەللىنى ئاق كاناپ رەختتە ياسىدى، شۇنداقلا چىرايلىق ئېگىز بۆكلەرنى ئاق كاناپ رەختتە، تامباللارنى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛
29بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بەلۋاغنىمۇ كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ كەشتىلەنگەن، نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
30ئۇلار يەنە نەپىس تاختاينى، يەنى مۇقەددەس ئوتۇغاتنى ساپ ئالتۇندىن ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر ئويغاندەك‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويۇپ پۈتتى؛
31ئۇلار ئوتۇغاتقا كۆك رەڭلىك يىپنى باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇغاتنى سەللىگە تاقىدى، بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
32شۇ تەرىقىدە جامائەتنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممە قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى؛ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى شۇ بويىچە قىلدى؛ شۇ تەرىقىدە ھەممىسىنى پۈتتۈردى.
33ئۇلار چېدىرنى مۇسانىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ــ چېدىر يوپۇقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، ئىلمەكلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرى بىلەن تەگلىكلىرىنى،
34شۇنىڭدەك قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق بىلەن دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇقنى، «ئايرىما پەردە»نى،
35ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى،
36شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، شۇنداقلا «تەقدىم نانلار»نى،

37ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ چىراغلىرىنى، يەنى ئۈستىگە تىزىلغان چىراغلارنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى ھەم چىراغ مېيىنى،
38ئالتۇن خۇشبۇيگاھ، مەسىھلەش مېيى، دورا‫‪‎-‎‬‬دەرمەكلەردىن ياسالغان خۇشبۇينى، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى،
39مىس قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، ئۇنىڭ بالداقلىرى بىلەن ھەممە ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى،
40ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى بىلەن ھويلىنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرىنى، مۇقەددەس چېدىرنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىغا ئائىت خىزمەتكە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋابلارنى،
41مۇقەددەس جايغا ئائىت خىزمەت ئۈچۈن تىكىلگەن كاھىنلىق كىيىمىنى، يەنى ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى بولسا، ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى.
42بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بارلىق بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئەنە شۇنداق ئادا قىلغانىدى.
43مۇسا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە تەپسىلىي قارىدى، مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزگەنىدى؛ بۇيرۇلغاندەك، دەل شۇنداق قىلغانىدى؛ مۇسا بۇلارنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى.