Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬

مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار مۇساغا‫‪:‬‬
2ــ سەن ئىسرائىللارغا‫‪:‬‬ «سىلەر بۇرۇلۇپ مىگدول بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقىدىكى پى‫‪‎-‎‬‬ھاھىروتنىڭ ئالدىغا بېرىپ چېدىر تىكىڭلار؛ بائال‫‪‎-‎‬‬زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزنىڭ بويىدا چېدىر تىكىڭلار»، دېگىن.   
3شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن‫‪:‬‬ «ئىسرائىللار زېمىندا ئېزىپ قالدى، چۆلنىڭ ئىچىدە قامىلىپ قالدى» دەپ ئويلايدۇ؛
4ئىسرائىللارنى قوغلىسۇن دەپ مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، ــ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ سۆزى بويىچە قىلدى.
5«ئۇ خەلق قېچىپ كەتتى» دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر بېرىلىۋىدى، پىرەۋن بىلەن ئەمەلدارلىرى خەلق توغرىسىدىكى قارارىدىن يېنىپ‫‪:‬‬ «ئىسرائىللارنى قۇللۇقتىن قويۇۋەتكىنىمىز، بۇ زادى نېمە قىلغىنىمىز؟!» ــ دېيىشتى.
6پىرەۋن دەرھال جەڭ ھارۋىسىنى قوشتۇرۇپ، ئۆز خەلقىنى باشلاپ يولغا چىقتى.
7ئۇ يەنە ئالتە يۈز خىللانغان جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە لەشكەر باشلىقلىرىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ ماڭدى.
8پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنى قوغلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىللار قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن ھالدا مىسىردىن چىقىپ بولغانىدى.
9مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يەنى پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى بىلەن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى بىلەن پۈتكۈل قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئىسرائىللار دېڭىز بويىغا چېدىر تىككەن جايدا، يەنى پى‫‪‎-‎‬‬ھاھىروتنىڭ يېنىدا، بائال‫‪‎-‎‬‬زېفوننىڭ ئۇدۇلىدا ئۇلارغا يېتىشتى.
10پىرەۋن يېقىنلاشقاندا، ئىسرائىللار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈش قىلىپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى! شۇنى كۆرگەندە ئىسرائىللار تولىمۇ قورقۇشۇپ، پەرۋەردىگارغا نىدا‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈردى.
11ئۇلار مۇساغا‫‪:‬‬ ــ مىسىردا گۆرىستان تېپىلماسمىدى، سەن بىزنى چۆلدە ئۆلسۇن دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىڭغۇ؟! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بىزگە مۇنداق قىلغىنىڭ نېمىسى؟!
12مىسىردا تۇرغان ۋاقتىمىزدا بىز ساڭا‫‪:‬‬ «بىزنى مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشىمىزغا قويغىن، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دەپ ئېيتمىغانمىدۇق؟ مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىمىز چۆلگە كېلىپ ئۆلگىنىمىزدىن ئەۋزەل بولاتتى! ــ دېدى.
13بۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە‫‪:‬‬ ــ قورقماي، تىك تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ بۈگۈن سىلەرگە يۈرگۈزىدىغان نىجاتىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.
14پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سىلەر بولساڭلار جىم تۇرساڭلارلا بولدى، دېدى.
15ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا سەن ماڭا پەرياد كۆتۈرىسەن؟ ئىسرائىللارغا‫‪:‬‬ «ئالدىغا مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇغىن.
16لېكىن سەن ھاساڭنى كۆتۈرۈپ قولۇڭنى دېڭىزغا ئۇزىتىپ، ئۇنى ئىككىگە بۆلگىن؛ شۇنداقتا، ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
17مانا، مەن ئۇلارنى قوغلىسۇن دەپ مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلىمەن.
18شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلغىنىمدا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، دېدى.

19ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا يۈرۈۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ،
20مىسىرلىقلارنىڭ چېدىرگاھى بىلەن ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ ئارىلىقىدا توختىدى؛ بۇ بۇلۇت بىر تەرەپتە قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتە كېچىنى يورۇتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر كېچە بىر قوشۇن يەنە بىر قوشۇنغا يېقىن كېلەلمىدى.
21مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار پۈتۈن كېچە شەرقتىن كۈچلۈك بىر شامال چىقىرىپ، دېڭىزنىڭ سۈيىنى كەينىگە ياندۇردى؛ ئۇ سۇنى ياندۇرۇپ دېڭىزنى قۇرۇق يەر قىلدى، سۇلار ئىككىگە بۆلۈندى.
22شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار بولسا ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى.   
23ئەمما مىسىرلىقلار ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى ــ پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كەلدى.
24تاڭ ئاتقاندا شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن بۇلۇت تۈۋرۈكىدە تۇرۇپ مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا قارىدى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا پاراكەندىچىلىك چۈشۈردى.
25ئۇ ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىنى پاتقۇزۇپ، ھەيدەپ مېڭىشىنى مۈشكۈل قىلدى. مىسىرلىقلار‫‪:‬‬ ــ يۈرۈڭلار، ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قاچايلى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مىسىرلىقلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشىتى.
26پەرۋەردىگار مۇساغا‫‪:‬‬ ــ سۇلار يېنىپ مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاتلىقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېقىپ بېرىپ، ئۇلارنى چۆكتۈرۈۋەتسۇن دەپ قولۇڭنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتقىن، ــ دېدى.
27مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزىتىۋىدى، تاڭ ئاتقاندا دېڭىزنىڭ سۈيى يەنە ئەسلىي ھالىتىگە يېنىپ كەلدى. قېچىۋاتقان مىسىرلىقلار ئېقىنغا قارشى يۈگۈرۈشتى، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا موللاق ئاتقۇزدى.
28سۇ ئەسلىگە يېنىپ كېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ دېڭىزغا كىرگەن پىرەۋننىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى غەرق قىلىۋەتتى؛ ئۇلاردىن بىرىمۇ ساق قالمىدى.
29لېكىن ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى.
30شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ئىسرائىللارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ دېڭىزنىڭ بويىدا ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى.
31ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئىشلەتكەن زور قۇدرىتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋە ئۇنىڭ قۇلى مۇساغا ئىشەندى.