1ئاندىن بەزالەل ئەھدە ساندۇقىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى.
2ئۇ ئۇنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى.
3ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ تۆت چېتىقىغا بېكىتتى؛ بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بېكىتتى.
4ئۇ ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛
5ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى.
6ئۇ ساندۇقنىڭ ياپقۇچى سۈپىتىدە ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىدى.
7ئۇ ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتتى؛
8بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورناتتى. ئۇ ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلدى.
9كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلدى.
10ئۇ ھەم شىرەنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى.
11ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى.
12ئۇ شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىدى؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقاردى.
13ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتتى.
14شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلدى.
15شىرە ئۈچۈن ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ شىرە ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى.
16ئۇ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان بارلىق بۇيۇملارنى، يەنى لېگەنلىرىنى، قاچا-قۇچا تەخسىلىرىنى، «شاراب ھەدىيەلىرى»نى قۇيىدىغان قەدەھ ۋە پىيالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
17ئۇ ھەم چىراغداننى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى؛ چىراغداننى سوقۇپ ياسىدى؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچىلىرى ۋە گۈللىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى.
18چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، ئۇنىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلدى؛
19بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى.
20چىراغداننىڭ غولىدىن بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلدى.
21بۇلاردىن باشقا بىرىنچى ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، ئىككىنچى ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، ئۈچىنچى ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە ياسالغانىدى؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى.
22ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالدى.
23ئۇ چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
24ئۇ چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
25ئۇ يەنە خۇشبۇيگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولۇپ، تۆت چاسا قىلىپ ياسالدى؛ تۆت بۇرجىكىدىكى مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالدى.
26ئۇ ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى.
27ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل بېكىتتى. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇردى.
28ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29ئۇ ھەم مۇقەددەس مەسىھلەش مېيىنى ياسىدى، ئاندىن ئەتىرچى چىقارغاندەك دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەپ ساپ خۇشبۇينى ياسىدى.