Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - نەھەمىيا

نەھەمىيا 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سېپىل ئوڭشىلىپ بولۇپ، مەن دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، دەرۋازىۋەنلەرنى، غەزەلكەشلەرنى ۋە لاۋىيلارنى بېكىتىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى،
2مەن ئىنىم ھانانى بىلەن قەلئە سەردارى ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم؛ چۈنكى ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ، خۇدادىن قورقۇشتا كۆپ ئادەملەردىن ئېشىپ كېتەتتى.
3مەن ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ كۈن ئىسسىغۇچە يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى ئېچىلمىسۇن؛ قوۋۇقلارنىڭ قاناتلىرى ئېتىلگەندە، بالداقلار تاقالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن؛ شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم.
4شەھەر چوڭ ھەم كەڭرى بولغىنى بىلەن ئاھالە ئاز، ئۆيلەر تېخى سېلىنمىغانىدى.
5خۇدايىم كۆڭلۈمگە مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ ھەربىرىنى نەسەبنامىسى بويىچە رويخەتكە ئېلىشقا ئۇلارنى يىغىش نىيىتىنى سالدى. مەن ئاۋۋال بىرىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ نەسەبنامىسىنى تاپتىم، ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى‫‪:‬‬ ــ
6تۆۋەندىكىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتتى‫‪:‬‬ ــ   
7ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، ئازارىيا، رائامىيا، ناھامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نەھۇم ۋە بائاناھلار بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ ــ
8پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛
9شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛
10ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛
11پاھات‫‪‎-‎‬‬موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون سەككىز كىشى؛
12ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛
13زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز يۈز قىرىق بەش كىشى؛
14زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛
15بىننۇئىينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق سەككىز كىشى؛
16بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛
17ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛
18ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش يەتتە كىشى؛
19بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئاتمىش يەتتە كىشى؛
20ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئەللىك بەش كىشى؛
21ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛
22ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛
23بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە تۆت كىشى؛
24ھارىفنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛
25گىبېئوننىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛
26بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەملىكلەر بىلەن نىتوفالىقلار جەمئىي بىر يۈز سەكسەن سەككىز كىشى؛
27ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛
28بەيت‫‪‎-‎‬‬ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى.
29كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛
30راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛
31مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛
32بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
33ئىككىنچى بىر نېبودىكىلەر ئەللىك ئىككى كىشى؛
34ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛
35ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛
36يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛
37لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛
38سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز كىشى.
39كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛
40ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛
41پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛
42ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى.
43لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ ــ خودۋاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى.
44غەزەلكەشلەردىن‫‪:‬‬ ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز قىرىق سەككىز كىشى.
45دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن‫‪:‬‬ ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز كىشى.
46ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى.
47كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىيانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى،
48لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، شالماينىڭ ئەۋلادلىرى،
49ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى،
50رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى،
51گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى،
52بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسەسىمنىڭ ئەۋلادلىرى،
53باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى،
54بازلىتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى،
55باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى،
56نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت.
57سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پېرىدانىڭ ئەۋلادلىرى،
58يائالانىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى،
59شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت‫‪‎-‎‬‬ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئاموننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت.
60ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى.
61تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل‫‪‎-‎‬‬مېلاھ، تەل‫‪‎-‎‬‬خارشا، كېرۇب، ئاددون، ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى.
62بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛
63كاھىنلاردىن خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى.
64بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى.
65ۋالىي ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى.
66پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛
68بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل‫‪‎-‎‬‬دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز قىرىق بەش ئەر‫‪‎-‎‬‬ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى،
69تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى.
70جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى؛ ۋالىي خەزىنىگە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئەللىك داس ۋە بەش يۈز ئوتتۇز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى؛
71جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش؛
72خەلقنىڭ قالغىنى يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش، ئاتمىش يەتتە قۇر كاھىن تونىنى تەقدىم قىلدى.
73شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، شۇنداقلا قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى.