Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بىر ۋاقىتتا، شىمشون تىمناھقا چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىر قىزنى كۆردى؛ ئۇ فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرى ئىدى.
2ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ‫‪:‬‬ ــ مەن تىمناھدا فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرىنى كۆردۈم، ئۇنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىڭلار، ــ دېدى.
3بىراق ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قېرىنداشلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى بىزنىڭ پۈتكۈل قوۋمىمىزنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بىر قىز چىقماسمۇ؟ نېمىشقا خەتنىسىز بولغان فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلاردىن خوتۇن ئالماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى؛ ئەمما شىمشون ئاتىسىغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنى ماڭا ئېلىپ بەرگىن، چۈنكى ئۇ ماڭا بەك ياقتى، ــ دېدى.
4ئۇنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغىنىنى بىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيلەر شۇ چاغدا ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇ فىلىستىيلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پۇرسەت ياراتماقچى ئىدى.
5ئەمدى شىمشون ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسى بىلەن تىمناھقا چۈشتى؛ ئۇلار تىمناھدىكى ئۈزۈمزارلىقلارغا يېتىپ كەلگەندە، مانا بىر ياش شىر ھۆركىرىگەن پېتى ئۇنىڭغا ئېتىلدى.
6شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ قولىدا ھېچنېمە بولمىغان ھالەتتە شىرنى تۇتۇپ، ئۇنى ئوغلاقنى يىرتقاندەك يىرتىپ تىتما‫‪‎-‎‬‬تىتما قىلىۋەتتى. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىغا دېمىدى.
7ئاندىن ئۇ تىمناھقا چۈشۈپ، ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ قىز شىمشونغا بەك ياراپ كەتتى.
8بىرمەزگىلدىن كېيىن ئۇ قىزنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قايتا بارغاندا، شىرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈپ باقاي دەپ يولدىن بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدە بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرى بىلەن ھەسەل تۇراتتى.
9ئۇ ھەسەلدىن ئوچۇمىغا ئېلىپ يەپ ماڭدى؛ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇلارغىمۇ بەردى، ئۇلارمۇ يېدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ھەسەلنى شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ كەلگىنىنى ئۇلارغا دېمىدى.
10ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چۈشۈپ قىزنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇ يەردە شىمشون بىر زىياپەت بەردى، چۈنكى بۇرۇندىنلا توي قىلىدىغان يىگىتلەر شۇنداق قىلىدىغان رەسم‫‪‎-‎‬‬قائىدە بار ئىدى.
11ئۇلار شىمشوننى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا ئوتتۇز يىگىتنى تېپىپ كەلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.
12شىمشون ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي، ئەگەر سىلەر زىيارەت قىلىنىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىمەن؛
13ئەگەر ئۇنى يېشىپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەر ماڭا ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ماقۇل، ئۇنداق بولسا تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، قېنى ئاڭلايلى، ــ دېدى.
14ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ يېيىلىدىغىنى يېگۈچىنىڭ ئىچىدىن چىقتى؛ تاتلىق كۈچتۈڭگۈرنىڭ ئىچىدىن چىقتى، بۇ نېمە؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە بۇ تېپىشماقنى تاپالمىدى.
15يەتتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سەن ئېرىڭنى ئالداپ‫‪‎-‎‬‬سىيلاپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىشكە ماقۇل قىلغىن؛ بولمىسا سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. سىلەر بىزنى يوقسۇل قىلىشقا بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! ــ دېدى.
16شىمشوننىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ سەن ماڭا ئۆچ، مېنى پەقەت سۆيمەيسەن؛ سەن مېنىڭ قوۋمىمنىڭ بالىلىرىدىن بىر تېپىشماقنى سورىدىڭ، ئەمما ماڭا مەنىسىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭ، دەپ يىغلىغىلى تۇردى. شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن ئۇنى ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانامغىمۇ دەپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا دەپ بېرەمدىم؟ ــ دېدى.
17زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە كۈنىدە ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپلا يۈردى. شۇنداق بولدىكى، يەتتىنچى كۈنى بولغاندا ئايالى ئۇنى قىستاپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنىڭغا تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئايال بېرىپ ئۆز خەلقىنىڭ ئادەملىرىگە تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى.
18شۇنىڭ بىلەن يەتتىنچى كۈنى كۈن پاتماستا، شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ھەسەلدىنمۇ تاتلىقى بارمۇ؟ شىردىنمۇ كۈچتۈڭگۈرى بارمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشمىقىمنى ھەرگىز تاپالمايتتىڭلار! ــ دېدى.

19ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ ئاشكېلونغا چۈشۈپ، ئاشكېلوندىكىلەردىن ئوتتۇز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئولجا ئېلىپ، ئولجىدىن ئىگىنلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەرگەنلەرگە بەردى. شۇنىڭدەك شىمشوننىڭ غەزىپى كېلىپ، ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەتتى.
20ئاندىن شىمشوننىڭ ئايالى شىمشوننىڭ ھەمراھلىرىدىن قولداش بولغان يىگىتكە تەۋە قىلىندى.