Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمدى ئەھۇد ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلغىلى تۇردى.
2شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. يابىن ھازور شەھىرىدە سەلتەنەت قىلاتتى؛ ئۇنىڭ قوشۇن سەردارىنىڭ ئىسمى سىسېرا بولۇپ، ئۇ ھاروشەت‫‪‎-‎‬‬گويىم دېگەن شەھەردە تۇراتتى.   
3ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈردى، چۈنكى يابىننىڭ توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئىسرائىللارغا يىگىرمە يىلدىن بۇيان تولىمۇ زۇلۇم قىلىپ كەلگەنىدى.
4ئۇ ۋاقىتتا لاپىدوتنىڭ خوتۇنى دەبوراھ دېگەن ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىلغا ھاكىم ئىدى.
5ئۇ ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماھ بىلەن بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «دەبوراھنىڭ خورما دەرىخى»نىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى؛ بارلىق ئىسرائىللار دەۋالىرى توغرىسىدا ھۆكۈم سورىغىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلەتتى.
6ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ نافتالى يۇرتىدىكى كەدەشتىن ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق ئەمر قىلغان ئەمەسمۇ؟! ئۇ‫‪:‬‬ ــ سەن بېرىپ نافتالىلار قەبىلىسى ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ تابور تېغىغا چىققىن؛   
7شۇنىڭ بىلەن مەن يابىننىڭ قوشۇن سەردارى سىسېرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قوشۇپ كىشون ئېقىنىنىڭ بويىغا، سېنىڭ قېشىڭغا بارغۇسى نىيەتكە سېلىپ، ئۇنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن دېگەن، ــ دېدى.
8باراق ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىللە بارساڭ، مەنمۇ بارىمەن. سەن مەن بىلەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن! ــ دېدى.
9دەبوراھ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ماقۇل، مەن سەن بىلەن بارسام باراي؛ ھالبۇكى، سەپىرىڭ ساڭا ھېچ شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىسېرانى بىر ئايال كىشىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دەبوراھ قوپۇپ باراق بىلەن بىللە كەدەشكە ماڭدى.
10باراق زەبۇلۇنلار ۋە نافتالىلارنى كەدەشكە چاقىرتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ دەبوراھمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقتى
11(شۇ چاغدا كېنىيلەردىن بولغان ھەبەر ئۆزىنى مۇسانىڭ قېينئاتىسى ھوبابنىڭ نەسلىدىن بولغان كېنىيلەردىن ئايرىپ چىقىپ، كەدەشنىڭ يېنىدىكى زائانائىمنىڭ دۇب دەرىخىنىڭ يېنىدا چېدىر تىككەنىدى).  
12ئەمدى سىسېراغا‫‪:‬‬ ــ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق تابور تېغىغا چىقىپتۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى.
13شۇنى ئاڭلاپ سىسېرا بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى، يەنى توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسىنى ۋە بارلىق ئەسكەرلىرىنى يىغىپ، ھاروشەت‫‪‎-‎‬‬گويىمدىن چىقىپ، كىشون ئېقىنىنىڭ يېنىدا توپلىدى.
14دەبوراھ باراققا‫‪:‬‬ ــ قوپقىن؛ بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسېرانى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان كۈندۈر. مانا، پەرۋەردىگار ئالدىڭدا يول باشلىغىلى چىقتى ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، باراق ۋە ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تابور تېغىدىن چۈشتى.
15پەرۋەردىگار سىسېرانى، ئۇنىڭ ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق قوشۇنىنى قوشۇپ باراقنىڭ قىلىچى ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى؛ سىسېرا ئۆزى جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، پىيادە قېچىپ كەتتى.
16باراق جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە قوشۇننى ھاروشەت‫‪‎-‎‬‬گويىمگىچە قوغلاپ باردى؛ سىسېرانىڭ بارلىق قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، بىرىمۇ قالمىدى.
17لېكىن سىسېرا پىيادە قېچىپ، كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ ئايالى يائەلنىڭ چېدىرىغا باردى؛ چۈنكى ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بىلەن كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئالاقىسى بار ئىدى.
18يائەل سىسېرانى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەي خوجام، كىرگىنە! قورقما، مېنىڭكىگە كىرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سىسېرا ئۇنىڭ چېدىرىغا كىردى، ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە يوتقان يېپىپ قويدى.

19ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مەن ئۇسساپ كەتتىم، ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگىنە، دېۋىدى، ئايال بېرىپ سۈت تۇلۇمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ، ئاندىن يەنە ئۇنى يېپىپ قويدى.
20ئاندىن سىسېرا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن چېدىرنىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرغىن. بىركىم كېلىپ سەندىن‫‪:‬‬ ــ بۇ يەردە بىرەرسى بارمۇ، دەپ سورىسا، يوق دەپ جاۋاب بەرگىن، ــ دېدى.
21ئەمدى ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل قوپۇپ، بىر چېدىر قوزۇقىنى ئېلىپ، قولىدا بولقىنى تۇتقىنىچە شەپە چىقارماي ئۇنىڭ قېشىغا باردى؛ ئۇ ھېرىپ كەتكەچكە، قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنىدى. يائەل ئۇنىڭ چېكىسىگە قوزۇقنى شۇنداق قاقتىكى، قوزۇق چېكىسىدىن ئۆتۈپ يەرگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى.
22شۇ چاغدا، باراق سىسېرانى قوغلاپ كەلدى، يائەل ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ كەلگىن، سەن ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى ساڭا كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ چېدىرىغا كىرىپ قارىۋىدى، مانا سىسېرا ئۆلۈك ياتاتتى، قوزۇق تېخىچە چېكىسىگە قېقىقلىق تۇراتتى.
23شۇنداق قىلىپ، خۇدا شۇ كۈنى قانائان پادىشاھى يابىننى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا تۆۋەن قىلدى.
24شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، قانائان پادىشاھى يابىندىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ئاخىردا ئۇلار قانائان پادىشاھى يابىننى يوقاتتى.