Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىزپاھدا قەسەم قىلىشىپ‫‪:‬‬ ــ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچكىم ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن، ــ دېيىشكەنىدى.
2شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە كېلىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە خۇدانىڭ ئالدىدا پەرياد كۆتۈرۈپ قاتتىق يىغلىشىپ‫‪:‬‬ ــ
3ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا نېمىشقا شۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ، نېمىشقا ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن بىرى يوقاپ كەتسۇن؟ ــ دېيىشتى.
4ئەتىسى خەلق سەھەر قوپۇپ، ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇندى.
5ئىسرائىللار ئۆزئارا‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن جامائەتكە قوشۇلۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا كەلمىگەن كىملەر بار؟ ــ دەپ سوراشتى، چۈنكى ئۇلار كىمكى مىزپاھقا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولمىسا، ئۇ شەكسىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، دەپ قاتتىق قەسەم قىلىشقانىدى.
6ئىسرائىل ئۆز قېرىندىشى بولغان بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلىپ‫‪:‬‬ ــ مانا، ئەمدى ئىسرائىل ئارىسىدىن بىر قەبىلە ئۈزۈۋېتىلدى.
7بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچقايسىمىز ئۆز قىزىمىزنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز، ــ دەپ قەسەم قىلغانىدۇق؛ ئەمدى قانداق قىلساق ئۇلاردىن قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز ــ دېيىشتى.
8ئۇلار يەنە ئۆزئارا‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن قايسىسى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقمىدى؟ ــ دەپ سوراشتى. مانا، يابەش‫‪‎-‎‬‬گىلېئادلىقلاردىن ھېچقايسىسى چېدىرگاھقا، جامائەتكە قوشۇلۇشقا كەلمىگەنىدى.
9چۈنكى خەلقنى ساناپ كۆرگەندە يابەش‫‪‎-‎‬‬گىلېئادنىڭ ئادەملىرىدىن ئۇ يەردە ھېچكىم يوق ئىدى.
10شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئون ئىككى مىڭ پالۋاننى ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ‫‪:‬‬ ــ يابەش‫‪‎-‎‬‬گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلارنى، جۈملىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۇرۇپ‫‪‎-‎‬‬قىرىپ قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛
11شۇنداق قىلىڭلاركى، بارلىق ئەركەكلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، دېدى.
12ئۇلار شۇنداق قىلىپ يابەش‫‪‎-‎‬‬گىلېئادتىكى خەلقىنىڭ ئىچىدە تېخى ئەرلەر بىلەن بىللە بولۇپ باقمىغان تۆت يۈز قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ قانائان زېمىنىدىكى شىلوھقا، چېدىرگاھغا ئېلىپ كەلدى.
13ئاندىن پۈتكۈل جامائەت رىمموندىكى تىك ياردىكى بىنيامىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تىنچلىق سالىمىنى جاكارلىدى.
14شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى؛ ئىسرائىللار يابەش‫‪‎-‎‬‬گىلېئادتىكى ھايات قالغان قىزلارنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، لېكىن بۇلار ئۇلارغا يېتىشمىدى.
15ۋە خەلق بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىدا كەمتۈك پەيدا قىلىپ قويغانىدى.
16بۇ ۋاقىتتا جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى‫‪:‬‬ ــ بىنيامىننىڭ قىز‫‪‎-‎‬‬ئاياللىرى يوقۇتىۋېتىلدى، ئەمدى بىز قانداق قىلساق قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز، ــ دېدى.
17ئاندىن يەنە‫‪:‬‬ ــ بىنيامىندىن قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسىغا مىراس ساقلىنىشى كېرەككى، ئىسرائىلنىڭ بىر قەبىلىسىمۇ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى كېرەك.
18پەقەت بىزلا قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەرسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئىسرائىللار‫‪:‬‬ «ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن!» دەپ قەسەم قىلىشقان، ‫‪‎-‎‬‬ دېيىشتى.

19ئۇلار يەنە‫‪:‬‬ ــ مانا، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلنىڭ شىمال تەرىپىدىكى، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدىن شەكەمگە چىقىدىغان يولنىڭ شەرق تەرىپىدىكى، لىبوناھنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى شىلوھدا ھەر يىلى پەرۋەردىگارنىڭ بىر ھېيتى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى.
20ئاندىن ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا بۇيرۇپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر بېرىپ، شۇ يەردىكى ئۈزۈمزارلىقلارغا يوشۇرۇنىۋېلىڭلار.
21كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، قاچانىكى شىلوھدىكى قىزلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغىلى چىققىنىنى كۆرسەڭلار، ئۈزۈمزارلىقلاردىن چىقىپ ھەربىرىڭلار شىلوھنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۆزۈڭلارغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىڭلار، ئاندىن بىنيامىننىڭ زېمىنىغا كېتىڭلار.
22شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى يا ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكىلىرى كېلىپ بىزگە پەرياد كۆتۈرسە، بىز ئۇلارغا‫‪:‬‬ «بىزگە يۈز‫‪‎-‎‬‬خاتىرە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويۇڭلار، چۈنكى بىز جەڭدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خوتۇنلۇققا تولۇق بىردىن قىز ئالالمىدۇق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر بۇ قېتىم قىزلىرىڭلارنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن ئۇلارغا بەرمىدىڭلار؛ ئىختىيارەن بەرگەن بولساڭلار، گۇناھقا تارتىلاتتىڭلار»، دەيمىز، ــ دېدى.
23بىنيامىنلار شۇنداق قىلىپ سانى بويىچە ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىزلاردىن ئۆزلىرىگە خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىپ، ئۆز مىراس زېمىنىغا قايتىپ بېرىپ، شەھەرلەرنى يەنە ياساپ ئۇ يەردە تۇردى.
24ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەربىرى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە جەمەتىگە يېنىپ باردى، ئاندىن ھەربىرى ئۆز مىراس زېمىنىغا كەتتى.
25شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى.