Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئىسرائىلدا تېخى پادىشاھ تىكلەنمىگەن شۇ كۈنلەردە، ئەفرائىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر لاۋىي كىشى بار ئىدى؛ ئۇ يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەملىك بىر قىزنى كېنىزەكلىككە ئالدى.
2لېكىن ئۇ كېنىزەك ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەمگە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۆت ئايچە تۇردى.
3ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئېرى قوپۇپ كېنىزىكىگە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، كۆڭلىنى ئېلىپ ياندۇرۇپ كېلىشكە كېنىزىكىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بىر خىزمەتكارىنى ۋە ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ باردى. كېنىزەك ئېرىنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى؛ ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ قارشى ئالدى.
4ئۇنىڭ قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى تۇتۇپ قالدى، ئۇ ئۇ يەردە ئۈچ كۈنگىچە يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ قوپتى.
5تۆتىنچى كۈنى لاۋىي كىشى سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، كېنىزىكىنىڭ ئاتىسى كۈيئوغلىغا‫‪:‬‬ ــ بىر توغرام نان يەپ يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئاندىن ماڭغىن، ــ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى ئولتۇرۇپ بىللە يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ تاماقلاندى. قىزنىڭ ئاتىسى ئۇ كىشىگە‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ كېچىمۇ قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن، دېدى.
7بۇ كىشى ماڭغىلى قوپۇۋىدى، لېكىن قېينئاتىسى ئۇنى زورلاپ، يەنە ئېلىپ قالدى، ئۇ يەنە بىر كۈن قوندى.
8بەشىنچى كۈنى ئۇ سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلاندى، لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئاۋۋال يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى كۈن ئېگىلگۈچە ئولتۇرۇپ، بىللە تاماقلاندى.
9ئاندىن بۇ كىشى كېنىزىكى ۋە خىزمەتكارىنى ئېلىپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ داداسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا، كەچ كىرەي دەۋاتىدۇ، سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ يەردە يەنە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ مانا، كۈن مەغرىققە ئېگىلىپتۇ، بۇ يەردە قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن؛ ئاندىن ئەتە سەھەردە يولغا چىقىپ، ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار، ــ دېدى.
10لېكىن ئۇ كىشى ئەمدى يەنە بىر كېچە قونۇشقا ئۇنىماي، قوپۇپ يولغا چىقىپ يەبۇسنىڭ، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى توقۇقلۇق ئېشەك ۋە كېنىزىكى بار ئىدى.
11ئۇلار يەبۇسقا يېقىن كەلگەندە كۈن ئولتۇراي دەپ قالغاچقا، خىزمەتكارى غوجىسىغا‫‪:‬‬ ــ يەبۇسىيلارنىڭ بۇ شەھىرىگە كىرىپ، شۇ يەردە قونايلى، دېدى.
12لېكىن غوجىسى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بىز ئىسرائىللار تۇرمايدىغان، يات ئەللەر تۇرىدىغان شەھەرگە كىرمەيلى، بەلكى گىبېئاھقا ئۆتۈپ كېتەيلى، دېدى.
13ئاندىن ئۇ يەنە خىزمەتكارىغا‫‪:‬‬ ــ كەلگىن، بىز يېقىندىكى جايلاردىن بىرىگە بارايلى، گىبېئاھدا ياكى راماھدا قونايلى، دېدى.
14شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېڭىپ، بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندا كۈن ئولتۇرغانىدى.
15ئۇلار گىبېئاھقا كىرىپ، ئۇ يەردە قونماقچى بولدى؛ شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى؛ لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى قوندۇرۇشقا ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى.
16ھالبۇكى، ئۇ كېچىسى قېرى بىر ئادەم ئىشىنى تۈگىتىپ، ئېتىزلىقتىن يېنىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ ئەسلىدە ئەفرائىم تاغلىق رايونىلىق ئادەم ئىدى، ئۇ گىبېئاھدا مۇساپىر بولۇپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى؛ لېكىن ئۇ يەردىكى خەلقلەر بىنيامىنلاردىن ئىدى.
17ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، بۇ يولۇچىنىڭ شەھەرنىڭ مەيدانىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ قەيەردىن كەلدىڭ؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
18ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بىز يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەمدىن ئەفرائىم تاغلىقىنىڭ چەت ياقىلىرىغا كېتىپ بارىمىز؛ مەن ئەسلى شۇ جايدىن بولۇپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەمگە بارغانىدىم؛ ئىشلىرىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى؛ لېكىن بۇ يەردە ھېچ كىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى.

19بىزنىڭ ئېشەكلىرىمىزگە بېرىدىغان سامان ۋە بوغۇزىمىز بار، ئۆزۈم، دېدەكلىرى، شۇنداقلا كەمىنىلىرىڭ بىلەن بولغان يىگىتكىمۇ نان ۋە شارابلار بار، بىزگە ھېچ نېمە كەم ئەمەس، ــ دېدى.
20بۇنى ئاڭلاپ قېرى كىشى‫‪:‬‬ ــ تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان بولغايسەن؛ سىلەرىڭ موھتاجلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۈستۈمگە بولسۇن، ئەمما كوچىدا ياتماڭلار! ــ دەپ،
21ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. مېھمانلار پۇتلىرىنى يۇيۇپ، يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ غىزالاندى.
22ئۇلار كۆڭلىدە خۇش بولۇپ تۇرغىنىدا، مانا، شەھەرنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچەيلەن، يەنى بىرقانچە لۈكچەك كېلىپ ئۆينى قورشىۋېلىپ، ئىشىكنى ئۇرۇپ‫‪‎-‎‬‬قېقىپ، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان قېرى كىشىگە‫‪:‬‬ ــ سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەن شۇ كىشىنى بىزگە چىقىرىپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى.  
23بۇنى ئاڭلاپ ئۆي ئىگىسى ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بولمايدۇ، ئەي بۇرادەرلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار؛ بۇ كىشى مېنىڭ ئۆيۈمگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىكەن، سىلەر بۇنداق ئىپلاسلىق قىلماڭلار.
24مانا، مېنىڭ پاك بىر قىزىم بار، يەنە ئۇ كىشىنىڭ كېنىزىكى بار. مەن ئۇلارنى قېشىڭلارغا چىقىرىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى، نەزىرىڭلارغا نېمە خۇش ياقسا ئۇلارنى شۇنداق قىلىڭلار، لېكىن بۇ كىشىگە مۇشۇنداق ئىپلاسلىق ئىشنى قىلماڭلار، ــ دېدى.
25لېكىن ئۇ ئادەملەر ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ يولۇچى كېنىزىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا سۆرەپ چىقىرىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەچتىن ئەتىگەنگىچە ئاياغ ئاستى قىلدى؛ ئۇلار تاڭ يورۇغاندا ئاندىن ئۇنى قويۇپ بەردى.
26چوكان تاڭ سەھەردە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ غوجىسى قونغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە يىقىلىپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە شۇ يەردە يېتىپ قالدى.
27ئەتىگەندە ئۇنىڭ غوجىسى قوپۇپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، يولغا چىقماقچى بولۇپ تېشىغا چىقىۋىدى، مانا، ئۇنىڭ كېنىزىكى بولغان چوكان ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قوللىرى بوسۇغىنىڭ ئۈستىگە قويۇقلۇق ھالدا ياتاتتى.
28ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قوپقىن، بىز ماڭايلى، دېدى. لېكىن چوكان ھېچبىر جاۋاب بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوكاننى ئېشەككە ئارتىپ، قوزغىلىپ ئۆز ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى.
29ئۆز ئۆيىگە كەلگەندە، پىچاقنى ئېلىپ كېنىزىكىنىڭ جەسىتىنى سۆڭەكلىرى بويىچە ئون ئىككى پارچە قىلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل يۇرتىنىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬ياقىلىرىغىچە ئەۋەتتى.
30شۇنداق بولدىكى، بۇنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى‫‪:‬‬ «ئىسرائىل مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغانىدى ياكى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. ئەمدى بۇ ئىشنى ئوبدان ئويلىشىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەيلى» ــ دېيىشتى.