Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يەرۇببائال (يەنى گىدېئون) ۋە ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە خەلق ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، ھارود دېگەن بۇلاقنىڭ يېنىغا بېرىپ چېدىر تىكتى. مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدە، مورەھ ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى.
2ئەمدى پەرۋەردىگار گىدېئونغا‫‪:‬‬ ــ ساڭا ئەگەشكەن خەلقنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا مەن مىدىيانىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرالمايمەن. بولمىسا ئىسرائىل‫‪:‬‬ «ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ قولى قۇتقۇزدى» دەپ ماختىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
3شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئەمدى خەلققە‫‪:‬‬ «كىملەر قورقۇپ تىترەك باسقان بولسا، ئۇلار گىلېئاد تېغىدىن يېنىپ كەتسۇن» دەپ جاكارلىغىن ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئارىسىدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، پەقەت ئون مىڭىلا قېلىپ قالدى.
4پەرۋەردىگار گىدېئونغا يەنە‫‪:‬‬ ــ خەلقنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ؛ ئەمدى سەن بۇلارنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلگىن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سەن ئۈچۈن سىناقتىن ئۆتكۈزەي؛ مەن كىمنى كۆرسىتىپ‫‪:‬‬ «ئۇ سەن بىلەن بارسۇن دېسەم»، ئۇ سەن بىلەن بارسۇن؛ لېكىن مەن كىمنى كۆرسىتىپ‫‪:‬‬ «ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن، ــ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن گىدېئون خەلقنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ كىمكى ئىت سۇ ئىچكەندەك تىلى بىلەن يالاپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنى ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن؛ ھەم كىمكى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنىمۇ ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن، ــ دېدى.
6شۇنداق بولدىكى، ئوچۇمىنى ئاغزىغا تەگكۈزۈپ يالاپ سۇ ئىچكەنلەردىن ئۈچ يۈزى چىقتى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچتى.
7ئاندىن پەرۋەردىگار گىدېئونغا‫‪:‬‬ ــ مەن مۇشۇ سۇنى يالاپ ئىچكەن ئۈچ يۈز ئادەمنىڭ قولى بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىدىياننى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ لېكىن قالغان خەلق بولسا ھەممىسى ئۆز جايىغا يېنىپ كەتسۇن، ــ دېدى.
8شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ يۈز ئادەم ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تۈلۈك ۋە كانايلىرىنى قولىغا ئېلىشتى؛ گىدېئون ئىسرائىلنىڭ قالغان بارلىق ئادەملىرىنى ئۆز چېدىرىغا قايتۇرۇۋېتىپ، پەقەت شۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئېلىپ قالدى. ئەمدى مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جىلغىدا ئىدى.
9شۇ كېچىسى شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن قوپۇپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن، چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛
10ئەگەر سەن چۈشۈشتىن قورقساڭ، ئۆز خىزمەتكارىڭ پۇراھنى بىللە ئېلىپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن.
11سەن ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلايسەن، ئاندىن سەن لەشكەرگاھقا ھۇجۇم قىلىپ چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالايسەن، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇ خىزمەتكارى پۇراھنى ئېلىپ لەشكەرگاھنىڭ چېتىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يېنىغا باردى.
12مانا مىدىيان، ئامالەك ۋە بارلىق مەشرىقتىكىلەر چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، جىلغىنىڭ بويىغا يېيىلغانىدى؛ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى كۆپلىكىدىن دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى‫‪‎-‎‬‬ھېسابسىز ئىدى.
13گىدېئون بارغاندا، مانا، ئۇ يەردە بىرسى ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن بىر چۈش كۆردۇم، چۈشۈمدە مانا، بىر ئارپا توقىچى مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا دومۇلاپ چۈشۈپتۇدەك؛ ئۇ چېدىرغا كېلىپ سوقۇلۇپتىدەك، شۇنىڭ بىلەن چېدىر ئۆرۇلۈپ، دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ــ دەۋاتاتتى.
14ئۇنىڭ ھەمراھى جاۋابەن تەبىر بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ توقاچ يوئاشنىڭ ئوغلى، ئىسرائىللىق ئادەم گىدېئوننىڭ قىلىچىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر؛ خۇدا مىدىيان ۋە ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپتۇ، دېدى.
15شۇنداق بولدىكى، گىدېئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ بېرىلگەن تەبىرىنى ئاڭلاپ، سەجدە قىلدى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يېنىپ كېلىپ‫‪:‬‬ ــ قوپۇڭلار، پەرۋەردىگار مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېدى؛
16شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەممىسىنىڭ قولىغا بىردىن كاناي بىلەن بىردىن قۇرۇق كومزەكنى بەردى؛ ھەربىر كومزەك ئىچىدە بىردىن مەشئەل قويۇلدى.
17ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر ماڭا قاراپ، مېنىڭ قىلغىنىمدەك قىلىڭلار. مانا، مەن لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا بارغاندا، نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار؛
18مەن ۋە مەن بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بارلىق ئادەملەر كاناي چالساق، سىلەرمۇ لەشكەرگاھنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار ۋە‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەم گىدېئون ئۈچۈن!» دەپ توۋلاڭلار، ــ دېدى.

19كېيىنكى يېرىم كېچىلىك كۆزەتنىڭ باشلىنىشىدا، كۆزەتچىلەر يېڭىدىن ئالماشقاندا، گىدېئون ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان يۈز ئادەم لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار كاناي چېلىپ قوللىرىدىكى كومزەكلەرنى چاقتى.
20شۇ ھامان ئۈچ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاناي چېلىپ، كومزەكلەرنى چېقىپ، سول قوللىرىدا مەشئەللەرنى تۇتۇپ، ئوڭ قوللىرىدا كانايلارنى ئېلىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگارغا ۋە گىدېئونغا ئاتالغان قىلىچ! ــ دەپ توۋلاشقىنىچە،
21ئۇلارنىڭ ھەربىرى لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىدا، ئۆز جايىدا تۇرۇشتى؛ ياۋ قوشۇنى تەرەپ‫‪‎-‎‬‬تەرەپكە پېتىراپ، ۋارقىراپ‫‪‎-‎‬‬جارقىرىغان پېتى قاچقىلى تۇردى.
22بۇ ئۈچ يۈز ئادەم كاناي چالغاندا، پەرۋەردىگار پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكى ياۋ لەشكەرلىرىنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىنى قىلىچلاشقا سېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ياۋ قوشۇنى زېرەراھقا بارىدىغان يولدىكى بەيت‫‪‎-‎‬‬شىتتاھ تەرەپگە قاچتى؛ ئۇلار تابباتنىڭ يېنىدىكى ئابەل‫‪‎-‎‬‬مەھولاھنىڭ چېگرىسىغىچە قاچتى.
23ئاندىن نافتالى، ئاشىر ۋە پۈتكۈل ماناسسەھنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئىسرائىللار چاقىرىپ كېلىندى ۋە ئۇلار مىدىيانىيلارنى قوغلىدى.
24شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئەفرائىم پۈتكۈل تاغلىقىنى ئارىلاپ كېلىشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئەفرائىملارغا‫‪:‬‬ ــ «سىلەر چۈشۈپ مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، بەيت‫‪‎-‎‬‬باراھقىچە، شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى توسۇۋېلىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمنىڭ ھەممە ئادەملىرى يىغىلىپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬باراھقىچە ۋە ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلىدى.
25ئۇلار مىدىياننىڭ ئورەب ۋە زەئەب دېگەن ئىككى ئەمىرىنى تۇتۇۋالدى؛ ئورەبنى ئۇلار «ئورەب قورام تېشى» ئۈستىدە، زەئەبنى «زەئەب شاراب كۆلچىكى»دە ئۆلتۈردى، مىدىيانىيلارنى قوغلاپ بېرىپ، ئورەب ۋە زەئەبنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە گىدېئوننىڭ قېشىغا كەلدى.