Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن شىمشون گازاغا باردى، ئۇ ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايالنى كۆرۈپ، كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلدى.
2لېكىن گازالىقلار بىرسىنىڭ‫‪:‬‬ ــ شىمشون بۇ يەرگە كەلدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، شەھەرنى قورشاپ، كېچىچە شەھەرنىڭ قوۋۇقىدا ئۈن چىقارماي ماراپ تۇردى ۋە‫‪:‬‬ ئەتە تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرىمىز، ــ دېيىشتى.
3شىمشون يېرىم كېچىگىچە ياتتى؛ ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەر قوۋۇقىنىڭ ئىككى قانىتىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئىككى كېشىكى ۋە بالداق‫‪‎-‎‬‬تاقىقى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا قومۇرۇپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ ھېبروننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
4كېيىن ئۇ سورەك جىلغىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىلىلاھ ئىسىملىك بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى.
5بۇنى بىلىپ فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى كولاپ سوراپ، بىزنىڭ قانداق قىلساق ئۇنى يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى، ئۇنى باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز ھەربىرىمىز ساڭا بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، ــ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ شىمشوندىن‫‪:‬‬ ــ سەن كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا سېنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن! ــ دېدى.
7شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئادەملەر مېنى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچى بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى.
8شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچىنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئايالغا بېرىۋىدى، ئۇ بۇ كىرىچلەر بىلەن ئۇنى باغلاپ قويدى
9(دىلىلاھ بىرنەچچە ئادەمنى ھۇجرىدا پايلاپ تۇرۇشقا يوشۇرۇپ قويغانىدى). ئۇ شىمشونغا‫‪:‬‬ ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. ئۇ قوپۇپ كىرىچلەرنى چىگە شوينا ئوتتا كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ سىرى ئاشكارىلانمىدى.
10بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا‫‪:‬‬ ــ مانا، سەن مېنى ئالداپ، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن! ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى.
11ئۇ جاۋاپ بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئادەملەر مېنى ھېچ ئىشلەتمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى.
12شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ يېڭى ئارغامچا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باغلاپ‫‪:‬‬ ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى (ئەسلىدە بىرنەچچە ئادەم ھۇجرىدا يوشۇرۇنۇپ، ئۇنى پايلاپ تۇرۇشقانىدى). لېكىن شىمشون ئۆز قولىدىكى ئارغامچىلارنى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى.
13بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا‫‪:‬‬ ــ سەن ھازىرغىچە مېنى ئالداپسەن، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن؛ ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دۇكاندىكى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ قويساڭلا بولىدۇ، ــ دېدى.
14شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇخلىغاندا ئۇ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە تال چاچنى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ، قوزۇققا باغلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. شىمشون ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۆرۈش يىپ بىلەن قوزۇقنى بىراقلا تارتىپ يۇلىۋەتتى.
15ئاندىن ئايال ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ماڭا كۆڭلۈڭ يوق تۇرۇپ، قانداقسىگە ساڭا ئاشىق بولدۇم، دەيسەن؟ سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئالداپ، كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ نەدىن بولغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭغۇ، ــ دېدى.
16ئۇنىڭ ھەركۈنى سۆزلىرى بىلەن ئۇنى قىستاشلىرى ۋە يالۋۇرۇشلىرى بىلەن شىمشوننىڭ ئۆلگۈدەك ئىچى پۇشتى ۋە شۇنداق بولدىكى،
17ئۇ كۆڭلىدىكى سىرىنى قويماي ئۇنىڭغا ئاشكارا قىلىپ‫‪:‬‬ ــ مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتىلىپ نازارىي بولغىنىم ئۈچۈن، بېشىمغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنىپ باقمىغان؛ ئەگەر مېنىڭ چېچىم چۈشۈرۈۋېتىلسە، كۈچۈم مەندىن كېتىپ، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى.
18دىلىلاھ ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆڭلىدىكى ھەممە سىرىنى دەپ بەرگىنىنى كۆرۈپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى چارقىرىپ كېلىشكە ئادەم ماڭدۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ «بۇ قېتىم سىلەر يەنە بىر چىقىڭلار، چۈنكى شىمشون كۆڭلىدىكى ھەممە سىرنى ماڭا ئاشكارا قىلدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى قوللىرىغا كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى.

19ئاندىن دىلىلاھ ئۇنى ئۆز يوتىسىغا ياتقۇزۇپ، ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر ئادەمنى چاقىرىپ كىرىپ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى چۈشۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ شىمشوننىڭ بوزەك قىلىنىشىنى باشلىغۇچى بولدى. شىمشون كۈچىدىن كەتكەنىدى.
20ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېۋىدى، ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ‫‪:‬‬ ــ مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئىلگىرىكى بىرقانچە قېتىمقىدەك، بوشىنىپ كېتىمەن، دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىدىن كەتكىنىنى بىلمەيتتى.
21شۇنىڭ بىلەن، فىلىستىيلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كۆزلىرىنى ئويۇپ، گازاغا ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇنى مىس زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ، زىنداندا ئۇن تارتىشقا سالدى.
22لېكىن بېشىدىكى چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە ئۆسۈشكە باشلىدى.
23كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۆز ئىلاھى بولغان داگون ئۈچۈن چوڭ بىر قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە ھەم تەبرىكلەپ شادلىنىشقا يىغىلدى. چۈنكى ئۇلار‫‪:‬‬ ــ مانا، ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز بولغان شىمشوننى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېيىشتى.
24خەلق شىمشوننى كۆرگەندە، ئۆز ئىلاھىنى داڭلاپ‫‪:‬‬ ــ ئىلاھىمىز بولسا، يۇرتىمىزنى ۋەيران قىلغۇچىنى، ئادەملىرىمىزنى كۆپ ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەردى! ــ دېيىشتى.
25ئۇلار تازا شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق كەيپىگە چۆمۈپ‫‪:‬‬ ــ شىمشون كەلتۈرۈلسۇن، ئۇ بىزگە بىر ئويۇن كۆرسىتىپ بەرسۇن، دېيىشتى؛ ئۇلار شىمشوننى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن كۆرسەتتى. ئەمدى ئۇلار ئۇنى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىتىپ قويغانىدى.
26شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولىنى تۇتۇپ تۇرغان يىگىتكە‫‪:‬‬ ــ مېنى قويۇۋەت، ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈۋرۈكلەرنى سىلاپ، ئۇلارغا يۆلىنىۋالغىلى قويغايسەن، ــ دېدى.
27ئۇ چاغدا ئۆي ئەر‫‪‎-‎‬‬ئاياللار بىلەن لىق تولغانىدى، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇ يەردە ئىدى؛ ئۆگزىدىمۇ شىمشوننىڭ كۆرسىتىۋاتقان ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقان تەخمىنەن ئۈچ مىڭچە ئەر‫‪‎-‎‬‬ئايال بار ئىدى.
28شىمشون پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، مېنى ياد قىلىپ پەقەت مۇشۇ بىر قېتىم ماڭا كۈچ ئاتا قىلغايسەن؛ ئى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۆزۈمنىڭ ئىنتىقامىنى فىلىستىيلەردىن بىر يولىلا ئالغۇزغايسەن! ــ دېدى.
29شىمشون شۇلارنى دەپ ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوتتۇرىدىكى ئىككى تۈۋرۈكنى تۇتۇۋالدى؛ بىرىنى ئوڭ قولى بىلەن، يەنە بىرىنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ، ئۇلارغا تايىنىپ تۇردى.
30ئاندىن‫‪:‬‬ «فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتسەم!» دەپ بەدىنىنى ئېگىپ كۈچىنى يىغىپ ئىتتىرىۋىدى، ئۆي ئۆرۈلۈپ، ئۇ يەردىكى ئەمىرلەر بىلەن بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئۆلۈمى بىلەن ئۆلتۈرگەن ئادەملەر ئۇنىڭ تىرىك ۋاقتىدا ئۆلتۈرگەنلىرىدىن كۆپ بولدى.
31ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ بارلىق جەمەتى چۈشۈپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئاتىسى مانوئاھنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. ئۇ يىگىرمە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولغانىدى.