Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ شۇنداقلا شۇ كۈنلەردە دانلارنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىگە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن جاي ئىزدەۋاتقانىدى، چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئۇلار ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا چەك تاشلىنىپ بېكىتىلگەن مىراس زېمىنغا ئېرىشمىگەنىدى.   
2شۇنىڭ بىلەن دانلار پۈتكۈل جەمەتىدىن زورېئاھ ۋە ئەشتائولدا ئولتۇرۇشلۇق بەش پالۋاننى زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا تاپىلاپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار سەپەر قىلىپ ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىغا كېلىپ مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ ئۇ يەردە قوندى.
3ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىدا لاۋىي يىگىتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ سېنى كىم بۇ جايغا ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ بۇ جايدا نېمىگە ئېرىشتىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
4ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مىكاھ ماڭا مۇنداق‫‪‎-‎‬‬مۇنداق قىلىپ، مېنى ياللاپ ئۆزىگە كاھىن قىلدى، دېدى.
5بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا بىزنىڭ ماڭغان سەپىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغان‫‪‎-‎‬‬بولمايدىغانلىقىنى بىلمىكىمىز ئۈچۈن، خۇدادىن سوراپ بەرگىن، ــ دېدى.
6كاھىن ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ خاتىرجەم بېرىۋېرىڭلار. ماڭغان يولۇڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىدۇر، ــ دېدى.
7شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش ئادەم چىقىپ، لائىش دېگەن جايغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان ياشاۋاتقىنىنى، تۇرمۇشىنىڭ زىدونىيلارنىڭ ئۆرپ‫‪‎-‎‬‬ئادەتلىرى بويىچە ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەملىك ۋە راھەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىنى كۆردى؛ شۇ زېمىندا ئۇلارنى خار قىلغۇچى ھېچقانداق ھوقۇقدار يوق ئىدى؛ ئۇلار زىدونىيلاردىن يىراقتا تۇراتتى، شۇنداقلا باشقىلار بىلەنمۇ ھېچقانداق باردى‫‪‎-‎‬‬كەلدى قىلىشمايتتى.
8بەش پالۋان زورېئاھ ۋە ئەشتائولغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى. قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
9ئۇلار جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ بىز قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلايلى! چۈنكى بىز شۇ زېمىننى چارلاپ كەلدۇق، مانا، ئۇ ئىنتايىن ياخشى بىر يۇرت ئىكەن. ئەمدى نېمىشقا قىمىر قىلماي جىم ئولتۇرىسىلەر؟ ئەمدى دەرھال بېرىپ، ئۇ يۇرتنى ئېلىشقا ئەزمەڭلەرنى ئەزمەڭلار، بېرىپ ھۇجۇم قىلىپ زېمىننى ئىگىلەڭلار.
10ئۇ يەرگە بارغىنىڭلاردا سىلەر تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان تۇرۇۋاتقان بىر خەلقنى، ھەر ئەتراپىغا سوزۇلغان كەڭ‫‪‎-‎‬‬ئازادە بىر زېمىننى كۆرىسىلەر! خۇدا ئۇ يەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندۇر. ئۇ يۇرتتا يەر يۈزىدە تېپىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن ھېچبىرى كەم ئەمەس، دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن دانلارنىڭ جەمەتىدىن ئالتە يۈز ئادەم جەڭگە قوراللىنىپ، زورېئاھ ۋە ئەشتائولدىن چىقىپ ماڭدى.
12ئۇلار يەھۇدا يۇرتىدىكى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىم دېگەن جايغا بېرىپ، چېدىر تىكتى (شۇڭا بۇ جاي تاكى بۈگۈنگىچە «داننىڭ لەشكەرگاھى» دەپ ئاتالماقتا؛ ئۇ كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىمنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقانىدى).   
13ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بېرىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى.
14لائىش يۇرتىغا چارلاش ئۈچۈن بارغان بەش كىشى ئۆز قېرىنداشلىرىغا‫‪:‬‬ ــ بىلەمسىلەر؟ بۇ ئۆيدە بىر ئەفود تونى، بىرنەچچە تەرافىم بۇتلىرى، بىر ئويما مەبۇد ۋە قۇيما مەبۇد باردۇر! ئەمدى قانداق قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئويلىشىڭلار! ــ دېدى.
15ئۇلار بۇرۇلۇپ لاۋىي يىگىتنىڭ ئۆيىگە (مىكاھقا تەۋە ئۆيگە) كىرىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىدى.
16دان قەبىلىسىدىن بولغان جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ تۇردى.
17ئۇ زېمىننى چارلاشقا بارغان بەش ئادەم بۇتخانىغا كىرىپ، ئويما بۇت، ئەفود تونى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىقتى. كاھىن جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى بىلەن بىللە دەرۋازىدا تۇراتتى.
18بۇ بەش ئادەم مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئويما بۇت، ئەفود تونىنى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىققاندا كاھىن ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ــ دەپ سورىدى.

19ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۈن چىقارماي، ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن ئېتىپ، بىز بىلەن مېڭىپ، بىزگە ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن. سېنىڭ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ، ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر جەمەتى بولغان پۈتۈن بىر قەبىلىگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ؟ ــ دېدى.
20شۇنداق دېۋىدى، كاھىننىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ، ئەفود، تەرافىم بۇتلىرى ۋە ئويما مەبۇدنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇردى.
21ئاندىن ئۇلار بۇرۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى؛ ئۇلار بالىلىرى ۋە چارپايلارنى ۋە يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتكەنىدى.
22مىكاھنىڭ ئۆيىدىن خېلى يىراقلىغاندا مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەر يىغىلىپ، دانلارغا قوغلاپ يېتىشتى.
23ئۇلار دانلارنى توۋلاپ چاقىردى، دانلار بۇرۇلۇپ مىكاھقا‫‪:‬‬ ــ ساڭا نېمە بولدى، بۇنچىۋىلا كۆپ خەلقنى يىغىپ كېلىپ نېمە قىلماقچىسەن؟! ‫‪‎-‎‬‬ دېدى.
24ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر مەن ياساتقان مەبۇدلارنى كاھىنىم بىلەن قوشۇپ ئالدىڭلار، ئاندىن كەتتىڭلار! ماڭا يەنە نېمە قالدى؟! شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر تېخى‫‪:‬‬ «ساڭا نېمە بولدى؟» ــ دەۋاتىسىلەرغۇ! ــ دېدى.
25دانلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۈنۈڭنى چىقارما، بولمىسا ئاچچىقى يامان كىشىلەر سېنى تۇتۇۋېلىپ، سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى جانلىرىدىن جۇدا قىلمىسۇن، يەنە، ــ دېدى.
26بۇلارنى دەپ دانلار ئۆز يولىغا ماڭدى؛ مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يېنىپ ئۆز ئۆيىگە كەتتى.
27ئۇلار مىكاھ ياساتقۇزغان نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ كاھىنىنى ئېلىپ، لائىشقا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ يەردىكى خەلق تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان ۋە خاتىرجەم تۇرۇۋاتقانىدى؛ ئۇلار ئۇلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
28شەھەرنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچ ئادەم چىقىمىدى؛ چۈنكى بۇ شەھەر زىدوندىن يىراقتا ئىدى، خەلقى ھېچكىم بىلەن باردى‫‪‎-‎‬‬كەلدى قىلىشمايتتى. شەھەر بەيت‫‪‎-‎‬‬رەھوبنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. دانلار شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئولتۇراقلاشتى.
29ئۇلار بۇ شەھەرگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان، ئۆز ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ دان دەپ ئاتىدى. ئىلگىرى ئۇ شەھەرنىڭ نامى لائىش ئىدى.
30دانلار شۇ يەردە بۇ ئويما بۇتنى ئۆزلىرىگە تىكلىدى؛ مۇسانىڭ ئوغلى گەرسومنىڭ ئەۋلادى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شۇ زېمىننىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن كۈنگىچە دانلارنىڭ قەبىلىسىگە كاھىن بولۇپ تۇرغانىدى.
31خۇدانىڭ ئۆيى شىلوھدا تۇرغان بارلىق ۋاقىتلاردا، دانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تىكلىگەن، مىكاھ ياساتقۇزغان ئويما مەبۇد داندا تۇرغۇزۇلدى.