Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار قانائانىيلار بىلەن بولغان جەڭنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنى سىناش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان تائىپىلەر
2(ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، بولۇپمۇ جەڭ‫‪‎-‎‬‬ئۇرۇشلارنى كۆرۈپ باقمىغانلارنى پەقەت جەڭنى ئۆگۈنسۇن دەپ قالدۇرغانىدى)‫‪:‬‬ ــ
3ــ ئۇلار فىلىستىيلەرنىڭ بەش ئەمىرلىكى، بارلىق قانائانىيلار، زىدونلۇقلار ۋە بائال‫‪‎-‎‬‬ھەرمون تېغىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە لىۋان تاغلىقىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلار ئىدى؛
4ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويۇشتىكى مەقسىتى ئىسرائىلنى سىناش، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا بۇيرۇغان ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان‫‪‎-‎‬‬ تۇتمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار قانائانىيلار، يەنى ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار ئارىسىدا تۇردى؛
6ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلىنىپ، ئۆز قىزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.
7ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ، بائاللار ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.
8شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، ئۇلارنى ئارام‫‪‎-‎‬‬ناھارائىمنىڭ پادىشاھى قۇشان‫‪‎-‎‬‬رىشاتائىمنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار سەككىز يىلغىچە قۇشان‫‪‎-‎‬‬رىشاتائىمغا بېقىندى بولدى.
9ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزدى. ئۇ كىشى كالەبنىڭ ئىنىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئىدى.
10پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ ئىسرائىلغا ھاكىملىق قىلدى؛ ئۇ جەڭگە چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار ئارامنىڭ پادىشاھى قۇشان‫‪‎-‎‬‬رىشاتائىمنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇشان‫‪‎-‎‬‬رىشاتائىمنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى.
11شۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا قىرىق يىلغىچە ئامانلىق بولدى؛ كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئالەمدىن ئۆتتى.
12ئاندىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغاچقا، ئۇ موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننى ئىسرائىل بىلەن قارىشىلىشىشقا كۈچلەندۈردى.
13ئۇ ئاممونىيلار ۋە ئامالەكىيلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، جەڭگە چىقىپ ئىسرائىلنى ئۇرۇپ قىرىپ، «خورمىلىق شەھەر»نى ئىشغال قىلدى.
14بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئون سەككىز يىلغىچە موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا بېقىندى بولدى.
15شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گەرانىڭ ئوغلى ئەھۇدنى تۇرغۇزدى؛ ئۇ سولخاي ئىدى. ئىسرائىل ئۇنىڭ قولى بىلەن موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا سوۋغات ئەۋەتتى.
16ئەمدى ئەھۇد ئۆزىگە بىر گەز ئۇزۇنلۇقتا ئىككى بىسلىق بىر شەمشەر ياساتقانىدى؛ ئۇنى كىيىمىنىڭ ئىچىگە، ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇۋالدى؛
17ئۇ شۇ ھالەتتە سوۋغاتنى موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەگلون تولىمۇ سېمىز بىر ئادەم ئىدى.
18ئەھۇد سوۋغاتنى تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سوۋغاتنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىلەرنى كەتكۈزۈۋەتتى؛

19ئاندىن ئۆزى گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جايدىن يېنىپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ ئەي پادىشاھ، مەندە ئۆزلىرىگە دەيدىغەن بىر مەخپىيەتلىك بار ئىدى، ــ دېۋىدى، پادىشاھ‫‪:‬‬ ــ جىم تۇر! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى خىزمەتكارلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ كەتتى.
20ئاندىن ئەھۇد پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى؛ پادىشاھ يالغۇز سالقىن بالىخانىدا ئولتۇراتتى. ئەھۇد‫‪:‬‬ ــ مەندە سىلى ئۈچۈن خۇدادىن كەلگەن بىر سۆز بار، دېۋىدى، پادىشاھ ئورۇندۇقتىن قوپۇپ ئۆرە تۇردى.
21شۇنىڭ بىلەن ئەھۇد سول قولىنى ئۇزىتىپ ئوڭ يوتىسىدىن شەمشەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقتى.
22شۇنداق قىلىپ شەمشەرنىڭ دەستىسىمۇ تىغى بىلەن قوشۇلۇپ كىرىپ كەتتى، سېمىز ئېتى شەمشەرنى قىسىۋالغاچقا، ئەھۇد شەمشەرنى قورسىقىدىن تارتىپ چىقىرىۋالمىدى؛ ئۈچەي‫‪‎-‎‬‬پوقى ئارقىدىن چىقتى.
23ئاندىن ئەھۇد دالانغا چىقىپ، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئىچىدىن ئېتىپ قۇلۇپلاپ قويدى.
24ئۇ چىقىپ كەتكەندە، پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى كېلىپ قارىسا، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرى قۇلۇپلاقلىق ئىدى. ئۇلار‫‪:‬‬ ــ پادىشاھ سالقىن ئۆيدە چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى.
25ئۇلار ئۇزۇن ساقلاپ كىرمىسەك سەت بولارمۇ دەپ ئويلاشتى؛ ئۇ يەنىلا بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچمىغاندىن كېيىن، ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكلەرنى ئېچىۋىدى، مانا، خوجىسىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى.
26ئەمدى ئۇلار ئىككىلىنىپ قاراپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئەھۇد قېچىپ چىققانىدى؛ ئۇ تاش ئويمىلار بار جايدىن ئۆتۈپ، سېئىراھقا قېچىپ كەلگەنىدى.
27شۇ يەرگە يەتكەندە، ئۇ ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا كاناي چېلىۋىدى، ئىسرائىللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغلىق رايوندىن چۈشتى، ئۇ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى.
28ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئەگىشىپ يۈرۈڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابىيلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى.
29ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەمبەل پالۋانلار ئىدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
30شۇ كۈنى موئاب ئىسرائىلنىڭ قولىدا بېسىقتۇرۇلدى. زېمىن سەكسەن يىلغىچە ئامان‫‪‎-‎‬‬تىنچلىقتا تۇردى.
31ئەھۇددىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ھاكىم بولدى؛ ئۇ ئالتە يۈز فىلىستىيەلىكنى بىراقلا كالا سانجىغۇچ بىلەن ئۆلتۈردى؛ ئۇمۇ ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى.