Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇ كۈنى دەبوراھ ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق مۇنداق نەزمە ئوقۇدى‫‪:‬‬ ــ
2ئىسرائىلدا يېتەكچىلەر يول باشلىغىنى ئۈچۈن، خەلق ئىختىيارەن ئۆزلىرىنى پىدا قىلغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئوقۇڭلار!
3ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار ئەي ئەمىرلەر، قۇلاق سېلىڭلار! مەن، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ نەزمە ئوقۇيمەن، مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىمەن.
4ئى پەرۋەردىگار، سەن سېئىردىن چىققىنىڭدا، ئېدومنىڭ يايلىقىدىن چىقىپ يۈرۈش قىلغىنىڭدا، يەر تىترەپ، ئاسمانلاردىن سۇلار تامچىدى، شۇنداق، بۇلۇتلار يامغۇرلىرىنى ياغدۇردى؛
5تاغلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەۋرەندى، ئەنە سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا.  
6ئاناتنىڭ ئوغلى شامگارنىڭ كۈنلىرىدە، ھەم يائەلنىڭ كۈنلىرىدە، چوڭ يوللار تاشلىنىپ قېلىپ، يولۇچىلار ئەگرى‫‪‎-‎‬‬توقاي چىغىر يوللار بىلەن ماڭاتتى؛
7ئىسرائىلدا ئەزىمەتلەر يوقاپ كەتتى، تاكى مەنكى دەبوراھ قوزغىلىپ، ئىسرائىلدا بىر ئانا سۈپىتىدە پەيدا بولغىنىمغىچە.
8ئىسرائىللار يېڭى ئىلاھلارنى تاللىدى؛ ئۇرۇش دەرۋازىلىرىغا يېتىپ كەلدى. قىرىق مىڭچە ئىسرائىللىقنىڭ ئارىسىدا، يا بىر قالقان يا بىر نەيزە تېپىلىسىچۇ؟!
9قەلبىم ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرىگە قايىلدۇر، ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۆزلىرىنى ئىختىيارەن پىدا قىلدى؛ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئوقۇڭلار!
10ئى ئاق ئېشەكلەرگە مىنگەنلەر، ئى نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار، ئى يولدا يۈرگەنلەر، كۆڭۈل بۆلۈڭلار!
11سۇ ئەكىلىدىغان جايلاردا ئولجا بۆلۈشۈۋاتقانلارنىڭ جۇشقۇن ئاۋازىلىرىنى ئاڭلاڭلار! ئۇلار شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلدىكى ئەزىمەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى تەرىپلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى چۈشۈپ دەرۋازىلارغا يېتىپ كېلىپ‫‪:‬‬ ــ
12«ئى دەبوراھ، ئويغان، ئويغان! ئويغان، ئويغان، غەزەل ئېيتقىن! ئورنۇڭدىن تۇر، ئى باراق، ئەسىرلىرىڭنى يالاپ ماڭ، ئى ئابىنوئامنىڭ ئوغلى!» ــ دېيىشىدۇ.
13مانا خەلقنىڭ ئاز بىر قالدىسى ئالىيجانابلارغا ئەگىشىش ئۈچۈن چۈشتى، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى يېنىمغا پالۋان كەبى چۈشۈپ كەلدى.
14مانا، ئەفرائىملاردىن ئامالەكتە يىلتىز تارتىپ قالغانلار كەلدى؛ مانا، بىنيامىنلارمۇ قوۋملىرىڭغا قوشۇلۇپ ئەگىشىپ كەلدى؛ ماكىردىن ئەمىرلەر چۈشۈپ كەلدى، زەبۇلۇندىن سەردارلىق ھاسىسىنى تۇتقانلار يېتىپ كەلدى.
15ئىسساكارنىڭ ئەمىرلىرى دەبوراھغا قوشۇلدى؛ باراق نېمە قىلغان بولسا ئىسساكارمۇ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن جىلغىغا تاپ باستۇرۇپ ئېتىلىپ چۈشتى! رۇبەننىڭ ئائىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!
16سەن نېمىشقا قوتانلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، قويلارغا چېلىنغان نەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭ؟ رۇبەننىڭ ئائىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!
17گىلېئادلار بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ قالدى؛ دانلارمۇ نېمىشقا كېمىلەرنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى؟ ئاشىرلار بولسا دېڭىز بويىدا جىم ئولتۇرۇۋالدى، دېڭىز قولتۇقلىرىدا تۇرۇپ قالدى.
18زەبۇلۇنلار جانلىرىنى ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلدى؛ نافتالىلارمۇ جەڭ مەيدانىدىكى يۇقىرى جايلاردا ھەم شۇنداق قىلدى!

19پادىشاھلار ھەممىسى كېلىپ، سوقۇشتى، قانائانىيلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇرۇشقا چىقتى؛ تائاناقتا، مېگىددونىڭ سۇ بويلىرىدا ئۇرۇشتى. لېكىن بىرئازمۇ كۈمۈش ئولجا ئالالمىدى!
20ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ جەڭ قىلدى، ئوربىتىلىرىدىن سىسېراغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.
21كىشون دەرياسىنىڭ ئېقىنى دۈشمەننى ئېقىتىپ كەتتى؛ شۇ قەدىمىي دەريا، ئۇ كىشون دەرياسىدۇر! ئەي مېنىڭ جېنىم، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئالغا باسقىن!
22ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى تاكىراڭ‫‪‎-‎‬‬تاكىراڭ قىلماقتا، تولپارلىرى چاپماقتا، چاپماقتا.
23مەروزغا لەنەت ئوقۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارغا لەنەت ئوقۇڭلار، قاتتىق لەنەت ئوقۇڭلار؛ چۇنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى، زالىملارغا قارشى پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى.
24ئاياللار ئىچىدە كەنىيلىك ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەتلەنسۇن، چېدىردا تۇرغان ئاياللار ئىچىدە ئۇ بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تاپسۇن!
25سىسېرا سۇ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا سۈت بەردى، ئېسىلزادىلەرگە لايىق بىر قاچىدا قايماق تۇتتى؛
26ئۇ سول قولىنى چېدىر قوزۇقىغا، ئوڭ قولىنى تۆمۈرچىنىڭ بولقىسىغا ئۇزاتتى؛ سىسېرانى ئۇرۇپ، باش سۆڭۈكىنى چېقىپ، چېكىسىدىن يانجىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى.
27سىسېرا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى، ئۇ ئۆلۈكتەك ياتتى، ئۇ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى، قىيسايغان يەردە ئۇ يىقىلىپ، جان بەردى.
28سىسېرانىڭ ئانىسى پەنجىرىدىن سىرتقا سەپ سالدى، ئۇ پەنجىرىنىڭ رۇجىكىدىن توۋلاپ‫‪:‬‬ ــ «ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسى نېمىشقا شۇنچە ئۇزاققىچە كەلمەيدۇ؟ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياق ساداسى نېمىشقا شۇنچە ھايال بولىدۇ؟ ــ دېدى.
29ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئارىسىدا دانالار جاۋاب بېرىدۇ، شۇنداقلا، ئۇ دەرۋەقە ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىگە جاۋاب بېرىدۇ‫‪:‬‬ ــ
30«ئۇلار ئولجىلىرىنى يىغىپ بۆلۈشۈۋاتقان بولمىسۇن يەنە؟! ھەربىر ئەركەككە ئاياغ ئاستى قىلىشقا بىر‫‪‎-‎‬‬ئىككىدىن قىز تەگكەندۇ، سىسېراغا رەڭدار كىيىملەر، گۈل كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەردىن ئولجا تەگكەندۇ، بۇلاڭچىنىڭ بوينىغا ئالدى‫‪‎-‎‬‬كەينى كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەر تەگكەن بولسا كېرەك!
31ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئەنە شۇنداق يوقۇتۇلغاي! لېكىن سېنى سۆيگەنلەر قۇياشنىڭ ئۆرلەۋاتقاندىكى قۇدرىتىدەك كۈچلۈك بولغاي!». شۇنىڭ بىلەن زېمىن قىرىق يىلغىچە تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامانلىق تاپتى.