Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇ چاغدا گىلېئادلىق يەفتاھ دېگەن كىشى باتۇر پالۋان ئىدى. ئۇ بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئوغلى بولۇپ، گىلېئادتىن تۆرەلگەنىدى.   
2لېكىن گىلېئادنىڭ ئۆز ئايالى ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل بالا تۇغۇپ بەرگەنىدى؛ بۇ ئايالدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى چوڭ بولغاندا يەفتاھنى ئۆيدىن قوغلاپ‫‪:‬‬ ــ سەن باشقا خوتۇندىن بولغان ئوغۇل بولغاچقا، ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدىن مىراسقا ئىگە بولمايسەن، ــ دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب دېگەن زېمىندا تۇرۇپ قالدى. شۇ يەردە بىرمۇنچە بىكار تەلەپلەر يەفتاھنىڭ ئەتراپىغا بىر‫‪‎-‎‬‬بىرلەپ يىغىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كىرىپ‫‪‎-‎‬‬چىقىپ يۈرەتتى.
4ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندە ئاممونىيلار ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقا چىقتى.
5ئاممونىيلار ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغاندا گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھنى توب زېمىنىدىن ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى.
6ئۇلار بېرىپ يەفتاھقا ئىلتىجا قىلىپ‫‪:‬‬ ــ بىزنىڭ ئاممونىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىمىز ئۈچۈن سەن كېلىپ بىزگە سەردار بولۇپ بەرگىن، ــ دېدى.
7يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ سىلەر مېنى ئۆچ كۆرۈپ ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ھەيدىۋەتكەنىدىڭلارغۇ، ئەمدى بېشىڭلارغا بالايىئاپەت چۈشكەندە قانداقسىگە مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ قالدىڭلار، ــ دېدى.
8گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا‫‪:‬‬ ــ دۇرۇس، لېكىن سېنى بىز بىلەن بىللە بېرىپ ئاممونىيلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، گىلېئادتا ھەممە ئولتۇرۇۋاتقانلارغا باش بولسۇن دەپ، قېشىڭغا كەلدۇق، ــ دېدى.
9يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىدىن‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سىلەر مېنى ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا ياندۇرۇپ بارغىنىڭلاردا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرسا، مەن سىلەرگە باش بولامدىمەن؟ ــ دەپ سورىدى.
10گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلمىساق، پەرۋەردىگار ئۆزى ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇپ ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى.
11بۇنى ئاڭلاپ يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن باردى؛ خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە ھەم باش ھەم سەردار قىلىپ تىكلىدى. يەفتاھ مىزپاھغا بارغاندا ھەممە سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بايان قىلدى.
12ئاندىن يەفتاھ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ زېمىنىمغا بېسىپ كىرىپ، مەن بىلەن سوقۇشۇشقا مەندە نېمە ھەققىڭ بار ئىدى؟ ــ دەپ سورىدى.
13ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچىلىرىگە جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ چۈنكى ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە ئۇلار ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ شىمالدىكى ياببوك ئېقىنىغىچە ۋە غەربتە ئىئوردان دەرياسىغىچە مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلاپ ئىگىلىۋالغانىدى. ئەمدى سەن بۇ يەرلەرنى تىنچلىق بىلەن ماڭا ياندۇرۇپ بەر! ــ دېدى.
14يەفتاھ ئەلچىلەرنى ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا يەنە ئەۋەتىپ
15ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ يەفتاھ سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «ئىسرائىل نە موئابنىڭ زېمىنىنى نە ئامموننىڭ زېمىنىنى ئىگىلىمىدى،
16بەلكى ئۇلار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا مېڭىپ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئاندىن قادەش دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەنىدى؛
17شۇ چاغدا ئىسرائىللىقلار ئېدوم پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ «زېمىنلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈۋېلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا» دەپ سورىۋىدى، ئېدوم پادىشاھى ئۇنىمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار موئاب پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئىلتىجا بىلەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتسە، ئۇمۇ قوشۇلمىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار قادەشتە تۇرۇپ قالغان؛
18ئاندىن ئۇلار چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋان بىلەن مېڭىپ ئېدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرق تەرىپىدىن كېلىپ، ئاخىرىدا ئارنون دەرياسىنىڭ شۇ قېتىدا چېدىر تىكتى. ئۇلار موئابنىڭ چېگرىسى ئىچىگە كىرمىدى؛ چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسىدۇر.

19ئاندىن ئىسرائىل ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ «بىزنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ ئۆز جايىمىزغا بېرىۋېلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيلا» ــ دېدى.
20لېكىن سىھون ئىسرائىلغا ئىشەنچ قىلالماي، يۇرتىدىن ئۆتكىلى قويمىدى؛ ئۇ بەلكى خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، جاھزاھ دېگەن جايغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكىپ، ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشتى.
21ئەمما ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىھوننى بارلىق خەلقى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. ئاندىن ئىسرائىل شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ھەممە زېمىنىنى ئىگىلىدى.
22ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوك ئېقىنىغىچە، چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە ئامورىيلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىدى.
23ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقاردى، ئەمدى سەن شۇ يۇرتقا ئىگە بولماقچىمۇسەن؟
24سېنىڭ ئىلاھىڭ قېموش ساڭا ئىگىلەتكەن يەرگە ئۆزۈڭ ئىگە بولدۇڭغۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن خەلقنىڭ يېرىگە بولسا، بىزمۇ شۇنىڭغا ئىگە بولىمىز.
25ئەمدى سەن دەرۋەقە موئابنىڭ پادىشاھى بولغان زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقتىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ قاچان ئىسرائىل بىلەن تىركەشكەن ياكى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلغان؟
26يەنە كېلىپ، ئىسرائىل ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلاردا، ئاروئەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلاردا ھەمدە ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى بارلىق شەھەرلەردە ئۈچ يۈز يىل ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا، نېمىشقا سىلەر شۇ يەرلەرنى قايتۇرۇۋالمىدىڭلار؟
27شۇڭا مەن ساڭا گۇناھ قىلمىدىم، بەلكى ماڭا تاجاۋۇز قىلىپ، يامانلىق قىلغۇچى سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. بىردىنبىر ئادالەت چىقارغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزى بۈگۈن ئىسرائىللار بىلەن ئاممونىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ دېدى.
28لېكىن ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى تىڭشىمىدى.
29شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى يەفتاھنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ قۇۋۋەتلىنىپ گىلېئاد بىلەن ماناسسەھلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ گىلېئادتىكى مىزپاھقا بېرىپ، ئاندىن گىلېئادتىكى مىزپاھدىن ئاممونىيلار تەرەپكە ماڭدى.
30شۇ چاغدا يەفتاھ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سەن دەرۋەقە ئاممونىيلارنى قولۇمغا تۇتۇپ بەرسەڭ،
31ئۇنداقتا مەن ئاممونىيلارنىڭ قېشىدىن تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان يېنىپ كەلگىنىمدە، ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ ماڭا تۇنجى يولۇققىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولىدۇ، مەن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، ــ دېدى.
32شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ چىقىپ ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشقىلى ئۇلار تەرەپكە ئۆتتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
33شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاروئەردىن تارتىپ مىننىتقىچە ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇپ قىرىپ، يىگىرمە شەھەرنى ئېلىپ، ئابەل‫‪‎-‎‬‬قېرامىمغىچىمۇ يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار ئىسرائىلغا بويسۇندۇرۇلدى.
34ئاندىن يەفتاھ مىزپاھقا قايتىپ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆز قىزى داپ چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى چىقتى. بۇ ئۇنىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزى يوق ئىدى.
35ئۇ ئۇنى كۆرگەندە ئۆز ئىگىنلىرىنى يىرتىپ‫‪:‬‬ ــ ئاھ، ئاھ، مېنىڭ قىزىم! سەن مېنى ئىنتايىن يامان ھالغا چۈشۈردۇڭ، مېنى دەردكە چۈشۈرگۈچىلەردىن بىرى بولۇپ قالدىڭ؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگارغا ئاغزىمنى ئېچىپ، ئېيتقان گېپىمدىن يېنىۋالالمايمەن، ــ دېدى.
36قىزى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەي ئاتا، پەرۋەردىگارغا ئاغزىڭنى ئېچىپ ۋەدە قىلغان بولساڭ، ئاغزىڭدىن چىققىنى بويىچە، ماڭا شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ بولغان ئاممونىيلاردىن ئىنتىقامىڭنى ئېلىپ بەردى، ــ دېدى.

37ئاندىن ئۇ ئاتىسىغا يەنە‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ شۇ ئىلتىماسىمنى قوبۇل كۆرگىنكى، ماڭا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بەرسەڭ؛ مەن قىز دوستلىرىم بىلەن بېرىپ تاغلاردا يۈرۈپ، قىزلىقىم ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋالاي، ــ دېدى.
38ئاتىسى جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بارغىن، دېدى. ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بېرىپ دالاغا ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ، قىز دوستلىرىنى ئېلىپ تاغلارغا چىقىپ، ئىككى ئايغىچە ئۆزىنىڭ قىز پېتى قالغىنىغا ئاھ‫‪‎-‎‬‬زار كۆتۈرۈپ يىغلاپ يۈردى.
39شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئاتىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلغان قەسىمىنى بەجا كەلتۈردى. بۇ قىز بولسا ھېچ ئەر كىشىگە يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلدا شۇنداق بىر ئۆرپ‫‪‎-‎‬‬ئادەت پەيدا بولدىكى،
40ھەر يىلى ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى ئۆيدىن چىقىپ يەفتاھنىڭ قىزىنى تۆت كۈن ئەسلەپ خاتىرىلەيدىغان بولدى.