Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار

باتۇر ھاكىملار 8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1(كېيىن، ئەفرائىملار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن، مىدىيانىيلار بىلەن سوقۇشقا چىققاندا، بىزنى چاقىرمىدىڭغۇ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېيىشىپ كەتتى.
2ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ئەفرائىمنىڭ ئۈزۈملەرنى پاساڭدىغىنى، ئابىئېەزەرلەرنىڭ ئۈزۈم ئۈزگىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟
3خۇدا مىدىياننىڭ ئەمىرلىرى ئورەب بىلەن زەئەبنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغان يەردە، مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنىنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى).
4ئەمدى گىدېئون ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ۋە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئۈچ يۈز ئادەم ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مىدىيانىيلارنى قوغلاپ دەريادىن ئۆتتى.
5گىدېئون سۇككوت شەھىرىدىكىلەرگە‫‪:‬‬ ــ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن كىشىلەرگە نان بەرسەڭلار، چۈنكى ئۇلار ھېرىپ‫‪‎-‎‬‬چارچاپ كەتتى. بىز مىدىياننىڭ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى قوغلاپ كېتىپ بارىمىز، ــ دېدى.
6لېكىن سۇككوتنىڭ چوڭلىرى جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟! بىز سېنىڭ مۇشۇ لەشكەرلىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟! ــ دېدى.
7گىدېئون‫‪:‬‬ ــ خەپ! شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار زەباھ ۋە زالمۇننانى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغاندا، ئەتلىرىڭلارنى چۆلدىكى يانتاق ۋە شوخا بىلەن خاماندا تېپىمەن، ــ دېدى.
8گىدېئون ئۇ يەردىن پەنۇئەلگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرگىمۇ شۇنداق دېۋىدى، پەنۇئەلدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا سۇككوتتىكىلەردەك جاۋاب بەردى.
9ئۇ پەنۇئەلدىكىلەرگە‫‪:‬‬ ــ مەن غەلىبە بىلەن يېنىپ كەلگىنىمدە، بۇ مۇنارىڭلارنى ئۆرۈۋېتىمەن، ــ دېدى.
10ئۇ چاغدا زەباھ ۋە زالمۇننا كاركور دېگەن جايدا ئىدى؛ ئۇلار بىلەن ماڭغان قوشۇندا ئون بەش مىڭچە لەشكەر بار ئىدى. بۇلار بولسا مەشرىقلىقلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى، چۈنكى ئۇلاردىن قىلىچ تۇتقانلىرىدىن بىر يۈز يىگىرمە مىڭى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
11گىدېئون بولسا نوباھ ۋە يوگبىخاھنىڭ شەرقىدىكى كۆچمەنلەر يولى بىلەن چىقىپ مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدى؛ چۈنكى لەشكەرگاھتىكىلەر تولىمۇ ئەندىشسىز تۇرغانىدى.
12زەباھ ۋە زالمۇننا قېچىپ كەتتى؛ گىدېئون كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، مىدىياننىڭ بۇ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى تۇتۇۋالدى؛ ئۇ پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكىلەرنى ئالاقزادە قىلىپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى.
13ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ھەرەس داۋىنىدىن ئۆتۈپ، جەڭدىن قايتىپ كەلدى.
14ئۇ سۇككوتلۇق بىر ياش يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈشتە قىلىۋىدى، يىگىت ئۇنىڭغا سۇككوتنىڭ چوڭلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ بەردى؛ ئۇلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش يەتتە ئادەم ئىدى.
15ئاندىن گىدېئون سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغاندا‫‪:‬‬ ــ سىلەر مېنى زاڭلىق قىلىپ‫‪:‬‬ «زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟ بىز سېنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان مۇشۇ ھارغىن ئادەملىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟» دېگەنىدىڭلار! مانا، ئۇ زەباھ ۋە زالمۇننا دېگەنلەر! ــ دېدى.
16شۇنى دەپ ئۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى يانتاق بىلەن شوخىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ ئەدىپىنى بەردى.
17ئاندىن ئۇ پەنۇئەلنىڭ مۇنارىنى ئۆرۈپ، شەھەردىكى ئادەملەرنى ئۆلتۈردى.
18گىدېئون زەباھ ۋە زالمۇننانى سوراق قىلىپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر ئىككىڭلار تابوردا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇلار ساڭا ئىنتايىن ئوخشايتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى شاھزادىدەك ئىدى، ــ دېدى.

19ئۇ بۇنى ئاڭلاپ‫‪:‬‬ ــ ئۇلار مېنىڭ بىر تۇغقانلىرىمدۇر، بىز بىر ئانىنىڭ ئوغۇللىرىمىز. پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنى تىرىك قويغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيتتىم، ــ دېدى؛
20شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە‫‪:‬‬ ــ سەن قوپۇپ بۇلارنى ئۆلتۈرگىن، ــ دېدى. لېكىن ئوغۇل كىچىك بولغاچقا قورقۇپ، قىلىچىنى سۇغۇرمىدى.
21شۇنىڭ بىلەن زەباھ ۋە زالمۇننا‫‪:‬‬ ــ سەن ئۆزۈڭ قوپۇپ بىزنى ئۆلتۈرگىن؛ چۈنكى ئادەم قانداق بولسا كۈچىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، گىدېئون قوپۇپ زەباھ ۋە زالمۇننانى ئۆلتۈردى. ئۇ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكىللىك بېزەكلەرنى ئېلىۋالدى.
22ئاندىن ئىسرائىللار گىدېئونغا‫‪:‬‬ ــ سەن بىزنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىكەنسەن، ئۆزۈڭ بىزگە پادىشاھ بولغىن؛ ئوغلۇڭ ۋە ئوغلۇڭنىڭ ئوغلىمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرسۇن، ــ دېدى.
23ئەمما گىدېئون ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مەن ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايمەن، ئوغلۇممۇ ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلىدۇ، دېدى.
24ئاندىن گىدېئون ئۇلارغا يەنە‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە پەقەت بىرلا ئىلتىماسىم بار‫‪:‬‬ ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز ئولجاڭلاردىن ھالقا‫‪‎-‎‬‬زېرىلەرنى ماڭا بېرىڭلار، دېدى (مىدىيانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ھەربىرى ئالتۇن زىرە‫‪‎-‎‬‬ھالقىلارنى تاقايتتى).
25ئۇلار جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ بېرىشكە رازىمىز، دەپ يەرگە بىر يېپىنچىنى سېلىپ، ھەربىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولجىسىدىن زىرە‫‪‎-‎‬‬ھالقىلارنى ئېلىپ تاشلىدى.
26ئۇ سوراپ يىغقان ئالتۇن زىرىلەرنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىڭ يەتتە يۈز شەكەل ئالتۇن ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا مىدىيان پادىشاھلىرى ئۆزىگە ئاسقان ھىلال ئاي شەكىللىك بۇيۇملار، زۇننار، ئۇچىسىغا كىيگەن سۆسۈن ئېگىنلەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ئالتۇن زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى.
27گىدېئون بۇ نەرسىلەردىن بىر ئەفود ياسىتىپ، ئۆز شەھىرى ئوفراھتا قويۇپ قويدى. نەتىجىدە، پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى ئىزدەپ بۇزۇقچىلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسە گىدېئون ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە بىر تور‫‪‎-‎‬‬تۇزاق بولدى.
28مىدىيانىيلار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ، ئىككىنچى باش كۆتۈرەلمىدى؛ زېمىن گىدېئوننىڭ كۈنلىرىدە قىرىق يىلغىچە تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئاراملىق تاپتى.
29يوئاشنىڭ ئوغلى يەرۇببائال قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئۆيىدە ئولتۇردى.
30گىدېئوننىڭ ئاياللىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن يەتمىش ئوغۇل تۆرەلدى.
31شەكەمدە ئۇنىڭ بىر كېنىزىكىمۇ بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، گىدېئون ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئابىمەلەك» دەپ قويدى.
32يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، قېرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئابىئېزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھدا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى.
33گىدېئون ئۆلگەندىن كېيىن ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلدى ۋە «بائال‫‪‎-‎‬‬بېرىت»نى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلىپ بېكىتتى.
34شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى
35ۋە شۇنىڭدەك گىدېئوننىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقلىرىنى ھېچ ئەسلىمەي، يەرۇببائال (يەنى گىدېئون)نىڭ جەمەتىگە ھېچبىر مېھرىبانلىق كۆرسەتمىدى.