1بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئاتلىق بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئابىئەلنىڭ ئوغلى، ئابىئەل زېرورنىڭ ئوغلى، زېرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات ئافىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئافىيا بولسا بىنيامىنلىق ئىدى. ئۇ ئۆزى باتۇر ۋە دۆلەتمەن كىشى ئىدى.
2كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك، ئېسىل ۋە خۇشخۇي بىر ئوغلى بار ئىدى. ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۇنىڭدىن چىرايلىق ئادەم يوق ئىدى؛ ئۇ شۇنداق ئېگىز بويلۇق ئەر ئىدىكى، خەلقنىڭ ھەرقاندىقى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمەيتتى.
3سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ ئېشەكلىرى يىتىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن كىش ئوغلى سائۇلغا: ــ سەن خىزمەتكارلاردىن بىرىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ، ئېشەكلەرنى تېپىپ كەلگىن، دېدى.
4ئۇلار بېرىپ ئەفرائىم ئېدىرلىقىدىن ئۆتۈپ، شالىشاھ زېمىنىنى كېزىپ، ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ ئۇلار شائالىم زېمىنىدىنمۇ ئۆتتى، ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. ئاندىن بىنيامىن زېمىنىنى كېزىپ ئۆتتى، ئۇلارنى يەنە تاپالمىدى.
5ئۇلار زۇف زېمىنىغا يەتكەندە سائۇل ئۆزى بىلەن كەلگەن خىزمەتكارىغا: ــ بولە، ئۆيگە يانايلى؛ بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەنسىرمەي، ئەكسىچە بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ كېتەرمىكى، دېدى.
6لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا، بۇ شەھەردە خۇدانىڭ بىر ئادىمى بار. ئۇ مۆھتەرەم بىر ئادەم، ھەر نېمە دېسە ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. ئەمدى ئۇ يەرگە بارايلى؛ ئۇ بىزگە بارىدىغان يولىمىزنى كۆرسىتىپ قويارمىكىن، دېدى.
7شۇڭا سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا بارساق ئۇ كىشىگە نېمە بېرىمىز؟ چۈنكى خۇرجۇنلىرىمىزدا نان تۈگەپ قالدى، قولىمىزدا خۇدانىڭ ئادىمىگە بەرگۈدەك سوۋغىتىمىز يوق. يېنىمىزدا يەنە نېمە بار؟ ــ دېدى.
8خىزمەتكار سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا قولۇمدا چارەك شەكەل كۈمۈش بار. ماڭىدىغان يولىمىزنى دەپ بەرسۇن، خۇدانىڭ ئادىمىگە شۇنى بېرەي، دېدى
9(بۇرۇن ئىسرائىلدا بىر ئادەم خۇدادىن يول سورىماقچى بولسا: ــ كېلىڭلار، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى، دەيتتى. ھازىر «پەيغەمبەر» دېگەننى ئۆتكەن زاماندا «ئالدىن كۆرگۈچى» دەيتتى).
10سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ مەسلىھەتىڭ ياخشى بولدى. بىز ماڭايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى تۇرغان شەھەرگە باردى.
11ئۇلار شەھەرگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، سۇ تارتقىلى چىققان بىرنەچچە قىزغا ئۇچرىدى ۋە ئۇلاردىن: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مۇشۇ يەردىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
12ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق. مانا ئۇ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ تېز بېرىڭلار، چۈنكى خالايىق بۈگۈن شەھەرنىڭ يۇقىرى جايىدا قۇربانلىق قىلماقچى، شۇڭا ئۇ بۈگۈن شەھەرگە كىردى.
13ئۇ قۇربانلىقتىن يېيىشكە تېخى يۇقىرى جايغا چىقماي تۇرۇپلا، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن شەھەردە ئۇچرىشىسىلەر. خەلق ئۇ كەلمىگۈچە تائام يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاۋۋال قۇربانلىقنى بەرىكەتلەيدۇ؛ ئاندىن چاقىرىلغان مېھمانلار تائامغا ئېغىز تېگىدۇ. ھازىر چىقىڭلار، چۈنكى بۇ دەل ئۇنى تاپقىلى بولىدىغان ۋاقىت، دېدى.
14ئۇلار شەھەرگە چىقىپ شەھەر مەركىزىگە كەلگەندە، مانا سامۇئىل يۇقىرى جايغا چىقىشقا ئۇلارغا قاراپ كېلىۋاتاتتى.
15پەرۋەردىگار سائۇل كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى سامۇئىلغا:
16ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مەن يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەمنى ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنى مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. ئۇ مېنىڭ خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى مېنىڭ خەلقىمنىڭ پەريادى ماڭا يەتكىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلتىپات بىلەن قارىدىم، ــ دېدى.
17سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغان ئادەم مۇشۇدۇر. بۇ ئادەم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدۇ، دەپ ئىزھار قىلدى.
18سائۇل دەرۋازىدا تۇرغان سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ: سىلىدىن سوراي، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ ئۆيى نەدە، دەپ سورىدى.
19سامۇئىل سائۇلغا: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مەن ئۆزۈم شۇ. مەندىن ئاۋۋال يۇقىرى جايغا چىققىن. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن تائام يەيسىلەر؛ ئەتە سېنى ئۇزۇتۇپ چىققاندا، كۆڭلۈڭدىكى ھەربىر ئىشلارنى ساڭا دەپ بېرەي، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
20ئەمما ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلەردىن بولسا، ئەندىشە قىلمىغىن؛ ئۇلار تېپىلدى. ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئارزۇسى كىمگە مايىل؟ ساڭا ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
21سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك قەبىلە بولغان بىنيامىندىن، جەمەتىممۇ بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى تۇرسا؟ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ماڭا دەيلا؟ ــ دېدى.
22سامۇئىل بولسا سائۇلنى ۋە خىزمەتكارىنى باشلاپ، مېھمانخانا ئۆيىگە كىردى ۋە ئۇلارنى چاقىرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا تۆردە ئولتۇرغۇزدى. ئۇلار ئوتتۇزچە ئادەم ئىدى.
23سامۇئىل ئاشپەزگە: ــ مەن ساقلاپ قويغىن دەپ، ساڭا تاپشۇرغان ھېلىقى تائامنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن ئاشپەز ساقلاپ قويغان چوڭ ئاجرىتىلغان قولنى ئېلىپ سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. سامۇئىل: ــ مانا، ساڭا ساقلاپ قويۇلغىنى شۇدۇر! ئۇنى ئالدىڭغا ئېلىپ يېگىن؛ چۈنكى ئۇ مەن خەلقنى چاقىرغان چېغىمدا ئاتايىن ساڭا ئاتاپ ئېلىپ قويغاندىن تارتىپ بۇ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ساقلاندى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى سائۇل بىلەن سامۇئىل تاماقتا بىللە بولدى.
25ئۇلار يۇقىرى جايدىن چۈشۈپ شەھەرگە كىردى، سامۇئىل ئۆگزىدە سائۇل بىلەن سۆزلەشتى.
26ئەتىسى تاڭ شەھەردە ئورۇندىن تۇرغاندا سامۇئىل سائۇلنى ئۆگزىدىن چاقىرىپ: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، مەن سېنى ئۇزۇتۇپ قوياي، دېدى. سائۇل ئورۇندىن تۇردى ۋە ئىككىسى بىللە چىقتى، ــ ھەم ئۇ سامۇئىل بىلەن بىللە كوچىغا چىقتى.
27ئۇلار شەھەرنىڭ ئايىغىغا كېتىۋاتقاندا، سامۇئىل سائۇلغا: خىزمەتكارغا ئالدىمىزدا ماڭغاچ تۇرغىن، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى. ئۇ شۇنداق قىلدى. ئاندىن سامۇئىل: ــ سەن تۇرۇپ تۇر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ساڭا يەتكۈزەي، دېدى.