Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «1»

سامۇئىل «1» 18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئاياغلاشقاندا، يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيدى.
2سائۇل بولسا ئۇ كۈنى ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقىلى قويمىدى.
3يوناتان داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلىشتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى.
4يوناتان ئۇچىسىدىكى توننى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، يەنە جەڭ كىيىملىرىنى، جۈملىدىن ھەتتا قىلىچى، ئوقياسى ۋە كەمىرىنىمۇ ئۇنىڭغا بەردى.
5سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ئەۋەتسە ئۇ شۇ يەرگە باراتتى، شۇنداقلا ئىشلارنى جايىدا قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل ئۇنى لەشكەرلەرنىڭ ئۈستىگە قويدى. بۇ ئىش بارلىق خەلققە ۋە ھەم سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىغىمۇ ياقتى.
6داۋۇت فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن يانغاندا ئىسرائىلنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدىكى قىز‫‪‎-‎‬‬ئاياللار سائۇلنى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ قارشى ئالغىلى چىقتى؛ ئۇلار خۇشلۇق ئىچىدە داپ ۋە ئۈچتار بىلەن نەغمە چېلىشتى.
7قىز‫‪‎-‎‬‬ئاياللار نەغمە چالغاندا‫‪:‬‬ ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دەپ ئوقۇشاتتى.
8بۇنى ئاڭلاپ سائۇل ناھايىتى خاپا بولدى؛ بۇ سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەگدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ داۋۇتقا ئون مىڭلاپ ھېسابلاندى، ئەمما ماڭا پەقەت مىڭلاپ ھېسابلاندى؛ ئەمدى پادىشاھلىقتىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، دېدى.
9شۇ كۈندىن تارتىپ سائۇل داۋۇتنى كۆزلەپ يۈردى.
10ئەتىسى خۇدا تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ سائۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە ئۇ ئۆيىدە قالايمىقان جۆيلىگىلى تۇردى. ئەمدى داۋۇت باشقا ۋاقىتتىكىدەك قولى بىلەن چىلتار چالدى؛ سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى.
11سائۇل‫‪:‬‬ ــ داۋۇتنى تامغا نەيزە بىلەن قادىۋېتىمەن دەپ، نەيزىنى ئاتتى؛ لېكىن داۋۇت ئىككى قېتىم ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.
12پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەنلا بولۇپ، ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتكىنى ئۈچۈن سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى.
13شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل داۋۇتنى ئۆز يېنىدىن ئايرىپ، ئۇنى لەشكەرلەرگە مىڭبېشى قىلىپ قويدى؛ ئۇ لەشكەرلەرنى ئېلىپ جەڭگە چىقىپ تۇراتتى.
14داۋۇت بولسا ھەممە ئىشلارنى پەم بىلەن قىلاتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى.
15سائۇل ئۇنىڭ پەملىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتى.
16ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا خەلقى داۋۇتنى سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يېتەكلەپ جەڭگە چىقاتتى.
17سائۇل داۋۇتقا‫‪:‬‬ ــ مانا، چوڭ قىزىم مېراب ــ مەن ئۇنى ساڭا خوتۇنلۇققا بەرگۈم بار. سەن پەقەت خىزمىتىمگە جان‫‪‎-‎‬‬پىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىدە كۈرەش قىلغىن، دېدى. چۈنكى سائۇل ئىچىدە‫‪:‬‬ ــ ئۇ مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيلەرنىڭ قولى بىلەن يوقىتىلسۇن، دەپ خىيال قىلغانىدى.
18ئەمما داۋۇت سائۇلغا‫‪:‬‬ ــ مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئارىسىدا نېمە ئىدى، مەن قانداقمۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولاي؟ ــ دېدى.

19لېكىن سائۇلنىڭ قىزى مېراب داۋۇتقا بېرىلىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ مەھولاتلىق ئادرىئەلگە خوتۇنلۇققا بېرىلدى.
20ئەمما سائۇلنىڭ قىزى مىقالنىڭ كۆڭلى داۋۇتقا چۈشكەنىدى. باشقىلار بۇنى سائۇلغا ئېيتتى، بۇ ئىشتىن سائۇل خۇش بولدى.
21سائۇل‫‪:‬‬ ــ قىزىمنى داۋۇتقا بېرەي، ئۇ ئۇنىڭغا بىر سىرتماق بولۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىلسۇن، دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتقا‫‪:‬‬ ــ بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم كۈيئوغلۇم بولىسەن، دېدى.
22سائۇل ئۆز غۇلاملىرىغا‫‪:‬‬ ــ داۋۇتقا ئاستىرتىن‫‪:‬‬ ــ مانا، پادىشاھ سەندىن سۆيۈنىدۇ، ۋە ھەممە غۇلاملىرى ساڭا ئامراق. شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولغىن، دەپ ئېيتىڭلار، دەپ تاپىلىدى.
23سائۇلنىڭ غۇلاملىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. لېكىن داۋۇت‫‪:‬‬ ــ نەزىرىڭلاردا پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بولسام بىر كەمبەغەل ۋە ئەتىۋارسىز ئادەممەن ــ دېدى.
24سائۇلنىڭ غۇلاملىرى سائۇلغا داۋۇتنىڭ دېگەنلىرىنى ئۆز ئەينى يەتكۈزدى.
25سائۇل‫‪:‬‬ ــ سىلەر داۋۇتقا‫‪:‬‬ ــ پادىشاھ ساڭا باشقا تويلۇق ئالغۇزمايدۇ، پەقەت پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكىنىلا ئالىدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، دېدى (سائۇلنىڭ مەقسىتى بولسا داۋۇتنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىش ئىدى).
26غۇلاملار بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يەتكۈزدى؛ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش داۋۇتقا يېقىپ قالدى. ئەمدى بېكىتىلگەن مۆھلەت توشمايلا،
27داۋۇت تۇرۇپ ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ ئىككى يۈز فىلىستىينى ئۆلتۈردى. داۋۇت ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ ئېلىپ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھغا تاپشۇردى. سائۇل قىزى مىقالنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.
28سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆز قىزى مىقالنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ
29داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۈزلۈكسىز داۋۇتقا دۈشمەن بولدى.
30فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى دائىم سوقۇشقا چىقاتتى؛ ئەمما ھەر قېتىم چىقسىلا داۋۇتنىڭ ئىشلىرى سائۇلنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرىنىڭكىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى خالايىق تەرىپىدىن تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولاتتى.