Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «1»

سامۇئىل «1» 12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سامۇئىل پۈتكۈل ئىسرائىلغا‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن سىلەرنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدۇم؛
2مانا ئەمدى پادىشاھ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا يۈرمەكتە، مەن بولسام قېرىپ بېشىم ئاقاردى؛ مانا، مېنىڭ ئوغۇللىرىممۇ ئاراڭلاردا تۇرىدۇ. ياشلىقىمدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ كەلدىم.
3مانا بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلىنغىنىنىڭ ئالدىدا ماڭا ئەرزىڭلار بولسا دەۋېرىڭلار؛ كىمنىڭ ئۇيىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ئېشىكىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم؟ كىمگە زۇلۇم قىلدىم؟ ياكى مەن كۆزۈمنى كور قىلىش ئۈچۈن كىمدىن پارا ئالدىم؟ شۇنداق بولسا دەڭلار، ۋە مەن ئۇنى سىلەرگە تۆلەپ بېرىمەن، دېدى.
4ئۇلار جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سەن بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىدىڭ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىدىڭ ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسىنىمۇ ئېلىۋالمىدىڭ، دېدى.
5ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار سىلەرگە گۇۋاھ بولۇپ ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلغىنى ھەم بۈگۈن گۇۋاھچى بولسۇن، دېۋىدى، ئۇلار‫‪:‬‬ ــ ئۇ گۇۋاھتۇر، دېدى.
6سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ «مۇسا بىلەن ھارۇننى تىكلەپ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغۇچى بولسا پەرۋەردىگاردۇر.
7ئەمدى ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ۋە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارغا يۈرگۈزگەن ھەققانىي ئەمەللىرىنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويۇشقا سۆز قىلاي.
8ياقۇپ مىسىرغا كىرگەندىن كېيىن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن چىقىرىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇردى.   
9ئەمما ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنى ھازورنىڭ قوشۇنىدىكى سەردار سىسېرانىڭ قولىغا، فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا ھەم موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ بۇلار ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشتى.
10شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ‫‪:‬‬ «بىز گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنى تاشلاپ بائاللار ۋە ئاشتاروتلارنىڭ ئىبادىتىدە بولدۇق؛ ئەمما ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن، بىز ساڭا ئىبادەت قىلىمىز» دېدى.
11ۋە پەرۋەردىگار يەرۇببائال، بېدان، يەفتاھ ۋە سامۇئىلنى ئەۋەتىپ، ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدى، شۇنىڭ بىلەن تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان تۇرۇۋاتقانىدىڭلار.  
12لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزى پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئامموننىڭ پادىشاھى ناھاشنىڭ سىلەرگە قارشى قوپقىنىنى كۆرگىنىڭلاردا سىلەر‫‪:‬‬ ياق! بىر پادىشاھ ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلسۇن دەپ ماڭا ئېيتتىڭلار.
13ئەمدى سىلەر خالاپ تاللىغان، سىلەر تىلىگەن پادىشاھقا قاراڭلار؛ مانا، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدى.
14ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاقلىرىڭلارنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمىساڭلار، سىلەر ھەم ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئەگەشسەڭلار، ئەمدى سىلەرگە ياخشى بولىدۇ.
15لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارغا قارشى بولغاندەك سىلەرگىمۇ قارشى بولىدۇ.
16ئەمدى تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار كۆزلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان ئۇلۇغ كارامەتنى كۆرۈڭلار!
17بۈگۈن بۇغداي ئورىدىغان ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلاي، ئۇ گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ بىر پادىشاھ تىلىگىنىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە زور رەزىللىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر».
18ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇردى. خەلق پەرۋەردىگاردىن ۋە سامۇئىلدىن بەك قورقتى.

19خەلقنىڭ ھەممىسى سامۇئىلغا‫‪:‬‬ ــ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا بىزنى ئۆلمىسۇن دەپ كەمىنىلىرىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغىن؛ چۈنكى ھەممە گۇناھلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە يەنە يامانلىق ئاشۇرۇپ ئۆزىمىزگە بىر پادىشاھ تىلىدۇق، دېدى.
20سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ قورقماڭلار؛ سىلەر دەرۋەقە بۇ ھەممە رەزىللىكنى قىلغانسىلەر، لېكىن ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن چەتنىمەي، پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛
21ئادەمگە پايدا يەتكۈزمەيدىغان ياكى ئادەمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىھۇدە ئىشلارنى ئىزدەپ، يولدىن ئېزىپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ تايىنى يوقتۇر.
22چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئۇلۇغ نامى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشنى لايىق كۆرگەندۇر.
23ماڭا نىسبەتەن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن توختاش بىلەن پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن؛ بەلكى مەن سىلەرگە ياخشى ۋە دۇرۇس يولنى ئۆگىتىمەن.
24پەقەت سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ كارامەتلەرگە قاراڭلار!
25لېكىن يامانلىق قىلساڭلار، ھەم ئۆزۈڭلار ھەم پادىشاھىڭلار ھالاك قىلىنىسىلەر».