1سائۇل ئوتتۇز ياشتا پادىشاھ بولۇپ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلغاندىن كېيىن
2ئۆزىگە ئىسرائىلدىن ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئىلغاپ ئالدى. ئىككى مىڭى مىكماشتا ۋە بەيت-ئەل تاغلىرىدا سائۇلنىڭ قېشىدا، بىر مىڭى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا يوناتاننىڭ قېشىدا ئىدى. ئەمما ئۇ قالغان خەلقنىڭ ھەربىرىنى ئۆز ئۆيلىرىگە كەتكۈزىۋەتتى.
3يوناتان بولسا فىلىستىيلەرنىڭ گېبادىكى لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلدى، فىلىستىيلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بولسا: ــ پۈتكۈل زېمىندىكى ئىبرانىيلار ئاڭلاپ ئويغانسۇن دەپ، كاناي چالدۇردى.
4پۈتكۈل ئىسرائىل سائۇلنىڭ فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ھەمدە ئىسرائىلنىڭ فىلىستىيلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خەلق سائۇلنىڭ كەينىدىن گىلگالغا بېرىپ يىغىلدى.
5فىلىستىيلەردىن ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئاتلىق لەشكەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەر يىغىلدى. ئۇلار كېلىپ بەيت-ئاۋەننىڭ شەرق تەرىپىدىكى مىكماشتا بارگاھ تىكتى.
6ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق خىيىم-خەتەردە قالغانلىقىنى كۆرۈپ غارلارغا، چاتقاللىقلارغا، قىيا تاشلىقلارغا، يۇقىرى جايلارغا ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنىۋېلىشتى؛
7بەزى ئىبرانىيلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلېئادنىڭ زېمىنىغا قېچىپ باردى. لېكىن سائۇل گىلگالدا قالدى، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىترىگەن ھالدا ئەگەشتى.
8ئەمدى سائۇل سامۇئىل ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتقىچە يەتتە كۈن كۈتۈپ تۇردى؛ لېكىن سامۇئىل گىلگالغا كەلمىدى، خەلق ئۇنىڭدىن تارىلىپ كەتكىلى تۇردى.
9سائۇل: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى بۇ يەرگە ــ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى.
10ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تۈگىتىشى بىلەنلا، مانا سامۇئىل كەلدى. سائۇل ئۇنىڭغا سالام قىلغىلى ئالدىغا چىقتى.
11لېكىن سامۇئىل: ــ نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟! ــ دەپ سورىدى. سائۇل: ــ خەلق مەندىن تارىلىپ كەتكەنلىكىنى، سىلىنىڭ بېكىتكەن ۋاقىتتا كەلمىگەنلىكلىرىنى، فىلىستىيلەرنىڭ مىكماشتا يىغىلغىنىنى كۆردۇم،
12مەن ئىچىمدە: ئەمدى فىلىستىيلەر گىلگالغا چۈشۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى، مەن بولسام تېخى پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلمىدىم، دېدىم. شۇڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا ئۆزۈمنى مەجبۇرلىدىم، دېدى.
13سامۇئىل سائۇلغا: ــ سەن ئەخمەقلىك قىلدىڭ؛ سەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرنى تۇتمىدىڭ؛ شۇنداق قىلغان بولساڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىڭنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلاتتى، دېدى.
14لېكىن ئەمدى سەلتەنىتىڭ مۇستەھكەم تۇرمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىدىكىدەك مۇۋاپىق بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ باشلامچىسى قىلدى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغاننى تۇتمىدىڭ، دېدى.
15ئاندىن سامۇئىل ئورنىدىن تۇرۇپ گىلگالدىن كېتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھغا باردى. سائۇل بولسا ئۆز يېنىدىكى ئادەملەرنى سانىدى؛ ئۇلار ئالتە يۈزچە چىقتى.
16سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارنىڭ قېشىدا قالغان خەلق بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبادا قېلىپ قالدى، فىلىستىيلەر بولسا مىكماشتا بارگاھ تىككەنىدى.
17قاراقچىلار دائىم فىلىستىيلەرنىڭ بارگاھىدىن چىقىپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنەتتى. بىر بۆلەك شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھغا بارىدىغان يولغا ئاتلىناتتى،
18بىر بۆلەك بەيت-ھورونغا بارىدىغان يول بىلەن ماڭاتتى، يەنە بىر بۆلەك چۆلنىڭ چېتىدىكى زەبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان زېمىندىكى يولغا ماڭاتتى.
19ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا ھېچبىر تۆمۈرچى تېپىلمايتتى؛ چۈنكى فىلىستىيلەر: ــ ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ ياكى نەيزە ياسىيالمىسۇن، دەپ ئويلايتتى.
20بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار ھەممىسى ساپان چىشلىرى، كەتمەنلىرىنى، پالتىلىرىنى ۋە ئورغاقلىرىنى بىسلاش ئۈچۈن فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا باراتتى.
21ئۇلار ساپان چىشلىرى ۋە كەتمەنلەر ئۈچۈن ئۈچتىن ئىككى شەكەل، جوتۇ، پالتا ۋە زىخلارنى بىسلاش ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەلنى تۆلەيتتى.
22شۇڭا ئۇرۇش بولغاندا سائۇل ۋە يوناتاننىڭ قېشىدىكى خەلقنىڭ ھېچبىرىدە قىلىچ يا نەيزە يوق ئىدى؛ پەقەت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاندىلا بار ئىدى.
23ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ بىر قاراۋۇللار ئەترىتى مىكماشتىكى داۋانغا چىققانىدى.