Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «1»

سامۇئىل «1» 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئولجا ئېلىپ، ئۇنى ئەبەن‫‪‎-‎‬‬ئەزەردىن ئېلىپ ئاشدودقا باردى.
2ئۇ يەردە فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ داگون بۇتخانىسىغا ئەكىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى.
3ئاشدوددىكىلەر ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا داگون بۇتى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى. شۇڭا ئۇلار داگون بۇتنى ئېلىپ يەنە ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇپ قويدى.
4لېكىن ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا، داگون پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى؛ داگوننىڭ بېشى ھەم قوللىرى بوسۇغىدا چېقىلغانىدى؛ داگوننىڭ پەقەت بېلىقسىمان تېنى قالغانىدى.
5شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئاشدودتا يا داگوننىڭ كاھىنلىرى بولسۇن يا داگوننىڭ بۇتخانىسىغا كىرگۈچىلەر بولسۇن، داگوننىڭ بوسۇغىسىغا دەسسىمەيدۇ.
6ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاشدوددىكىلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق چۈشۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، ئاشدود بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇردى.   
7ئاشدوددىكىلەر بۇلارنى كۆرۈپ‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزلەردە تۇرمىسۇن! چۈنكى ئۇنىڭ قولى بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق بېسىۋالدى، دېيىشتى.
8شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ ھەممە غوجىلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. ئۇلار‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتقا چەت يول بىلەن يۆتكەلسۇن، دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەرگە چەت يول بىلەن يۆتكىدى.
9ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇنى چەت يول بىلەن يۆتكىگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇ شەھەرگە چۈشۈپ كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈردى. ئۇ كىچىكلەردىن تارتىپ چوڭلارغىچە شەھەردىكىلەرنى ئۇردى، ئۇلار ھۈررەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى.
10شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەكرونغا ئەۋەتتى. لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئەكرونغا يېتىپ كەلگەندە، ئەكروندىكىلەر پەرياد قىلىپ‫‪:‬‬ ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بىزگە يۆتكىدى! ــ دېدى.
11ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنى قىچقارتىپ جەم قىلىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز جايىغا كەتكۈزۈڭلار، دېدى؛ چۈنكى قاتتىق ۋەھىمە شەھەرنى باسقانىدى؛ خۇدانىڭ قولى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ ئېغىر چۈشكەنىدى.
12ئۆلمىگەن ئادەملەر بولسا ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ پەريادى ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.