1ئەمدى زىفلىقلار گىبېئاھغا سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ داۋۇت يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
2سائۇل قوپۇپ ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ، زىف چۆلىدە داۋۇتنى ئىزدىگىلى ئۇ يەرگە باردى.
3سائۇل بولسا يول بويىدا، يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىدە چېدىر تىكتى. داۋۇت چۆلدە تۇرۇۋاتاتتى؛ ئۇ سائۇلنىڭ چۆلگە ئۆز كەينىدىن چىققىنىدىن خەۋەر تاپقاندا
4داۋۇت پايلاقچىلارنى ماڭدۇرۇپ سائۇلنىڭ راستلا كەلگەنلىكىنى بىلدى.
5داۋۇت قوپۇپ سائۇل چېدىر تىككەن جايغا باردى؛ ئۇ سائۇل بىلەن قوشۇن سەردارى، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ياتقان يەرنى كۆردى. سائۇل بولسا قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى، ئادەملىرى چېدىرلىرىنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا تىككەنىدى.
6داۋۇت ئەمدى ھىتتىيلاردىن بولغان ئاخىمەلەك ۋە يوئابنىڭ ئىنىسى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشايغا: ــ كىم مەن بىلەن لەشكەرگاھغا چۈشۈپ، سائۇلنىڭ يېنىغا بارىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئابىشاي: ــ مەن سېنىڭ بىلەن باراي، دېدى.
7شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئابىشاي كېچىدە قوشۇن بار يەرگە بېرىۋىدى، مانا سائۇل قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى؛ ئۇنىڭ نەيزىسى تەكىيىسىنىڭ يېنىدا يەرگە قاداقلىق تۇراتتى؛ ئابنەر بىلەن ئادەملىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتاتتى.
8ئابىشاي داۋۇتقا: ــ خۇدا بۈگۈن دۈشمىنىڭنى قولۇڭغا تاپشۇردى. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا نەيزە بىلەن بىرلا سانجىپ ئۇنى يەرگە قاداپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيسەن! ئىككى قېتىم سانجىشىمنىڭ لازىمى يوقتۇر، دېدى.
9داۋۇت ئابىشايغا: ــ ئۇنى يوقاتمىغىن. كىم پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىغا قول ئۇزىتىپ گۇناھغا تارتىلمىغان؟ ــ دېدى.
10داۋۇت يەنە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار جەزمەن ئۇنى ئۇرىدۇ؛ يا ئۇنىڭ ئۆلىدىغان كۈنى كېلىدۇ يا ئۇ جەڭگە چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ.
11پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشىدىن ساقلىغاي! ئەمما ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇ ئىدىشىنى ئالغىن، ئاندىن كېتەيلى، دېدى.
12شۇنىڭ بىلەن داۋۇت نەيزە بىلەن ئىدىشنى سائۇلنىڭ بېشىنىڭ يېنىدىن ئېلىپ، ئىككىسى چىقىپ كەتتى. ئەمما ھېچكىم كۆرمىدى، تۇيۇپمۇ قالمىدى ھەم ئويغىنىپ كەتمىدى، بەلكى ھەممىسى ئۇخلاۋەردى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىر قاتتىق ئۇيقۇنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەنىدى.
13داۋۇت ئۇدۇلدىكى تەرەپكە ئۆتۈپ يىراقراق بىر دۆڭنىڭ تۆپىسىدە تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئارىلىقى يىراق ئىدى.
14داۋۇت قوشۇن بىلەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرگە توۋلاپ: ــ جاۋاب بەرمەمسەن، ئى ئابنەر! ــ دېدى. ئابنەر: ــ پادىشاھغا توۋلىغۇچى كىم سەن؟ ــ دېدى.
15داۋۇت ئابنەرگە: ــ سەن باتۇر ئەمەسمۇ؟ ئىسرائىلدا ساڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ نېمىشقا غوجاڭ پادىشاھنى قوغدىمىدىڭ؟ چۈنكى خەلقتىن بىر كىشى غوجاڭ پادىشاھنى ھالاك قىلغىلى كىرىپتۇ.
16سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار مەسىھ قىلغان غوجاڭلارنى قوغدىمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىق بولدۇڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ نەيزىسى ۋە بېشىنىڭ يېنىدىكى سۇ ئىدىشىنىڭ قەيەردىلىكىگە قاراپ بېقىڭلار، دېدى.
17سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت! ــ دېدى. داۋۇت: ــ ئى غوجام پادىشاھ، بۇ مېنىڭ ئاۋازىمدۇر، دېدى.
18ئۇ يەنە: ــ نېمىشقا غوجام ئۆز قۇلىنى مۇنداق قوغلايدۇ؟ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ قولۇمدا نېمە يامانلىق بار؟
19ئەمدى غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي؛ لېكىن ئىنسان بالىلىرى بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ.
20ئەمدى مېنىڭ قېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق يەرگە تۆكۈلمىسۇن؛ چۈنكى تاغلاردا بىر كەكلىكنى ئوۋلىغاندەك ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر يالغۇز بۈرگىنى ئىزدىگىلى چىقىپتۇ، دېدى.
21سائۇل: ــ مەن گۇناھ قىلدىم؛ يېنىپ كەلگىن ئى ئوغلۇم داۋۇت؛ مېنىڭ جېنىم بۈگۈن كۆزلىرىڭدە ئەزىز سانالغىنى ئۈچۈن مەن ساڭا بۇندىن كېيىن ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن؛ مانا، ئەخمەقلىك قىلدىم، بەك ئېزىپتىمەن، دېدى.
22داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ مانا پادىشاھنىڭ نەيزىسى، غۇلاملاردىن بىرى كېلىپ ئۇنى ياندۇرۇپ ئالسۇن.
23پەرۋەردىگار ھەر ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى بىلەن سادىقلىقىغا قاراپ ياندۇرغاي. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار سىلىنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇردى، لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشنى خالىمىدىم.
24مانا، بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ كۆزلىرىمدە ئەزىز بولغاندەك مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆزىدە ئەزىز بولغاي، ئۇ مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكتىن قۇتقۇزغاي، دېدى.
25سائۇل داۋۇتقا: ــ ئەي ئوغلۇم داۋۇت، بەرىكەتلەنگەيسەن. سەن جەزمەن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن، ئىشلىرىڭ جەزمەن راۋاجلىق بولىدۇ، دېدى. ئاندىن داۋۇت ئۆز يولىغا كەتتى، سائۇلمۇ ئۆز جايىغا يېنىپ باردى.