Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «1»

سامۇئىل «1» 16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار سامۇئىلغا‫‪:‬‬ ــ سەن قاچانغىچە سائۇل ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرىسەن؟ مەن ئۇنى ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلىشتىن مەھرۇم قىلىپ تاشلىغان ئەمەسمۇ؟ مۈڭگۈزۈڭنى زەيتۇن مېيى بىلەن تولدۇرۇپ بارغىن. مەن سېنى بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەملىك يەسسەنىڭ قېشىغا ئەۋەتىمەن. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن پادىشاھ بولۇشقا ئۆزۈمگە بىرنى بېكىتتىم، دېدى.
2سامۇئىل بولسا‫‪:‬‬ ــ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل بۇ ئىشنى ئاڭلىسا مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى. پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ ــ ئۆزۈڭ بىلەن بىر ئىنەكنى ئالغاچ بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، دېگىن.
3يەسسەنى قۇربانلىققا چاقىرغىن، ئاندىن مەن ساڭا قىلىدىغىنىڭنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مەن ساڭا دېگەن بىرسىنى ئۆزۈم ئۈچۈن مەسىھ قىلغىن، دېدى.
4سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى ئادا قىلىپ بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەمگە باردى. يېتىپ كەلگەندە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى تىترىگەن ھالدا چىقىپ‫‪:‬‬ ــ بىزگە تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامانلىق ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
5ئۇ‫‪:‬‬ ــ تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامانلىق ئېلىپ كەلدىم؛ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق سۇنۇشقا كەلدىم. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھارامدىن پاكلاپ مەن بىلەن بىللە قۇربانلىققا كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەسسە بىلەن ئوغۇللىرىنى ھالال قىلىپ قۇربانلىققا چاقىردى.
6ئۇلار كەلگەندە سامۇئىل ئېلىئابنى كۆرۈپ ئىچىدە‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلىدىغىنى شۈبھىسىزكى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، دېدى.
7لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭ تەقى‫‪‎-‎‬‬تۇرقىغا ياكى بويىغا قارىمىغىن. مەن ئۇنى شاللىۋەتتىم، چۈنكى خۇدا ئىنسان كۆرگەندەك كۆرمەيدۇ؛ ئىنسان بولسا سىرتقى قىياپىتىگە قارايدۇ، لېكىن پەرۋەردىگار قەلبگە قارايدۇ، دېدى.
8ئاندىن يەسسە ئابىنادابنى چاقىرىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى.
9ئاندىن يەسسە شامماھنى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى.
10شۇنىڭغا ئوخشاش يەسسە ئوغۇللىرىنىڭ يەتتىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. لېكىن سامۇئىل يەسسەگە‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار بۇلارنى ھەم تاللىمىدى، دېدى.
11سامۇئىل يەسسەدىن‫‪:‬‬ ــ بارلىق يىگىتلەر مۇشۇلارمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ھەممىدىن كىچىكى قالدى. لېكىن مانا، ئۇ قوي بېقىۋاتىدۇ، دېدى. سامۇئىل يەسسەگە‫‪:‬‬ ــ ئۇنى چاقىرتىپ ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ كەلمىگۈچە داستىخاندا ئولتۇرمايمىز، دېدى.
12يەسسە ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى كەلتۈردى. ئۇ چىرايىدا قان يۈگۈرۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى چىرايلىق ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ ــ قوپۇپ ئۇنى مەسىھ قىلغىن، چۈنكى مېنىڭ تاللىغىنىم شۇدۇر! دېدى.
13سامۇئىل ماي مۈڭگۈزىنى ئېلىپ ئۇنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مەسىھ قىلدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ روھى داۋۇتنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. سامۇئىل بولسا قوپۇپ راماھغا كەتتى.
14ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن كەتكەنىدى، ۋە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بىر يامان روھ ئۇنى پەرىشان قىلدى.
15سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا خۇدا تەرىپىدىن بىر يامان روھ سېنى پەرىشان قىلىدۇ.
16ئەمدى غوجىمىز ئۆزلىرى ئالدىلىرىدىكى خىزمەتكارلىرىنى دەرھال بۇيرۇغايلىكى، ئۇلار چىلتار چېلىشقا ئۇستا ئادەمنى تاپسۇن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، خۇدا تەرىپىدىن يامان روھ ئۈستلىرىگە كەلسە ئۇ چىلتار چالسۇن، ئۇنىڭ بىلەن ھاللىرى ئوبدان بولىدۇ، دېدى.
17سائۇل خىزمەتكارلىرىغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ ئۈچۈن چىلتار چېلىشقا ئۇستا بىر ئادەمنى تېپىپ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى.
18غۇلاملاردىن بىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەملىك يەسسەنىڭ چىلتارغا ئۇستا بىر ئوغلىنى كۆردۈم. ئۇ ئۆزى باتۇر بىر جەڭچى، گەپتە ھوشيار ۋە كېلىشكەن ئادەم ئىكەن، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەن، دېدى.

19شۇنىڭ بىلەن سائۇل يەسسەگە ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ قوي باقىدىغان ئوغلۇڭ داۋۇتنى ماڭا ئەۋەتكىن، دەپ ئېيتتى.
20يەسسە بىر ئېشەكنى تەييارلاپ ئۇنىڭغا نان بىلەن بىر تۇلۇم شاراب ۋە بىر ئوغلاقنى ئارتىپ، بۇلارنى ئوغلى داۋۇتنىڭ قولى بىلەن سائۇلغا ئەۋەتتى.
21شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. سائۇل ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدى؛ ئۇ سائۇلنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولدى.
22ئاندىن سائۇل يەسسەگە خەۋەر ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ ــ داۋۇت مېنىڭ ئالدىمدا تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۇ نەزىرىمگە ياقتى، دەپ ئېيتتى.
23ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ يامان روھ خۇدا تەرىپىدىن سائۇلنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە داۋۇت چىلتارنى ئېلىپ قولى بىلەن چالدى. بۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ ھالى ئوبدان بولۇپ يامان روھ ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى.