Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «1»

سامۇئىل «1» 22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ ئادۇللامدىكى غارغا قاچتى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتى بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قېشىغا باردى.
2ئېزىلگەن، قەرزدار بولغان ۋە دەردمەنلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ سەردارى بولدى. ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئادەملەر بولسا تۆت يۈزچە ئىدى.
3داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ موئابدىكى مىزپاھقا بېرىپ موئابنىڭ پادىشاھىدىن‫‪:‬‬ ــ خۇدانىڭ مېنى نېمە قىلىدىغىنىنى بىلگۈچە، ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئاراڭلاردا تۇرۇشىغا يول قويغايلا، دەپ تەلەپ قىلدى.
4داۋۇت ئاتىسى ۋە ئانىسىنى موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. داۋۇت قورغاندا تۇرغان پۈتكۈل كۈنلەردە ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى.
5ئەمما گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا‫‪:‬‬ ــ قورغاندا تۇرماي، بۇ يەردىن چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەرەت ئورمانلىقىغا باردى.
6سائۇل داۋۇتنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بۇ ۋاقىتتا راماھدىكى گىبېئاھدا ئېگىز بىر جايدا يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قولىدا نەيزىسى بار ئىدى، بارلىق خىزمەتكارلىرى چۆرىسىدە تۇراتتى.
7سائۇل چۆرىسىدە تۇرغان خىزمەتكارلىرىغا‫‪:‬‬ ــ ئى بىنيامىنلىقلار، قۇلاق سېلىڭلار! يەسسەنىڭ ئوغلى ھەر بىرىڭلارغا ئېتىزلار بىلەن ئۈزۈمزارلارنى تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ ھەممىڭلارنى مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشى قىلامدۇ؟
8سىلەر ھەممىڭلار ماڭا قەست قىلدىڭلار، ئۆز ئوغلۇمنىڭ يەسسەنىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلىشقىنىنى ھېچكىم ماڭا ئۇقتۇرمىدى. ھېچ قايسىڭلار ماڭا ئىچ ئاغرىتمىدىڭلار ياكى ئۆز ئوغلۇمنىڭ مېنىڭ خىزمەتكارىمنى ماڭا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتقىنىدىن ماڭا خەۋەر بەرمىدىڭلار، دېدى.
9ئاندىن سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان دوئەگ‫‪:‬‬ ــ «مەن يەسسەنىڭ ئوغلىنىڭ نوبقا ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ قېشىغا كەلگىنىنى كۆردۈم،
10ــ ئاخىمەلەك ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى ۋە ئۇنىڭغا ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تۈلۈك بىلەن فىلىستىي گولىئاتنىڭ قىلىچىنى بەردى» ــ دېدى.
11پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى كاھىن ئاخىمەلەكنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، يەنى نوبدىكى كاھىنلارنىمۇ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى.
12سائۇل‫‪:‬‬ ــ ئى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاڭلىغىن، دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئى غوجام، مانا مەن، دېدى.
13سائۇل ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا سىلەر، سەن بىلەن يەسسەنىڭ ئوغلى، ماڭا قەست قىلىسىلەر؟ سەن ئۇنىڭغا نان ۋە قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن يول سورىدىڭغۇ؟ مانا ئەمدى ئۇ بۈگۈنكىدەك ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ پايلاپ يۈرمەكتە! ــ دېدى.
14ئاخىمەلەك پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سىلىنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا داۋۇتدەك سادىق كىم بار؟ ئۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى، سىلىنىڭ مەخپىي مەسلىھەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى ۋە ئوردىلىرى ئىچىدە ئىززەتلىك ئەمەسمىدى؟
15مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن يول سوراشنى بۈگۈنلا باشلىدىممۇ؟ ئاسىيلىق قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! پادىشاھ ئۆز قۇلىنى ۋە ئاتامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئەيىبكە بۇيرۇمىغايلا، چۈنكى قۇللىرىنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچە خەۋىرى يوق، دېدى.
16لېكىن پادىشاھ‫‪:‬‬ ــ ئى ئاخىمەلەك، سەن ئۆلىسەن، سەن ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتى چوقۇم ئۆلىسىلەر، دېدى.
17پادىشاھ ئۆز چۆرىسىدىكى چاپارمەنلىرىگە‫‪:‬‬ ــ ماڭ، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇلار ھەم داۋۇتقا ھەمدەم بولدى ھەم ئۇنىڭ قاچقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا خەۋەر بەرمىدى، دېدى. لېكىن پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قول كۆتۈرگىلى ئۇنىمىدى.
18ئەمدى پادىشاھ دوئەگكە‫‪:‬‬ ــ سەن بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى. ئېدوملۇق دوئەگ بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈردى؛ بۇ كۈنى ئۇ كاناپتىن توقۇلغان ئەفود كىيگەن سەكسەن بەش ئادەمنى ئۆلتۈردى.

19ئاندىن ئۇ كاھىنلارنىڭ شەھىرى نوبدا ئولتۇرغۇچىلارنى قىردى، يەنى ئەر ۋە ئاياللار، بالىلار ۋە بوۋاقلار، كالا، ئېشەك، قويلار ــ ھەممىسىنى قىلىچلىدى.
20ئەمما ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئابىئاتار دېگەن بىر ئوغلى قۇتۇلۇپ داۋۇتنىڭ قېشىغا قېچىپ كەلدى.
21ئابىئاتار داۋۇتقا سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈردى، دەپ خەۋەر بەردى.
22داۋۇت ئابىئاتارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇ كۈنى دوئەگنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ جەزمەن سائۇلغا خەۋەر بېرىدىغىنىنى بىلگەنىدىم. مەن ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە زامىن بولدۇم، دېدى.
23مەن بىلەن بىللە تۇرغىن، ھېچ قورقمىغىن. چۈنكى مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ھەم ئالماقچى. مېنىڭ قېشىمدا بىخەتەر تۇرىسەن، دېدى.