Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «1»

سامۇئىل «1» 24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سائۇل فىلىستىيلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ يانغاندا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا، داۋۇت ئەن‫‪‎-‎‬‬گەدىدىكى چۆلدە تۇرۇۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى.
2سائۇل ئەمدى پۈتكۈل ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى ئىزدىگىلى «ياۋا تېكىلەر» قورام تاشلىقىغا چىقتى.
3ئۇ يولنىڭ يېنىدىكى قوي قوتانلىرىغا كەلگەندە، شۇ يەردە بىر غار بار ئىدى. ئۇ تەرەت قىلىش ئۈچۈن غارغا كىردى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى غارنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراتتى.
4داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا‫‪:‬‬ ــ ئۆز دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا بېرىمەن، نېمە ساڭا لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دېگەن كۈنى دەل مۇشۇ كۈن ئىكەن، دېدى. داۋۇت قوپۇپ سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇيدۇرماي كېسىۋالدى.
5لېكىن سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى كەسكىنى ئۈچۈن داۋۇت كۆڭلىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندى.
6ئۇ ئۆز ئادەملىرىگە‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغان غوجامغا بۇنداق قولۇمنى ئۇزارتىشتىن ساقلىسۇن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدى.
7شۇ سۆز بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى توسۇپ سائۇلغا چېقىلغىلى قويمىدى. سائۇل بولسا قوپۇپ غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا كەتتى.
8ئاندىن داۋۇتمۇ تۇرۇپ غاردىن چىقىپ سائۇلنىڭ كەينىدىن‫‪:‬‬ ــ ئى غوجام پادىشاھ! ــ دەپ چاقىردى. سائۇل كەينىگە قاراۋىدى، داۋۇت ئېگىلىپ يۈزىنى يەرگە ياققان ھالدا تەزىم قىلدى.
9داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «مانا، داۋۇت سېنى قەستلەشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتىدۇ، دەيدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزىگە نېمىشقا قۇلاق سالىلا؟
10مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلىكى، پەرۋەردىگار بۈگۈن غاردا سىلىنى ئۆز قولۇمغا بەرگەنىدى. بەزىلەر ماڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى؛ لېكىن مەن سىلىنى ئاياپ‫‪:‬‬ ــ غوجامغا قولۇمنى ئۇزارتمايمەن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدىم.
11قارىسىلا، ئى ئاتا، قولۇمدىكى تونلىرىنىڭ پېشىگە. سىلىنى ئۆلتۈرمەي تونلىرىنىڭ پېشىنى كەسكەنلىكىمدىن شۇنى بىلسىلەكى، كۆڭلۈمدە سىلىگە يا يامانلىق يا ئاسىيلىق يوق، سىلىگە گۇناھ قىلغىنىم يوق، لېكىن سىلى جېنىمنى ئالغىلى پايلىماقتىلا.
12پەرۋەردىگار مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم قىلسۇن، مېنىڭ ھېسابىمنى سىلىدىن پەرۋەردىگار ئالسۇن؛ لېكىن مېنىڭ قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ.
13كونىلار‫‪:‬‬ ــ «رەزىللىك رەزىللەردىن چىقىدۇ» دەپ ئېيتقانىكەن، لېكىن ئۆز قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ.
14ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقتى؟ كىمنى قوغلاپ يۈرىدۇ؟ بىر ئۆلۈك ئىتنى، خالاس! يالغۇز بىر بۈرگىنى، خالاس!
15پەرۋەردىگار سوراقچى بولۇپ مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ئۇ ھەق‫‪‎-‎‬‬ناھەقنى ئايرىپ، دەۋايىمنى سوراپ مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن خالاس قىلىپ، ئادالەت يۈرگۈرگەي!» ــ دېدى.
16داۋۇت سائۇلغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا سائۇل‫‪:‬‬ ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت؟ ــ دېدى. ئاندىن سائۇل يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ كەتتى.
17ئۇ داۋۇتقا‫‪:‬‬ ــ «سەن مەندىن ئادىلسەن، چۈنكى سەن ماڭا ياخشىلىق قايتۇردۇڭ، لېكىن مەن ساڭا يامانلىق قايتۇردۇم.
18سەن بۈگۈن ماڭا ياخشىلىق قىلغانلىقىڭنى ئوبدان كۆرسىتىپ بەردىڭ؛ پەرۋەردىگار مېنى قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ.

19بىرسى ئۆز دۈشمىنىنى تاپسا، ئۇنى ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن كەتكىلى قويامدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ ماڭا بۈگۈن قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي.
20ئەمدى مانا، شۇنى بىلدىمكى، سەن جەزمەن پادىشاھ بولىسەن، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا تىكلىنىدۇ.
21لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار بىلەن ماڭا قەسەم قىلغىنكى، مەندىن كېيىن مېنىڭ نەسلىمنى يوقاتماي، نامىمنى ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرمىگەيسەن»، دېدى.
22شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا قەسەم قىلدى. سائۇل ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى؛ داۋۇت ئادەملىرى بىلەن قورغان‫‪‎-‎‬‬قىياغا چىقىپ شۇ يەردە تۇردى.