Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «1»

سامۇئىل «1» 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇنىڭ بىلەن كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىمدىكى ئادەملەر كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىپ، دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدە قويدى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارنى ئەھدە ساندۇقىغا قاراشقا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېكىتتى.
2ئەھدە ساندۇقى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىمدا قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇزۇن ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل ئۆتتى. ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتى پەرۋەردىگارنى سېغىندى.
3ۋە سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە‫‪:‬‬ ــ ئەگەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ياتلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن ئاشتاروتلارنى ئۆز ئاراڭلاردىن يوقىتىپ، كۆڭلۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا باغلاپ، خاس ئۇنىڭ ئىبادىتىدىلا بولساڭلار ئۇ سىلەرنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى.   
4شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بائاللار بىلەن ئاشتاروتلارنى تاشلاپ خاس پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدىلا بولدى.
5ئاندىن سامۇئىل‫‪:‬‬ ــ پۈتكۈل ئىسرائىلنى مىزپاھ شەھىرىگە جەم قىلساڭلار، مەن سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلاي، دېدى.
6ئەمدى ئۇلار مىزپاھقا جەم بولۇپ، ئۇ يەردە سۇ تارتىپ ئۇنى پەرۋەردىگار ئالدىغا قۇيدى ۋە ئۇ كۈنى روزا تۇتۇپ‫‪:‬‬ ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل مىزپاھتا ئىسرائىللارنىڭ ئەرز‫‪‎-‎‬‬دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.
7فىلىستىيلەر ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىنى ئاڭلىدى؛ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى. ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلاپ فىلىستىيلەردىن قورقتى.
8ئىسرائىللار سامۇئىلغا‫‪:‬‬ ــ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىدا قىلىشتىن توختىمىغىن، دېدى.
9سامۇئىل ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئېلىپ تولۇق بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار دۇئاسىنى ئاڭلىدى.
10سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى يېقىنلاپ كەلدى. لېكىن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل ئالدىدا تارمار بولدى.
11ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ ئۇلارنى بەيت‫‪‎-‎‬‬كارنىڭ تۈۋىگىچە قوغلاپ قىردى.
12ئۇ ۋاقىتتا سامۇئىل بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى مىزپاھ بىلەن شەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەپ‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار بىزگە ھازىرغىچە ياردەم بېرىۋاتىدۇ» ــ دەپ ئۇنى ئەبەن‫‪‎-‎‬‬ئەزەر دەپ ئاتىدى.  
13شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر بېسىقىپ ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا يەنە تاجاۋۇز قىلمىدى؛ سامۇئىل ھاكىم بولغان بارلىق كۈنلەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قارشى بولدى؛
14شۇنداق قىلىپ ئەكروندىن تارتىپ گاتقىچە فىلىستىيلەر ئىسرائىلدىن ئېلىۋالغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلغا ياندۇرۇلدى؛ شەھەرلەرگە تەۋە زېمىنلارنىمۇ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن ياندۇرۇپ ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل بىلەن ئامورىيلار ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى.
15سامۇئىل بولسا پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى سورىدى.
16ھەر يىلى ئۇ بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەل، گىلگال ۋە مىزپاھلارنى ئايلىنىپ، مۇشۇ يەرلەردە ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى.
17ئاندىن ئۇ راماھقا يېنىپ باراتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شۇ يەردە ئىدى ھەم ئۇ ئۇ يەردىمۇ ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. ئۇ ئۇ يەردىمۇ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغانىدى.