Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:24-32

Help us?
Click on verse(s) to share them!
24پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئاقلاش جاۋابىنى بەرگەندە، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! بىلىمىڭنىڭ كۆپلىكى ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! ــ دېدى.
25لېكىن پاۋلۇس‫‪:‬‬ ــ ساراڭ ئەمەسمەن، ئى فېستۇس جانابلىرى، مەن بەلكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ھەم سالمىقى بار سۆزلەرنى جار قىلىمەن.
26چۈنكى ئاگرىپپا ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. مەن ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن ئوچۇق سۆزلەۋاتىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ‫‪‎-‎‬‬پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس!
27ــ ئەي ئاگرىپپا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ مەن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ــ دېدى.
28ئاگرىپپا پاۋلۇسقا‫‪:‬‬ ــ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا خرىستىئان بولۇشقا قايىل قىلماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى.
29پاۋلۇس‫‪:‬‬ ــ مەيلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا بولسۇن، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بۈگۈن سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بولغاي (پەقەت مەندىكى زەنجىرلەر سىلەردە بولمىسۇن!) دەپ خۇدادىن تىلەيمەن، ــ دېدى.  
30شۇنىڭ بىلەن ئاگرىپپا خان، شۇنداقلا ۋالىي، بەرنىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ،
31زالدىن چىقىپ، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ ــ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك ھېچبىر جىنايىتى يوق ئىكەن! ــ دېيىشتى.
32ئاگرىپپا فېستۇسقا‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلمىغان بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! ــ دېدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:24-32روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:24-32