Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمدى ئانانىياس ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سافىرا بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى.
2ئانانىياس پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇردى، يەنى بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىپ، روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى.
3بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئانانىياس، نېمىشقا قەلبىڭنى شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇپ، مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتىپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇردۇڭ؟
4يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭكى ئەمەسمىدى؟ سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆز ئىختىيارىڭدا بولمامتى؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا قەلبىڭدە بۇ ئىشنى نىيەت قىلدىڭ؟ سەن ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا يالغان ئېيتتىڭ! ــ دېدى.
5ئانانىياس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.
6ئەمدى ياش يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇپ جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى.
7تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، ئانانىياسنىڭ ئايالى كىرىپ كەلدى؛ بىراق ئۇ بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىدى.
8پېترۇس ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئېيتقىن، سىلەر يەرنى مۇشۇ پۇلغا ساتتىڭلارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق، مۇشۇنچىلىك پۇلغا ساتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
9پېترۇس‫‪:‬‬ ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناشقا تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قارا، ئېرىڭنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ پۇتلىرى ئىشىك تۈۋىدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىمۇ ئەكېتىدۇ! ــ دېدى.
10ئۇمۇ شۇئان ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياش يىگىتلەر كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى.
11پۈتۈن جامائەتنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەربىرىنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.
12روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق ئېتىقادچىلار بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى.
13بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى.
14شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ‫‪‎-‎‬‬توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى).
15شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى.
16يەنە توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.
17باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى سادۇقىي مەزھەپىدىكىلەر قوزغىلىپ بۇ ئىشلارغا غەزەپلىنىپ،
18روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى.

19لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬
20ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار ــ دەپ تاپىلىدى.
21روسۇللار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى كەلگەندە، ئۇلار ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر ۋە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى جەم بولۇشقا چاقىردى. ئاندىن روسۇللارنى ئېلىپ كەلسۇن دەپ قاماقخانىغا ئادەم ئەۋەتتى.
22لېكىن سىپاھلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، روسۇللارنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە‫‪:‬‬
23ــ بىز بارساق، زىندان مەھكەم تاقاقلىق تۇرۇپتۇ، قاراۋۇللارمۇ دەرۋازىلىرىدا كۆزەتتە تۇرۇپتۇ. لېكىن دەرۋازىلارنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! ــ دەپ مەلۇمات بەردى.
24بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىبادەتخانىدىكى مەسئۇل كاھىن ھەم قاراۋۇللارنىڭ باشلىقى ۋە باش كاھىنلار‫‪:‬‬ ــ «ئەمدى بۇ ئىش زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟» دېيىشىپ ئالاقزادىلىككە چۆمدى.
25دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ‫‪:‬‬ ــ قاراڭلار، سىلەر زىندانغا قامىغان ئادەملەر ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرۇپ خالايىققا تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى.
26بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى سىپاھلىرىنى باشلاپ بېرىپ، روسۇللارنى ئېلىپ كەلدى. بىراق ئۇلار خالايىق بىزنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىشى مۇمكىن دەپ قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.
27ئۇلار روسۇللارنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمىدىكىلەر ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش كاھىن ئۇلارنى سوراق قىلىپ‫‪:‬‬
28ــ بىز ئەسلى سىلەرنى بۇ نامدا كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدۇق. لېكىن مانا، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلار بىلەن پۈتكۈل يېرۇسالېمنى قاپلىدىڭلار ھەمدە بۇ كىشىنىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! ــ دېدى.  
29لېكىن پېترۇس ۋە باشقا روسۇللار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا ئىتائەت قىلىش كېرەك!
30سىلەر تۇتۇپ ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسانى، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىمىزنىڭ خۇداسى تىرىلدۈردى.   
31خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى.
32بىز بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىلارمىز؛ شۇنداقلا خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇر.
33ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قەلبىگە سانجىلغاندەك بولۇپ روسۇللارنى ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەتلەشتى.
34لېكىن كېڭەشمە ئىچىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي مەزھىپىدىكى گامالىيەل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۆلىماسى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ ئۇلارنى بىردەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى.
35ئاندىن ئۇ كېڭەشمىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار!
36ئىلگىرى، ھېلىقى تەۋداس ئىسىملىك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم قوشۇلدى. بىراق ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرۈلدى ۋە بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئىشى يوققا چىقتى.   

37ئاندىن كېيىن نوپۇس تىزىملاش كۈنلىرىدە، گالىلىيەلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ يوقىتىلىپ، بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن.
38ئەمدى سىلەرگە نەسىھىتىم شۇكى‫‪:‬‬ بۇ كىشىلەر بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭلار. چۈنكى ئەگەر بۇ ئېقىم ياكى بۇ ئىش پەقەت ئىنساندىن كەلگەن بولسا، جەزمەن يوققا چىقىدۇ.
39لېكىن ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلار خۇداغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بولۇپ چىقىسىلەر!
40ئالىي كېڭەشمىدىكىكىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇلار روسۇللارنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلىمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى.
41روسۇللار ئەمدى كېڭەشمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى.   
42ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيمۇئۆي بېرىپ تەلىم بېرىشتىن ۋە «ئەيسا ــ مەسىھدۇر!» دېگەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشتىن ھېچ توختىمىدى.