1بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا بىرنەچچە مەھبۇسنى «ئاۋغۇستۇس قىسمى»دىكى يۇلىيۇس ئىسىملىك بىر يۈزبېشىغا تاپشۇردى.
2بىز ئادرامىتتىئۇمنىڭ بىر كېمىسىگە چىقتۇق. كېمە ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە باراتتى. تېسالونىكا شەھىرىدىن بولغان ماكېدونىيەلىك، ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى.
3ئەتىسى بىز زىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ غەمخورلىقىنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.
4بىز ئۇ يەردىن يەنە دېڭىزغا چىقتۇق. شاماللار قېرىشقاندەك قارشى تەرىپىمىزدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق.
5كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق.
6شۇ يەردە يۈزبېشى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى ئىتالىيەگە بارىدىغان باشقا بىر كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئۇنىڭغا چىقىرىپ قويدى.
7دېڭىزدا كۆپ كۈنلەر ناھايىتى ئاستا مېڭىپ، تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدۇق. شامال مىڭىش يۆنىلىشىمىزنى توسۇغاچقا، كرېت ئارىلىنىڭ شامالدىن دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ،
8دېڭىزدا تەسلىكتە ئىلگىرىلەپ قىرغاقنى بويلاپ، لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «گۈزەل ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق.
9سەپەر بىلەن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ، روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا پاۋلۇس كۆپچىلىككە نەسىھەت قىلىپ:
10ــ بۇرادەرلەر، بۇ سەپەرنىڭ بالايىئاپەت ۋە ئېغىر زىيان بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن؛ مال ۋە كېمىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، سەپەر ئۆز جېنىمىزغىمۇ زامىن بولىدۇ! ــ دەپ ئاگاھلاندۇردى.
11بىراق يۈزبېشى بولسا پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي، كېمە باشلىقى بىلەن كېمە ئىگىسىنىڭ سۆزىگە ئىشەندى.
12ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پورتمۇ قىشلاشقا مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا، كۆپچىلىك يەنە دېڭىزغا چىقىپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. فېنىكس بولسا كرېت ئارىلىدىكى بىر دېڭىز پورتى بولۇپ، بىر تەرىپى غەربىي جەنۇبقا ۋە بىر تەرىپى غەربىي شىمالغا قارايتتى.
13جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، كۆپچىلىك نىشانىمىزغا يېتىدىغان بولدۇق دەپ، لەڭگەرنى ئېلىۋېتىپ، كېمىنى كرېت ئارىلىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ ھەيدەپ ماڭدى.
14لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق «شەرقىي شىمالدىن كەلگۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەشەددىي قارا بوران چىقىپ كەتتى.
15كېمە بۇراننىڭ قاماللىقىدا قالغاچقا، ئۇنى شامالغا يۈزلەندۈرەلمەي، بوراننىڭ مەيلىچە مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق.
17كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق. ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش-قۇم دۆۋىلىرىگە قېقىلىپ پېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، تورمۇز لەڭگەرلىرىنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى شامالنىڭ ھەيدىشىگە قويۇپ بەردى.
18بوران ئۈستىمىزگە شىددەتلىك سوققاچقا، ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى.
19ئۈچىنچى كۈنىدە ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن كېمىدىكى قورال-جابدۇقلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
20كۆپ كۈنلەرگىچە يا كۈن يا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەي، بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك ئۈستىمىزگە توختىماي سوقۇۋەرگەچكە، ئاخىردا قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزمۇ يوققا چىققانىدى.
21كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە كۆپ كۈنلەر بولغاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ بۇرادەرلەر، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىپ كرېتتىن دېڭىزغا چىقماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭلار بۇ بالايىئاپەت ۋە زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتىڭلار.
22لېكىن ئەمدى سىلەرنى غەيرەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى ئاراڭلاردا ھېچقايسىڭلار جېنىدىن ئايرىلغىنى يوق، پەقەت كېمىدىنلا مەھرۇم قالىسىلەر.
23چۈنكى مەن تەۋە بولغان ۋە ئىبادەت-خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۈنۈگۈن كېچە يېنىمغا كېلىپ
24ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك؛ ۋە مانا، خۇدا شاپائەت قىلىپ سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى تىلىگىنىڭنى ساڭا ئىجابەت قىلدى!» دېدى.
25شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئەپەندىلەر، غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى خۇداغا ئىشىنىمەنكى، ماڭا قانداق ئېيتىلغان بولسا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
26بىراق بىز مەلۇم ئارالنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ.
27سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈن نىسپىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قېلىپتۇق، دەپ ئويلىدى.
28ئۇلار چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچەش ئارغامچىسىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، يىگىرمە غۇلاچ چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئون بەش غۇلاچ چىقتى.
29ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ، تاڭ ئېتىشنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ تۇردى.
30لېكىن كېمىچىلەر كېمىدىن قاچماقچى بولۇپ كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەرنى ئېلىپ تاشلىۋېتەيلى دەپ باھانە كۆرسىتىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى.
31پاۋلۇس يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەرگە: ــ بۇ كېمىچىلەر كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! ــ دېدى.
32بۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى.
33تاڭ ئاتاي دېگەندە، پاۋلۇس ھەممەيلەننى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ: ــ سىلەرنىڭ دەككە-دۈككە ئىچىدە ھېچنېمە يېمەي تۇرغىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى.
34ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. چۈنكى ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ چۈنكى ھېچقايسىڭلارنىڭ بېشىدىكى بىر تال مويمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! ــ دېدى.
35بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ يېدى.
36شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ غىزالىنىشقا باشلىدى
37(كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق).
38ھەممەيلەن قورساقلىرىنى توقلىغاندىن كېيىن، كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
39تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنىڭ نە ئىكەنلىكىنى تونۇمىدى. لېكىن ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە ئۇرۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى.
40ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنى بوشىۋېتىپ، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنىڭ ئىككى يۆنىلىش پالىقىنىڭ باغلىرىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى شامالغا چىقىرىپ، كېمىنى قۇملۇقنىڭ قىرغىقىغا قارىتىپ ماڭدۇردى.
41ئەمدى ئىككى ئېقىم بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرگە كىرىپ قېلىپ، ئۇلار كېمىنى قىراققا سوقتۇرۇۋالدى؛ كېمىنىڭ بېشى دېڭىز تېگىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ، مىدىرلىماي قالدى، لېكىن كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.
42لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى.
43لېكىن يۈزبېشى پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ قىرغاققا چىقىشىنى،
44قالغانلارنىڭ بەزىلىرىنى تاختايلارغا، بەزىلىرىنى كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرىغا ئېسىلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق بولدىكى، ھەممەيلەن قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قۇرۇقلۇققا چىقتى.