1«ئۇز» دېگەن يۇرتتا، ئايۇپ ئىسىملىك بىر ئادەم ياشىغانىدى. بۇ ئادەم بولسا قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان، يامانلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغان ئادەم ئىدى.
2ئۇنىڭدىن يەتتە ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز تۇغۇلدى.
3ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ كالا، بەش يۈز مادا ئېشەك قاتارلىق مال-مۈلكى بار ئىدى. ئۇنىڭ مالايلىرى بەك كۆپ ئىدى؛ ئۇ شەرقلىقلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىدى.
4ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بويىچە بېكىتكەن كۈندە ئۆز ئۆيىدە باشقىلار ئۈچۈن داستىخان سېلىپ زىياپەت قىلاتتى. بۇ كۈنلەردە ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۈچ سىڭلىسىنى ئۇلار بىلەن بىللە تاماقلىنىشقا چاقىرىتاتتى.
5ئۇلارنىڭ شۇ زىياپەت كۈنلىرى ئاياغلىشى بىلەن ئايۇپ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلىنىشقا ئورۇنلاشتۇراتتى. ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سانىغا ئاساسەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. چۈنكى ئايۇپ: «بالىلىرىم گۇناھ قىلىپ قويۇپ، كۆڭلىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويامدىكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ ھەردائىم ئەنە شۇنداق قىلىپ تۇراتتى.
6بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى.
7پەرۋەردىگار شەيتاندىن: ــ نەدىن كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ يەر يۈزىنى كېزىپ پايلاپ، ئۇياق-بۇياقلارنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ كەلدىم، دېدى.
8پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم يوق، ــ دېدى.