Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 7

لۇقا 7:5-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5چۈنكى ئۇ بىزنىڭ يەھۇدىي ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، ــ دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى.
6ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى‫‪:‬‬ ــ «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن.
7شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، قۇلۇم ساقىيىپ كېتىدۇ.
8چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ».
9ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈزبېشىغا تەئەججۈبلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا‫‪:‬‬ دەرۋەقە، ھەتتا ئىسرائىلدىمۇ بۇنداق زور ئىشەنچنى تاپالمىغانىدىم! ــ دېدى.
10يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى.
11بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ نائىن دېگەن بىر شەھەرگە باردى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە يەنە توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
12ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە‫‪‎-‎‬‬يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى.
13رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ‫‪:‬‬ ــ يىغلىمىغىن، ــ دېدى.
14شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! ــ دېدى.   
15ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. ئەيسا ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
16ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ‫‪:‬‬ ــ «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ دېيىشتى.  
17ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.
18يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ئەمدى بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھيا مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئۆزىگە چاقىرىپ،
19ئۇلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
20ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ‫‪:‬‬ ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سەندىن‫‪:‬‬ «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە يېنىڭغا ئەۋەتتى ــ دېدى.
21دەل شۇ ۋاقىتتا ئەيسا ئاغرىق‫‪‎-‎‬‬سىلاق ۋە كېسەل‫‪‎-‎‬‬ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى.
22شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ ــ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار.
23ئۇنىڭغا يەنە‫‪:‬‬ «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
24يەھيانىڭ ئەلچىلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ‫‪:‬‬ ــ «سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟
25ياكى ئېسىل كىيىم كىيگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، ئەيش‫‪‎-‎‬‬ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ!
26ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ بولسا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر.
27چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى‫‪:‬‬ ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ يېزىلغان سۆز مانا دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغاندۇر.   
28چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى يوق؛ ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ
29(ئەمدى يەھيانى ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى.

Read لۇقا 7لۇقا 7
Compare لۇقا 7:5-29لۇقا 7:5-29