Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 36

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يەھۇدا زېمىنىدىكى خەلق يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى تاللاپ، يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
2يەھوئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي سەلتەنەت قىلدى.
3مىسىر پادىشاھى ئۇنى يېرۇسالېمدا پادىشاھلىقتىن بىكار قىلدى ۋە يەھۇدا زېمىنىغا بىر يۈز تالانت كۈمۈش، بىر تالانت ئالتۇن جەرىمانە قويدى.
4ئاندىن مىسىر پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىنىسى ئېلىئاكىمنى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى؛ ئاندىن نەقو ئىنىسى يەھوئاھازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.
5يەھوئاكىم تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
6بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىقىپ، ئۇنى مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
7نېبۇقادنەسار يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى بىر قىسىم ئەسۋاب‫‪‎-‎‬‬بۇيۇملارنى بابىلغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ بابىلدىكى بۇتخانىسىغا قويدى.
8يەھوئاكىمنىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرى، ئۇنىڭدىكى ئەيىبلەر بولسا مانا، «ئىسرائىل ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ئۇنىڭ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
9يەھوئاكىن تەختكە چىققان چېغىدا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
10يېڭى يىل ئۆتكەندە، نېبوقادنەسار ئادەم ئەۋەتىپ يەھوئاكىننى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئېسىل بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە بابىلغا ئەكەلدۈرۈپ، يەھوئاكىننىڭ تاغىسى زەدەكىيانى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
11زەدەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛
12ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەرەمىيانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن قىلمىدى؛
13ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ نامىدا بېقىنىش قەسىمىنى ئىچكۈزگەن نېبوقادنەساردىن يۈز ئۆرىدى؛ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا توۋا قىلىپ يېنىشقا كۆڭلىنى جاھىل قىلدى.
14ئۇنىڭ ئۈستىگە، كاھىنلارنىڭ بارلىق باشلىرى بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى يات ئەللىكلەرنىڭ ھەممە يىرگىنىچلىك ئىشلىرىنى دوراپ، ئاسىيلىقلىرىنى ئاشۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۆزىگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان ئۆينى بۇلغىۋەتتى.
15ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ۋە تۇرالغۇسىغا ئىچىنى ئاغرىتقاچقا، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى.
16بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز‫‪‎-‎‬‬كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
17پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن كالدىيلەرنىڭ پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇمغا سېلىۋىدى، پادىشاھ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئۆيىدە ياشلىرىنى قىلىچلىدى؛ قىز‫‪‎-‎‬‬يىگىتلەر، قېرىلار، بېشى ئاقارغانلارغا ھېچ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ خۇدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كالدىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
18كالدىيە پادىشاھى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى چوڭ‫‪‎-‎‬‬كىچىك دېمەي، بارلىق قاچا‫‪‎-‎‬‬بۇيۇملارنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى، شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ خەزىنىلىرىنى قويماي، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.

19كالدىيلەر خۇدانىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى چېقىۋەتتى، شەھەردىكى ھەممە ئوردا‫‪‎-‎‬‬قورغانلارغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمدىكى بارلىق قىممەتلىك قاچا‫‪‎-‎‬‬بۇيۇملارنى چېقىپ كۇكۇم‫‪‎-‎‬‬تالقان قىلدى.
20قىلىچتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى كالدىيە پادىشاھى بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتتى؛ ئۇلار تاكى پارس پادىشاھلىقىنىڭ سەلتەنىتىكىچە بابىل پادىشاھى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ تۇردى.
21بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئالدىن ئېيتقان ئاگاھ سۆزى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولدى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئۆزىگە تېگىشلىك شابات كۈنلىرىگە مۇيەسسەر بولدى؛ چۈنكى زېمىن يەتمىش يىل توشقۇچە خارابىلىكتە تۇرۇپ «شابات تۇتۇپ» دەم ئېلىپ راھەتلەندى.  
22پارس پادىشاھى قۇرەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قۇرەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ‫‪:‬‬ ــ
23«پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ شۇ يەرگە چىقسۇن!» دېدى.