Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1رەھوبوئام يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىپ پادىشاھلىقنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىن جەمەتىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى.
2لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ
3«يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، يەھۇدا بىلەن بىنيامىندىكى ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ ــ
4«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن» ــ دېيىلدى. ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى، يەروبوئامغا ھۇجۇم قىلىشتىن ياندى.
5رەھوبوئام يېرۇسالېمدا تۇراتتى، ۋە يەھۇدادا قورغانلىق شەھەرلەرنى سالغۇزغانىدى.
6ئۇ بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەم، ئېتام، تەكوئا،
7بەيت‫‪‎-‎‬‬زۇر، سوكوھ، ئادۇللام،
8گات، مارەشاھ، زىف،
9ئادورايىم، لاقىش، ئازىكاھ،
10زوراھ، ئايجالون، ھېبروننى ياساتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قورغانلىق شەھەرلەر بولۇپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىننىڭ زېمىنىدا ئىدى.
11ئۇ بارلىق قەلئە‫‪‎-‎‬‬قورغانلارنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۇلاردا سەردارلارنى تەيىنلىدى، زاپاس ئاشلىق، ماي ۋە شارابلارنى تەييارلىدى.
12ئۇ يەنە ھەرقايسى شەھەرلەرنى كۆپلىگەن قالقان ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئالامەت مۇستەھكەملىۋەتتى. يەھۇدا بىلەن بىنيامىن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى.
13پۈتكۈل ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار قايسى يۇرتتا بولمىسۇن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى.
14چۈنكى يەروبوئام بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى لاۋىيلارنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ كاھىنلىق ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى ۋە مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىنى تاشلاپ يەھۇدا زېمىنغا ۋە يېرۇسالېمغا كېلىشكەنىدى
15(چۈنكى يەروبوئام «يۇقىرى جايلار»دىكى خىزمەت ئۈچۈن «تېكە ئىلاھلىرى» ۋە ئۆزى ياسىغان موزاي مەبۇدلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا ئۆزى ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىگەنىدى).
16ۋە بۇ لاۋىيلارغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن كۆڭلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ‫‪‎-‎‬‬ئىزدەشكە ئىرادە تىكلىگەنلەر ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كېلىشتى.
17شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەھۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامنى ئۈچ يىل كۈچلەندۈردى؛ چۈنكى يەھۇدادىكىلەر ئۈچ يىل داۋۇتنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ يولىدا ماڭغانىدى.
18رەھوبوئام ماھالاتنى ئەمرىگە ئالدى. ماھالات داۋۇتنىڭ ئوغلى يەرىموتنىڭ قىزى؛ ئۇنىڭ ئانىسى يەسسەنىڭ ئوغلى ئېلىئابنىڭ قىزى ئابىھايىل ئىدى.

19ماھالاتتىن رەھوبوئامغا يەئۇش، شېمارىيا ۋە زاھام دېگەن ئوغۇللار تۆرەلدى.
20كېيىنكى ۋاقىتلاردا رەھوبوئام يەنە ئابشالومنىڭ نەۋرە قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شېلومىتلارنى تۇغۇپ بەردى.
21رەھوبوئام ئابشالومنىڭ نەۋرە قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالغان بارلىق ئاياللىرى ۋە كېنىزەكلىرىدىن بەكرەك سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ جەمئىي ئون سەككىز ئايال ۋە ئاتمىش كېنىزەكنى ئەمرىگە ئالغان؛ ئۇ جەمئىي يىگىرمە سەككىز ئوغۇل، ئاتمىش قىز پەرزەنت كۆرگەن.
22رەھوبوئام مائاكاھدىن بولغان ئوغلى ئابىيانى قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن چوڭ شاھزادە قىلىپ تىكلىدى، چۈنكى ئۇ ئۇنى پادىشاھلىققا ۋارىس قىلماقچى ئىدى.
23رەھوبوئام ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئوغۇللىرىنى يەھۇدانىڭ بارلىق زېمىنلىرى ۋە بىنيامىننىڭ بارلىق زېمىنلىرىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ناھايىتى كۆپ زاپاس ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تۈلۈك بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۇ يەنە ئۇلارغا نۇرغۇن خوتۇن ئېلىپ بەردى.