1شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھنىڭ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن،
2ئۇ ھىرام ئۆزىگە سوۋغا قىلغان شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.
3سۇلايمان خامات-زوباھ شەھىرىگە بېرىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى.
4ئۇ يەنە چۆلدىكى تادمورنى ۋە ئۆزىنىڭ خاماتتا قۇرغان بارلىق خەزىنە شەھەرلىرىنى يەنە ئوڭشىتىپ قۇردى.
5ئۇ يەنە ئۈستۈنكى بەيت-ھورون بىلەن ئاستىنقى بەيت-ھوروننى سېپىل، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان قورغانلىق شەھەرلەرگە ئايلاندۇردى؛
6بائالاتنى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە خەزىنە شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، ئاتلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەرلەرنى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى.
7ئىسرائىلدىن بولمىغان ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن ئىسرائىل زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا،
8سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقاتمىغان ئەللەرنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشاغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى.
9لېكىن ئىسرائىللاردىن سۇلايمان ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى.
10بۇلاردىن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويغان چوڭ نازارەتچىلىرى بولۇپ، ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى.
11سۇلايمان پىرەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن ئۆزى ئۇنىڭغا سالدۇرغان ئوردىغا ئەكەلتۈردى؛ چۈنكى ئۇ: «ئايالىمنىڭ ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر»، ــ دېدى.
12سۇلايمان بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىدا، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ ئايۋانىنىڭ ئالدىغا سالدۇرغان قۇربانگاھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلاتتى؛
13ــ يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ھەر كۈنى، شابات كۈنلىرىدە، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە ۋە ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە ھېيت كۈنلىرىدە ــ «پېتىر نان ھېيتى»، «ھەپتىلەر ھېيتى» ۋە «كەپىلەر ھېيتى»دىكى كۈنلەردە بېكىتىلگەن بۇرچلۇق قۇربانلىقلارنى قىلاتتى.
14سۇلايمان يەنە ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە كاھىنلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ بۇرچلىرىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن نۆۋەت-گۇرۇپپىلارنى بېكىتتى؛ لاۋىيلارنىڭ ھەر كۈنى مەدھىيە ئوقۇش ۋە كاھىنلارنىڭ ئالدىدا خىزمەتلەرنى ئادا قىلىش بۇرچى بار ئىدى. سۇلايمان يەنە دەرۋازىۋەنلەرنى نۆۋىتى بويىچە ھەر دەرۋازىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بېكىتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى.
15كاھىن-لاۋىيلار پادىشاھنىڭ كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بۇيرۇغانلىرىدىن، مەيلى قانداق ئىش بولسۇن ياكى خەزىنىلەرگە دائىر ئىش بولسۇن ھېچ باش تارتمايتتى.
16پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىشتا، ئۆي ئۇلى سېلىنغان كۈندىن تارتىپ پۈتكۈچە سۇلايماننىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى پۇختا تاماملاندى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى پۈتتى.
17ئاندىن سۇلايمان ئېدوم زېمىنىدا قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئەزىئون-گەبەرگە ۋە ئېلاتقا قاراپ ماڭدى.
18ھۇرام پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارلىرى ئارقىلىق كېمىلەر ۋە دېڭىز يوللىرىغا پىششىق ئادەملىرىنى سۇلايماننىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز ئەللىك تالانت ئالتۇن ئېلىپ، ئۇنى پادىشاھ سۇلايماننىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ كەلدى.